بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا يەنىلا زور ئېشىش كۆرۈلگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى-ساقلاش نازارىتى يىغىن زالىدا ئېچىلغان. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدىن قىسقىچە دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇمات ۋە يۇقۇم ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن شەھەرلەرنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىشىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى تىز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتقان ئىكەن. يىغىندا دائىرىلەر، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خەتەرلىك ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قىيىنچىلىقى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن» دەپ كۆرسەتكەن.

بۈگۈن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، 29-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارىغىمۇ دەل 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دىئاگنوز قويۇلغان.

1988-يىلى 1-ئايدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلدىكى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە تۈرلۈك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ بەلگىسى بولغان قىزىل لېنتا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا، ھەمدە بىرلىكتە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشقا سىمۋوللۇق قىلىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىكى باش تېمىسى 2011-يىلىدىن باشلاپ «نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى» بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ مەنىسى-ئەيدىزنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى، ئەيدىزنى كەمسىتىشنى ۋە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتىنى نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يىللىق باش تېما ئۆزگەرمىدى.

ئۇنداقتا، بىز خىتايدا ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇۋاتقان رايونلار قاتارىدا سانىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالىغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق-2016 يىللىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېنىقلانغان ئەيدىز كېسىلى جەمئىي 50691 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، 2015-يىلى ئاخىرىدىكى ئېنىقلانغان 46780 نەپەر ئەيدىز كېسىلىدىن يەنىلا ئېشىش كۆرۈلگەن. 2015-يىلى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن ئەيدىز بىمارى 36983 نەپەر بولغان بولسا، 2016-يىلى 10-ئايغىچە 39840 نەپەرگە يەتكەن. 2015-يىلى جەمئىي ئەيدىز بىمارلىرى 9180 نەپەر بولسا، 2016-يىلى 10-ئايغىچە جەمئىي ئەيدىز بىمارى 10207 نەپەرگە يەتكەن. ئاساسلىق يۇقۇش يولى نىسبىتىدىن قارىغاندا، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى 24.9%, جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى 67.9% بولغان.

يۇقۇش يولى جەھەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسلەرنىڭ يۇقۇملىنىش سانى بىر قەدەر تىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2016 يىلى بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 7.8% گە يەتكەن. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلىرى ئىچىدە، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى 10.1% بولغان.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا، دېمەك، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزگە دۇچار بولۇۋاتقانلار كۈنسېرى، ئايسېرى، يىلسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن شۇنداقلا گەرچە رايوندا ھەر خىل ئۇسۇل، چارە-تەدبىرلەر بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. دائىرىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان راي سىناش ۋە ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان رايونىدىكى تېز كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ ئاساسەن تۆۋەنلىكىمۇ ئاشكارىلانغان.

ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر خانىم ئاۋازى ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خەتەرلىك ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قىيىنچىلىقى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا» دەپ بىلدۈردى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە،كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر تارقاتقان يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پەقەت دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنى ئاساس قىلىپ ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىكەنلىكى، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۇقەررەر ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ دىئاگنوز قويۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش جەريانىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى رايوندىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولى زەھەر چەككۈچىلەر ئارا ئوكۇلنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولغان بولسا، ھازىر جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقۇش نىسبىتى يېرىمدىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن يۇقۇش يولىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 80%tin كۆپرەكى 20-40 ياشلار ئارىلىقىدىكى ياشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەندىشە قىلغۇدەك دەرىجىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. خىتايدىكى باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ، ئېشىش سۈرئىتى خىتاي بويىچىمۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى ساننى ئىگىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىغا دائىر ئەڭ يېقىنقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار تورلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يادىكار ئەپەندىمۇ، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەل بولۇپ، بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلىملىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن باشقا،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاق كرىزىسى بولۇشى مۇمكىن. خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەمجىنسلەر قاتارلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىدە يات قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەيدا بولۇشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئاللا بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەر، يامان تەسىرلىرى ئەيدىز مەسىلىسى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ تۇرماقتا.

بۇ دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2 يىل بۇرۇنقى بىر تەكشۈرۈشتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئىچىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى كىشىنى چۆچىتىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، ئۇلار ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىدىن ساۋاتسىز بولۇپلا قالماي، ئەقەللىي جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەن. ھەمجىنىسلارنى، ئەيدىزلەرنى كەمسىتىش پسىخىكىسى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ بۇ ئەيدىز توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنىڭ يولىنى توسۇپ، ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولماقتا. دەل بۇ خىل يوشۇرۇنلۇق، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور رىقابەت ھاسىل قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەۋپلىك ئامىل. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارى جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى خەتەرلىك بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە ئىنتايىن جىددىي قاراش كېرەك. زور كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىش شەرت.