ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەيدىز كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار ئەيدىزنى يوقىتىش تەشۋىقات لوزۇنكىسىغا ئىسىملىرىنى يازماقتا. 2013-يىلى 30-نويابىر، ئەنخۇي.
ئەيدىز كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار ئەيدىزنى يوقىتىش تەشۋىقات لوزۇنكىسىغا ئىسىملىرىنى يازماقتا. 2013-يىلى 30-نويابىر، ئەنخۇي.
AFP

بۇ يىل 1-دېكابىر، 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى، بۇ يىللىق ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى «ھەممىمىز ھەرىكەتلىنىپ، ئەيدىزنى «نۆل» گە ئەكىلەيلى.

دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2012-يىلى دۇنيا بويىچە يەنە جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى يېڭىدىن كۆپەيگەن. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە پۈتۈن خىتايدا بايقالغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا 2013-يىلى 9-ئايغىچە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 40 مىڭ 122 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ 7070 نەپىرى ئۆلگەن. ھازىر 25 مىڭ 846 نەپىرى ھايات، 7206 نەپىرى ئەيدىزنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، 1988-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەيدىز سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئەسلەش، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى» بولۇپ،بۇنىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپلىرىنى تىزساق (AIDS) سۆز كېلىپ چىقىدۇ، ھازىرغىچە ئەيدىز دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان ك د 4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ھەمدە ك د 4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە ك د 4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ ئەيدىز ۋىرۇسلىرى يەنە مىليونلىغان ك د 4 ھۈجەيرىلىرىگە چاپلىشىپ، ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىپ، يېڭى-يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ك د 4 ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

ئەيدىز-20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگۇتان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1981-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدا تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان. بۇ بىمار بەچچە (ھەمجىنىس) بولغاچقا، دەسلەپتە ئامېرىكىدا كىشىلەر «مۇشۇنداق بەچچە ئەرلەرلا ئاشۇنداق كېسەل بولىدۇ» دېگەن كۆز-قاراشقا كەلگەن. لېكىن كېيىنچە بۇ خىل كېسەل بەچچە ئەمەس ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلار، ھەتتا بالىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 100مىليوندىن ئاشىدىكەن. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېنىدە ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 35 مىليوندىن ئاشىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى دۇنيا بويىچە جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى يېڭىدىن كۆپەيگەن، ھەمدە 2012-يىلى دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر سانى 2 مىليون 100 مىڭغا يەتكەن.

خىتايدا 1985-يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، 2010-يىلغىچە، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سان 230 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 700 مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا 470 مىڭدەك ئادەم ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي يۈرىدىكەن. 1-دېكابىر خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە پۈتۈن خىتايدا بايقالغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى تەخمىنەن 70مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە %89.9 جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان ھەمدە ھەمجىنىس قىلمىشىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى قۇمۇلدا بايقالغان بولۇپ، 2013-يىلى 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 40 مىڭ 122 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ 7070 نەپىرى ئۆلگەن. ھازىر 25 مىڭ 846 نەپىرى ھايات، 7206 نەپىرى ئەيدىزنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرگەن. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى باسقۇچقا كىرگەن.

2012-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، زەھەرنى تومۇردىن ئۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدىغان ئاساسلىق يۇقۇش يولى نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا ئۆزگەردى؛ ئەر-ئاياللارنىڭ يۇقۇش نىسبىتى بىردەك؛ ئاساسلىق يۇقۇملانغۇچىلار 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى؛ يۇقۇمدارلار ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايوندىكىلەر ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 90.8% ئىنى ئىگىلەيدۇ؛ جەنۇبتا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارماقتا؛ بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىر تۇتاش كېسەللىك باسقۇچىغا كىرىپ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئەيدىز يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، خاس كىشىلەر توپى ۋە قىسمەن رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى بولماقتا، تومۇردىن زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلىق، جىنسىي قىلمىشتىن تارقىلىش ئەھۋالى روشەن ئېشىپ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى بىر قەدەر قىيىن بولماقتا.

ئاخىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى دەۋرلىرى ۋە ئىپادىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقنى كۆزنەك، يوشۇرۇن ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

1) كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل يەنە ئۆتكۈر كلىنكىلىك دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارشىلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ،. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دېگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى «يۇقۇملانمىغان» بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يۇقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەقدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دە، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت (شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دېگەندەك) بىلەن شۇغۇللانغاندىمۇ قارشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.

2) يوشۇرۇن مەزگىل:بۇ مەزگىل يەنە ئالامەتسىز دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15، ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممونت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋېرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممونت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.

3) كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممونت سىستېمىسىنى تەلتۆكۈس دېگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممونت سىستېمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليوز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دېگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى، زەھەر چىكىش-چەكمەسلىكى، روھى ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال يۈرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇن مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.

گەرچە HIV دىن ئىبارەت تارقىلىشچان بۇ ۋابا بايقىلىپ، 30 يىل داۋامىدا نەچچە ئون مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ئىنسانلاردا ئورتاق ۋەھىمە تۇغدۇرغان بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك ھەرىكەت، تەتقىقات ۋە مەسئۇلىيەت ھەم تىرىشچانلىق ئىنسانلارنى ئەيدىزنىڭ داۋاسىنى تېپىشقا قاراپ يېقىنلاشتۇرماقتا. يېقىندا ئامېرىكىدا 18 ئايلىق بىر بوۋاقنىڭ ئەيدىزدىن ساقايتىلغانلىقى، رىۋايەت ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق ۋابانى ھامان يېڭەلەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ئەيدىز ئەتراپىمىزدا! ئۇنى تونايلى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى. ھەممىمىز ھەرىكەتلىنىپ، ئەيدىزنى «نۆل» گە ئەكىلەيلى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت