2017يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ يامرىشى يەنىلا ئېغىر

0:00 / 0:00

ئەيدىز ئىنسانلار ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا يىللاردىن بۇيان خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ 2017-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلغان ئەيدىز ھەققىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمدارلار ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنە 5227 نەپەر كۆپەيگەن. قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان نۇقتىغا ئايلانغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئىزچىل تۈردە يامرىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە باغلاپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

1-دېكابىر 30-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئەيدىز كۈنى». بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ 2017 -يىلدىكى ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى «مېنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقۇم» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدىلىكى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىچە:

2017-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 43484 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز بىمارى 11322 نەپەر. بۇ مەزگىلدە يېڭىدىن يەنە 5227 يۇقۇمدار كۆپەيگەن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرى ئىچىدىكى ئەر-ئاياللار نىسبىتى 5:1.1 بولۇپ، ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى 7.21 پىرسەنتنى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى (ھەمجىنسلار مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تارقىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 3.72 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئوخشاش ئوبلاست دەرىجىلىك كونا يۇقۇم رايونلىرىدا يۇقۇم ئەھۋالى تۇراقلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئومۇمىي ئادەم سانى كۆپرەك بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىپىسى ئېغىر؛ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە.

ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشى ئاساسلىق تارقىلىش شەكلى بولۇپ، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش سۈرئىتى تېزلىكتە ئاشماقتا. بەزى جايلاردا ئەر ھەمجىنسلەر ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇش-تارقىلىش نىسبىتى تېز ئۆرلەپ 7 پىرسەنتتىن ئاشقان. 2017-يىلى ھەمجىنسلار جىنسىي مۇناسىۋىتى ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار سانى بىر يىل ئىچىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى نىسبىتىنىڭ 7.5 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

ئۇندىن باشقا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشقا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ سانى 2010-يىلىدىكى 48 دىن 2017-يىلىدىكى 94 گە يېتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلىرىنى داۋالاش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن تەمىنلىنىلدى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئورۇنلار كۆپ يىللاردىن بۇيان «ئاپتونوم رايوندا باشتىن-ئاخىر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى،» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى ھەر بىر ئادەم ئۆز ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارى دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىشى، جەمئىيەت ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈنمەي، كۈندىن كۈنگە يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشى، يۇقۇش يوللىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ مۈشكۈل بولۇشتەك ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا سەل قاراۋاتقانلقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ساۋاتسىزلىق تۈپەيلىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى ئارتىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدىكى زۆرۈر بىلىملەرنى خەلققە يەتكۈزۈشتە سەل قارىغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ يەتكۈزگەندەك ئەيدىزدىن ساقلىنىش بىلىملىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا بىرمۇ-بىر يەتكۈزەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەن.

ھازىر دۇنيادا ۋە خىتايدا مەۋجۇت بولغان مېدىتسىنا شارائىتى بويىچە، ناۋادا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ بايقالسا، دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىش ئارقىلىق بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ۋىرۇسنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ۋىرۇس مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇملانمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش نورمال داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقى تامامەن مۇمكىن ئىكەن. بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەرقانداق بولۇڭ-پۇچقاقتىكى ھەر سېكنۇتلۇق ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ نازارەت قىلالايدىغان بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئەيدىز يۇقۇمىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئەمما مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرماي كەلگەنلىكىدە ئىكەن.

خىتاي مىقياسىدىلا ئەمەس يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەر ھەمجىنسلەر ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇش-تارقىلىش نىسبىتى تېز ئۆرلەپ 7 پىرسەنتتىن ئاشقان بولۇپ، ياشلار، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولماقتىكەن.

تۈركىيەدە داۋالاش ئىشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان دوختۇر گۈلگىنە خانىم، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە 20 يىللىق ئاياللار كېسەللىرى دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان مەسىلىنىڭ دەل ئەر ھەمجىنسلەر ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ياشلار ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۈلگىنە خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشىغا قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. شۇنداقلا ھەمجىنىسلارنىڭ يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىلىشىش يوللىرىمۇ ناھايىتى قولايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قالايمىقان مۇناسىۋىتى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپنى چوڭايتقان ئىكەن.

گۈلگىنە خانىم يەنە «ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئېنىق، ئەيدىزنىڭ ھەر خىل قىلمىشلار ئارقىلىق تارقىلىش يوللىرىغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەمجىنىسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ھەمجىنسلارغا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك،» دەپ كۆرسەتتى.