2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن «ئون چوڭ ھاۋارايى ئاپىتى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2013-يىللىق ھاۋارايىدا كۆرۈلگەن «10 چوڭ ئاپەت» نى ئېلان قىلغان.

«10 چوڭ ئاپەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھاۋارايى ھادىسىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىلدىن-يىلغا ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىدىكى ئېغىر بۇزۇلۇشنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋارايىدا ئىلگىرى ئاز كۆرۈلىدىغان قارا قۇيۇن ۋە قارا يامغۇر ئاپەتلىرى شۇنداقلا تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئىسسىپ كېتىشى ياكى سوۋۇپ كېتىشىدەك پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەر كىشىلەردە جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ھاۋارايىدىكى «10 چوڭ ئاپەت» نىڭ ئۈچىنى قارا يامغۇر ئاپىتى تەشكىل قىلغان. ئۇندىن باشقا قۇم-بوران ئاپىتى، مۆلدۈر ئاپىتى، قارا قۇيۇن ئاپىتى، تۇمانلىق ھاۋارايى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆرلەش ياكى سوۋۇپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان كەسپى - بىئولوگىيە ئىلمىنى چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئېكولوگىيىلىك مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە توختالدى.

ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە تەبىئىي بايلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور پەيزۇللا زەيدىنمۇ بۇ ھەقتە رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە كىلىماتىدا يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي نورماللىقنىڭ ئەڭ ئاۋۋال مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدا كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت بۇزۇلۇشى ۋە كىلىمات كرىزىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا، ئالدى بىلەن قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسىدىكى ئېكولوگىيە زەنجىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر ھايۋانات ياكى ئۆسۈملۈك تۈرى نەسلىنىڭ يوقىلىشىنىڭ شۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكتور پەيزۇللا ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋارايىدا كۆرۈلگەن ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەر ئىچىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئىسسىپ كېتىشىنىڭ دىققەتنى چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كۆچمە نوپۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوستانلىقلارنىڭ سىغدۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىمىلىكىگە قارىماستىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مۇھىتتىكى ئەكس-تەسىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-يانۋار ئاخىرلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا كۆپلىگەن ۋەكىللەر بىردەك ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ كرىزىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى خىتايدىكى سۇ ئەڭ قىس 30 شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، شەھەرنى تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسىنى جىددىي يوسۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە بارغان. ئۈرۈمچىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان سايئوپا كۆلىنىڭ قۇرۇشقا يۈز تۇتۇشى مەركىزىي شەھەرنىڭ سۇ مەسىلىسىدىكى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان جىددىي كرىزىسنى ئاشكارا قىلغان. دوكتور پەيزۇللا ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋارايىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئاپەتلەر بىلەن بىر قاتاردا مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.