«زېمىن بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىق بولمايدۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.07.20
qurghaqchiliq-exlet-uyghur-muhit.JPG قۇرغاقچىلىق ۋە ئەخلەت دۆۋىسى بىلەن ئورالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى ياز.
RFA/Qutlan

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «زېمىن بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىق بولمايدۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماتېرىياللىرى ۋە كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بىۋاسىتە سۆھبەتلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان مەسىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىگە قىلىۋاتقان بېسىمى ئىكەنلىكى يەكۈنلەپ چىقىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. خىتاي مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى ھەم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ جىددىيلىكى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن دوكلاتلارنى تەييارلاپ ئېلان قىلىپ كەلگەن ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاكتىۋىزمىنى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھىت مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئەپ كېلىش ھەرىكىتىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى مۇلاھىزە قىلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىش مەسىلىسىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئاكتىۋىزىمىنى باستۇرۇش، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشىنى چەكلەش، ئۇلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە مەركەزلەشتۇق.»

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىدىن پايدىلاندى ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. بۇ سىياسەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا نۇرغۇن خىتاي كۆچمەن كۆچۈرۈلدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زىيان بېرىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 1964-يىلىدىن 1996 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن قېتىم يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى تولۇق بىلىنمىگەن بىر ۋاقىتتا ئىشەنچلىك پاكىتلاردىن يادرو سىنىقى ۋە بۇلغانغان تۇپراقنىڭ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئاپەت خاراكتېرلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.»

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلە ئاساسلىق ئۈچ كاتېگورىيەگە يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇيغۇر رايونىدىكى يادرو سىناقلىرى تۈپەيلىدىن بۇلغانغان تۇپراق ۋە بۇنىڭ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنى. ئىككىنچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراققا كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۈچىنچىسى، خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى.

ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يادرو سىناقلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بولۇپمۇ لوپنۇر رايونىنىڭ سۇ ۋە تۇپرىقى ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان. ئەمما دائىرىلەر ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىر رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇ بۆلۈمدە يورۇتماقچى بولغىنىمىز يەرلىكتىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يادرو سىنىقى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيىنى ھازىرغىچە تېخى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگىنىدۇر.»

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ۋە شۇنىڭدەك باشقا سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قالايمىقان زېمىن ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، نېفىت ۋە باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشى، سۇنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى دېگەندەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

ھېنرىي ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا ئۆز زېمىنىدىكى مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە ھېچقانداق سۆز ھەققى ياكى بۇ ھەقتىكى قارارلارنى ئېلىش ھەققى بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مۇھىت مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشى چەكلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ھوقۇقى باستۇرۇلماقتا. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئېلىش باسقۇچىدا ئورۇن بېرىلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمى ۋە پىكىرلىرى نەزەرگە ئېلىنماي كەلمەكتە.»

ھېنرىي ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى، مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى كۆمۈر گازى زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشتەك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ زور پەرقنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتايلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ نامايىش قىلالايدىغانلىقىنى، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇردىن ‹ئەگەر سىلەر 3 ئۇيغۇر بىر يەرگە كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە نامايىش قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟› دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا ‹ بۇ مۇمكىن ئەمەس، بىر قانچە ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ھۆكۈمەت بۇنى گۇمانلىق ھەرىكەت، دەپ قارايدۇ› دېدى. يەنى بۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقتىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار چوقۇم ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈن تەرتىپكە ئەكېلىشى ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلالىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بۇمۇ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بىر ئامىل.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۆز دوكلاتىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان. ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىكتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ بېكىتىلىشىدە ئورۇن ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش، بۇ ھەقتە ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇنازىرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىش، نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، يېزا ئىگىلىككە دائىر سىياسەتلەردە سۆز بېرىلىشى، ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتى مەسىلىسىدە تەڭپۇڭلۇقنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.