ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكىدىكى قالايمىقانچىلىق 10 چەكلەش بىلەنلا تىزگىنلىنەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.09.18
Sayram-koli-bulghuniwatqan-muhit-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت پائالىيىتىدە ئەخلاقسىزلىق، مۇھىتنى ئاسرىماسلىق، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماسلىقتەك مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى، زور مۇھىت بۇلغىنىش، بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى، بىزارلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى، ساياھەتچىلىكتىكى مۇشۇ خىل قالايمىقانچىلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئۆكتەبىردىن باشلاپ «ساياھەتتە 10نى چەكلەش» چارىسىنى يولغا قويىدىكەن، ئۇنداقتا دائىرىلەرنى بۇ يېڭى چارىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلغان قانداق مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇ 10 تۈرلۈك چارە بىلەنلا ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرىنى تۈگەتكىلى بولارمۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 20 يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئورۇنلار، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار، قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرە-بۈزرۈكۋارلىرى ئىشقىلىپ يېتىپ بارغىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغانلا بولسا، ھېچنېمە قالماي ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى ۋە داۋاملىق ئېچىلماقتا. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت ئا 5 دەرىجىلىك ساياھەت ئورنىدىن بەشى بار... ئۇيغۇر دىيارى ئاز تېپىلىدىغان گۈزەل سېھىرلىك زېمىن، شۇڭا ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيمەكتە. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلى ساياھەت رايونلىرى خىتاي ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىدىن 21 مىليون 627 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 28.73% كۆپ بولغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۈنسايىن كۆپەيتمەكتە ئىكەن.

ياخشىغۇ! ساياھەتچىلىك ساھەسى تەرەققىي قىلسا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىققۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق، ئەمما مەسىلە شۇكى، ساياھەتچىلىكتىكى مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرى تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىت بىخەتەرلىكىگىچە كېڭەيمەكتە. مەدەنىي، ئىناق ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەتلىك ساياھەتچى بولۇش بىز كۆپچىلىكنىڭ مەجبۇرىيىتى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، ئاممىۋى تور بېكەتلەردىكى ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، گەرچە خىتاينىڭ پۇقرالىرىغا قاراتقان مەدەنىي ساياھەتچىلىك بەلگىلىمىلىرىدە ھەتتا «باشقىلارغا قاراپ چۈشكۈرمەسلىك»تىن تارتىپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش، ساياھەتچىلىك قائىدىلىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار گۈزەل يۇرتىغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى قوغدىماسلىقى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلاردىمۇ ھەتتا مازارلىق، تاۋاپ ئورۇنلىرىدىمۇ ھاراق، شاراب ئىچىپ ئەخلەت قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلماي، جامائەت سورۇنلىرىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ نورمال تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدىماي چىملىق، دەل دەرەخ،گۈل ۋە مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ، ھايۋانلارنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، زەخم يەتكۈزۈش.مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا خەت يېزىپ، ئۈستىگە يامىشىپ، رەسىمگە تارتقاندا بەلگىلىمىگە رىئايە قىلماسلىق، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسرىماسلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلماسلىق، مەسچىتلەرگە، دىنىي سورۇنلارغا ئىختىيارىچە كىيىپ كىرىپ، تازىلىققا، ئاممىۋى ئەخلاققا مۇخالىپ ھەرىكەتلەردە بولۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىقتەك قىلمىشلىرىغا شاھىت بولماقتا. شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ يۇرتىغا، تەبىئەتكە، ئىجتىمائىي ئەخلاققا، ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرلىرى ھەققىدە سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ غۇلغۇلا قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئېلى ساياھەت ساھەسىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەتچىلىكىدە 10نى چەكلەشتىن ئىبارەت يېڭى بەلگىلىمىنى چىقارغان ۋە بۇ بەلگىلىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەت شىركەتلىرى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىدىكەن، مەزكۇر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىك ساھەسىدە يولغا قويۇلىدىغان 10نى چەكلەش دائىرىسىگە خىتاينىڭ ساياھەت قانۇنىغا يەنىمۇ كونكرېت ھالدا «ساياھەتچىلەرگە سۈپەتسىز ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساتماسلىق، قانۇنسىز ھالدا ساياھەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق» قاتارلىق ساياھەت ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارغا قارىتا چەكلىمىلەردىن باشقا، ساياھەتچىلەرگە قارىتا «ساياھەتچىلەرنىڭ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىغا مۇخالىپ سۆز-ھەرىكەتلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئورۇن ۋە مۇلازىملارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ يەرلىك ساقچى، ئامانلىق قوغداش دائىرىلىرىنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىشى قاتارلىقلارنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا بۇ 10نى چەكلەش چارىسىنى چىقىرىشقا نېمە مەجبۇر قىلدى؟
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ قارا قويۇق ئېچىۋېتىلىشىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى، يەرلىك خەلقنىڭ ئىنكاسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان رېئال بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ دائىرىلەرنى بۇ خىل 10نى چەكلەشنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تۈزۈلمە كونكرېتلاشماي تۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلمەي مۇھىمى دائىرىلەردە نېمىنى ھەممىدىن بەكرەك قوغداش ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ، ساياھەتچىلىك مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ئاپەتنىڭمۇ ئوخشاشلا چوڭىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرىگە قارىغاندا، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان بولۇپ، 4-قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بايرامغا بۇ يىل ئەسلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيىسى ئاساسىدا يېڭىدىن شىمالىي شىنجاڭ لىنىيىسى قوشۇلغان.

1-ئۆكتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك بايرام جەريانىدا «مىڭ ئاپتوموبىل، ئون مىڭ كىشىنىڭ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈشى»، «تەڭرىتاغنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى ئۆز ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەت ئىدارىسى يېڭى چىقارغان 10 نى چەكلەش بەلگىلىمىسىمۇ-1 ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.