رۇسىيە ئۇيغۇر رايونىدىن سۈنئىي ھەمراھ راكېتاسىنىڭ پارچىلىرى چۈشىدىغان يەر ئىجارە ئېلىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

رۇسىيە 2020-يىلى «پروتون-يورۇقلۇق» ناملىق راكېتاسى، 2025‏-يىلى «شۇڭقار» ناملىق راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى يېقىندا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، «پروتون-يورۇقلۇق» ۋە «شۇڭقار» ناملىق راكېتالار بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پروگراممىسىنى تونۇشتۇرغان.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا»تورى، «خەۋەرلەر» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئاخبارات يىغىنىدا رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر زېمىننى ئىجارىگە ئالىدىغانلىقى، سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان رۇسىيە راكېتا پارچىلىرىنىڭ ئىجارە ئالغان شۇ زېمىنغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە زېلكوسكىي ئالەم بوشلۇقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ئاندرېي يونىن، ئالەم بوشلۇقى دىنامىك كۈچى سەۋەبلىك راكېتا پارچىلىرىنىڭ 150 كىلومېتىر دائىرىگە تارقىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك خەۋپىنى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ سابىق پودپولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردى بولسا بۇ «قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدىغان نەرسە» دېدى. ئۇ: «ھازىرغىچە زامانىۋى تېخنولوگىيىدە قانچە قىلغىنى بىلەن بەرىبىر بۇ خىمىيىۋى رېئاكسىيە قالدۇقلىرى ھەممىسى زەھەرلىك. ئۇ چۈشسە ئۇيغۇر زېمىنىنى يەنە لوپنۇر ئاتوم پالىگونىدەك زەھەرلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۇ قالدۇقلار ھەر دائىم ھېسابلىغاندەك، يېزىلغاندەك مېتىر-مېتىر ئەمەس، كۆپىنچە ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ يېرىلىۋاتقان، ئىشلىمەي قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. ئۇ مەسىلەن، ئۈرۈمچىگىمۇ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن شەھەرنىڭ تۆپىسىگە ۋاھا-كازا. ئۇيغۇر رايونىدا ئۇنداق كەڭ بوشلۇق يوق، دەپ ئويلايمەن. ئۇ تەكلىماكاننىڭ بۇيىقىدىن ئۇيىقىغا 350 كىلومېتىر مۇندىقى 800 كىلومېتىر، ئۇ يەرگە قانداق تاشلايدۇ. بۇ قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدىغان نەرسە» دەپ كۆرسەتتى.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يەنە، رۇسىيەنىڭ «پروتون» راكېتالىرىنىڭ يېقىلغۇسى ناھايىتى زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇق كۆيمەيدىغانلىقىنى، پروتون راكېتاسىنىڭ ئىلگىرى قازاقىستانغا چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر زەھەرلىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دەيدۇ: «پروتون رۇسىيەنىڭ ئادەم ۋە يەر شارىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى توشۇيدىغان راكېتا. ئۇنىڭ كۆيىدىغان ماددىسى ناھايىتى زەھەرلىك. ئۇ مەلۇم بىر سەۋەبلەر بىلەن تولۇق كۆيۈپ كىيمەيدۇ. ئۇ بىر كاشىلا چىقىپ ئالدىنالا چۈشۈپ كەتسە، ماۋۇ قازاقىستانغا شۇنداق چۈشۈپ كەتتى، ئاجراپ. ئۇ بىر قاچىلىغاندا 40 توننا قاچىلايدۇ. شۇڭا ئۇ ك ئونلىغان كۋادرات كىلومېتىر يەرنى زەھەرلەپ، تىرىك ئورگانىزملارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى.
خۇداغا شۈكرى ئۇ ھېلىمۇ ئايدالاغا چۈشتى. رۇسىيە بىلەن قازاقىستان زەھەرنى تازىلاش ئۈچۈن 2 يىل ھەرىكەت قىلدى. بۇنىڭ ھەر تۈرى بار. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ پروتونى ئەڭ زەھەرلىك. ئۇ بۈگۈنگىچە كونا ماددا، بىر خىل قوشۇلما ئىشلىتىدۇ. شۇ قوشۇلما بولمىسا ئۇ كۆيمەيدىكەن. ئۇ، دېگەن 40-50 توننا نەرسە، ئاھالە بار يەرگە چۈشۈپ كەتسە، چوڭ ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ كۆيمەي قالغان ياكى تولۇق كۆيمىگەن ماددىلىرى تېخىمۇ زەھەرلىك. ئۇ ھاۋا بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، قوشۇمچە بىر نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.»

رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن يەر ئىجارىگە ئېلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرى رۇسىيە ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلانغانغا 5-6 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق يادرو سىناقلىرىدا ئېغىر رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتى، مال-ۋارانى ۋە ياشاش مۇھىتىغا تەسىر قىلىدىغان خەتەرلىك پىلان ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

دىلشات رىشىت: «خىتاينىڭ بۇنداق بىر جاينى بېرىشى بۇرۇن بولۇپ باقمىغان، ئەمما بۇ مەسىلىدە بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تەن سالامەتلىكى، بىخەتەرلىكىگە بۇ مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ مۇھىم،دەپ قارىمىغانلىقى ئېنىق. رۇسىيە ناھايىتى چوڭ دۆلەت، ئۆزىدە ئىنسان ياشىمايدىغان جايلار ناھايىتى كۆپ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ ۋەتەننى ئىشلىتىدۇ، بۇ موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق مەسىلە» دېدى.

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، زېمىن ئىجارىگە ئېلىش مەسىلىسىدە بەلكى خىتاي رۇسىيەگە بەزى شەرتلەرنى قويۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئىلگىرى رۇسىيەگە تېخنىكا ئېمبارگوسى قويغاندا خىتاي رۇسىيە بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر زاپچاسلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما رۇسىيەنىڭ خىتاينى سۇيۇقلۇقنى يېقىلغۇ قىلغان راكېتا ماتورى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىشىنى شەرت قىلىپ قوشقان.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالەم بوشلۇقى رىقابىتى قىزىۋاتىدۇ. ئەگەر رۇسىيە خىتاينى بىرەر يېڭى ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولسا، خىتاي رۇسىيەگە يەر ئىجارە بېرىشى مۇمكىن.

قەھرىمان غوجامبەردى: «خىتاي پەقەت يېڭى ھەربىي تېخنولوگىيەنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆزى يەتسە، يەر ئىجارە بېرىشى مۇمكىن. بۇ ھازىر خىتاي ئايغا، مارس ۋە ئۇنىڭدىن يىراققا ئۇچۇشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ. ھازىر كائىنات بوشلۇقى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىش مەسىلىسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. كىم ئۆزىنىڭ كائىناتتا كۈچلۈك بازىسىنى قۇرۇۋالسا، شۇ تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشلاردا غەلىبە قازىنىدۇ، دېگەن كۆزقاراش بار. بۇ نۇقتىئىنەزەردىن پەقەت ئېنېرگىيە ئەمەس، پۇل ئەمەس، چوڭراق بىر تېخنىكىنى قولغا كەلتۈرسە خىتاي، مۇمكىن بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ قەيت قىلىشىچە، راكېتالار قويۇپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندە راكېتا پارچىلىرى سۈنئىي ھەمراھىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇ رۇسىيە ئەمەلدارى «خەۋەرلەر» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا يەنە، راكېتا پارچىلىرى چۈشىدىغان رايوندىكى ئاھالىلەرنى ۋاقىتلىق تارقاقلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مانا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن يەر ئىجارە ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى»دېگەن.

ئۇ، بۇ 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى رايونىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.ئەمما ئۇ، راكېتالار قازاقىستاننىڭ بايقوڭۇر ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.