بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

0:00 / 0:00

«يۇرتىمىزدىن چىققان كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ، پۈتۈن ئىس-تۈتەكنى بىزگە قالدۇردى، ئەمما ئۇنىڭدىن چىققان توكنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ!...»

بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە سۆزلىگەندە يۇقىرىقى جۈملىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت كرىزىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرىدا ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى بىر قىسىم كەسپىي خادىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل خەلق ۋە جەمئىيەتنىڭ بىردەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، 2000-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان مۇھىت كرىزىسى بۇ ساھەدىكى كەسپىي خادىملارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلقنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.

«يەر-ئالتۇن قوزۇق» دېگەن ئەقىدىگە باغلىنىپ، پۈتكۈل ئارمانلىرى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى يەرگە بېغىشلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى نۆۋەتتە يەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىماقتا. مۇھىتتىكى ئېغىر بۇلغىنىشنىڭ يەرگە، زىرائەتلەرگە، ئۆسۈملۈكلەرگە، ھايۋاناتلارغا شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەت خاراكتېرلىك زەربىسىدىن ئازابلانماقتا.

قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ مۇنبەت ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىرى بولغان راھەتباغ يېزىسى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا ۋە ئۇنىڭ مىسلىسىز زەربىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئىلگىرى بۇ يېزىدىكى مەلۇم بىر كەنتتە ئۇزۇن يىل كەنت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن بۇ ئۇيغۇر دېھقان ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

«راھەتباغ يېزىسى چاڭغۇ 1-كەنتتىن باشلانسا تاكى قاراتال 9-كەنتكە قەدەر ئون نەچچە كىلومېتىرلىق دائىرىگە جايلاشقان مۇنبەت بىر يېزا. يېزىمىز قوغۇن، تاۋۇز ۋە تۈرلۈك مېۋە-چېۋىلىرى بىلەن داڭلىق. ئۇندىن باشقا قۇمۇل شەھىرى بويىچە ئاشلىق ماكانى دېگەن نامى بار. ئىلگىرى مۇھىت ياخشى بولغاچقا يېزىمىزدا كېۋەز ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر بەكمۇ ئوخشايتتى. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يىللاردا يېزىمىزنى بويلاپ تۈرلۈك-تۈمەن زاۋۇتلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قۇرۇلدى. يېزىمىزنىڭ يوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرىمىز، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز دېگەن چىرايلىق گەپلەر بىلەن سىمۇنت زاۋۇتى، ئەينەك زاۋۇتى، توك-ئېلېكتىر ئىستانسىسى، چىرىندى كىسلاتا زاۋۇتى دېگەندەك زاۋۇتلارنى قۇردى. ئۇندىن باشقا ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن ياكى ئەمەلدىن قالغان زاۋۇتلارنى كۆچۈرۈپ كەلگىلى تۇردى. مانا بىرقانچە يىل ئۆتمەيلا ھاۋانى ئىس-تۈتەك بېسىپ زىرائەتلىرىمىز ئوخشىمايدىغان، مېۋە-چېۋىلىرىمىز شېخىدا تۇرۇپ سېسىپ كېتىدىغان، ئادەملىرىمىز ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ كەتتى.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ زاۋۇتلار ئەينى ۋاقىتتا بىر تىيىن بەرمەستىن يېزىمىزنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋالدى. سۇ مەنبەيىمىز ئۈزۈلدى ياكى بۇلغاندى. يۇقىرىغا ئەرز قىلساق گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان بىر ئىنسان چىقمىدى. زاۋۇتلارنىڭ خوجايىنىمۇ، ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغانلارمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خەنزۇلار. ئۇلارنىڭ يەرلىك دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېچقانداق كارى يوق. راست گەپنى قىلساق، يېرىمىزدىن چىققان كۆمۈرنى بولۇشىغا كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ھەسسىلەپ توك ۋە باشقا ئېنېرگىيەلەرنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. پاكىزە ئېنېرگىيەنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىگە توشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىزگە قالغىنى شۇ ئىس-تۈتەك ۋە بۇلغانغان ھاۋا. ھازىر يۇرتىمىزدا ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇرۇن ياللۇغى، كېكىردەك ياللۇغى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، دەم سىقىلىش دېگەندەك غەلىتە كېسەللىكلەر يامرىماقتا. ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس. ئىلگىرىكى سەيلىگاھ ھېسابلىنىدىغان راھەتباغ يېزىسى ھازىر ئاچچىق ئىس-تۈتەك پۇرايدىغان بىر جايغا ئايلاندى.»