خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.12.08
eydiz-aids-qan-tekshurush-305.jpg دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە قان تەكشۈرتۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 1-دېكابىر، چۇڭچىڭ.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان، «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» غا ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 180 مىليون سوم ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇ، ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. دائىرىلەر 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن. بۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى رايوندىكى پۈتۈن شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىگىچە ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى جىددىي رەقەملەشتۈرۈلمەكتە ئىكەن.

بۇ خىل ھەقسىز، ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىلەرنىڭ پىلانى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەڭ دائىرىدە، مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا گۇمان قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى بۇ يىل سېنتەبىردە ئالدى بىلەن گۇما، ئۇچتۇرپان، غۇلجا، نىلقا، قورغاس قاتارلىق بەش ناھىيەدە سىناق قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ خىل سالامەتلىك تەكشۈرۈش «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، شەھەر، يېزا ئوخشاش بولۇش، ھەقسىز بولۇش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەھرىمەن بولۇش، ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش، يېقىن ئەتراپتا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» پىرىنسىپى بويىچە، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر بىر ئىنسانغا قەدەر تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر خەۋىرىدە، «11-ئاينىڭ 17-كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىدىكى 200 گە يېقىن ئائىلىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئاھالە يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ بۇ كەنتتە تەسىس قىلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش كۆچمە پونكىتىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پوسكام ناھىيىسى 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ناھىيە بويىچە 500 دىن ئارتۇق قابىل تېببىي خادىمنى تەشكىللەپ، 40 نەچچە ئورۇندا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىسى قۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 200 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە 160 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.» دېيىلگەن. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە 2016-يىللىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» غا 180 مىليون 830 مىڭ سوم ياردەم مەبلىغى جىددىي ئاجرىتىلغان بولۇپ، ياردەم مەبلىغى جەنۇبىي رايون، نامرات رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئوبيېكتى شۇ جاي نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە 100 يۈەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىراجىتى ئۆلچىمى بويىچە، 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار، يەتتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار، 15 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى، 65 ياشتىن ئاشقان شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلىدىكەن. تەكشۈرۈش تۈرلىرى: قان تەكشۈرۈش، سۈيدۈك تەكشۈرۈش، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش، رېنتگېندا رەسىمگە ئېلىش، يۈرەك تەكشۈرۈش، ب تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ھەم 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پەيزىۋات ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان كىشىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ناھىيەسىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى، داۋالاش خادىملىرى كەنتكە كېلىپ، كەنت شىپاخانىسى ئالدىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغان، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئۆيمۇ-ئۆي تەشكىللىنىپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە كەلگەن دېھقان، چارۋىچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەدۋىلىنى تۇتۇپ، ئىچكى كېسەللەر، تاشقى كېسەللەر، ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەرتىپلىك سالامەتلىك تەكشۈرتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرلار ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزغان. كۆپچىلىك ئىلگىرى دائىم پۇل كېتىشتىن ئەنسىرەپ، سالامەتلىك تەكشۈرتەلمەيدىغان بولغاچقا، ھازىر ھۆكۈمەت ئىشىكىمىز ئالدىدىلا سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ دەپ خوش بولغان بولسىمۇ، بۇ دېھقان خوتۇنى بىلەن 3 بالىسىنى ئېلىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلىدىغىنىنى بىلمىسىمۇ، ئاياللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىدىن، بەلكىم پىلانلىق تۇغۇتنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ تۇرپان زاۋا يېزىلىق مەركىزىي دوختۇرخانىدىكى بىر سېسترا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ بىر ئايدىن بۇيان بۇ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە ۋاقىت ئاز، سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان ئادەم جىق، دائىرە كەڭ بولغاچقا خادىملار ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە يېتىشمەي قىلىۋاتقانلىقىدىن كايىدى.

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ھەم ناھىيە تەۋەسىدىكى 12 يېزا، بازارلىق شىپاخانا ئوخشىمىغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغانلىقى، 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ناھىيىدىكى 270 مىڭ ئاھالىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى تاماملاپ،تاماملىنىش نىسبىتىنىڭ 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئاساس ھازىرلاندى دەپ خەۋەر قىلغان.

خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ بۇ ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇشقا تېببىي ساھەدىن باشقا بارلىق ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي كۈچىنى ئىشقا سالغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

شايار بازىرى شىمالىي تويبولدى يولى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چياڭ لىمىن: «بىز ئالدى بىلەن تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ تېگىنى ئېنىقلاپ تىزىملاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردۇق. بىز تېگىنى ئېنىقلىغان سان-شىفىرلارغا ئاساسەن كادىرلارغا دائىرىنى ھۆددە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە ھەربىر دائىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلدۇق. يەنە ھەپتىنىڭ بىرىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارغا تېلېفون قىلىش، ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاش، ئۆيىگە بېرىپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەربىر نىشانلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېگەن.

بىز خوتەن گۇما ناھىيىلىك پارتكومغا تېلېفون قىلىپ بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىختىيارىي ئەمەس، ئاغرىق ياكى ساق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممە ئادەمنى تەكشۈرۈشىدىكى سەۋەبنى سورىغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خىتاي كادىر «بىزمۇ بىلمەيمىز، ئۇنى ناھىيىدىن سوراڭ، بىز پەقەت يۇقىرىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭكىنى تەكشۈرۈڭلار دېگەن بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇق، باشقىنى بىلمەيمەن » دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپ كەلمەكتە. گەرچە دائىرىلەر بۇنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشكە قارىتا سالغان مەبلىغى، ئاجراتقان كۈچى ھەمدە جىددىي پوزىتسىيىسى، قاپلاش دائىرىسى، تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدەك تەرەپلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولسۇن ب‏ئولمىسۇن، بىر ئادەمنىڭمۇ تەكشۈرۈلمەي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپلىرى بويىچە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدەك تەرەپلىرىنىڭ ئۆزىدە گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيەدىكى تېببىي مۇتەخەسسىس، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى بولسا، بۇ خەۋەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن باشقا، «خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى، مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ھاسىل قىلىش ئېھتىمالى بار بولغان، ئومۇميۈزلۈك كەڭ دائىرىدە سالامەتلىك ئۇچۇرىنى توپلاش ھەرىكىتى ئۇستىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگانلىرىنىڭمۇ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىش زۆرۈر» دەپ تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.