خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئۈندەش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە.
ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولسا ئاز تۇغۇش، يەنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىمۇ تەشۋىق قىلىنىپ، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ يۆتكەش بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئۆز رايونلىرىدا تۆۋەنلەش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«خەلق تورى» نىڭ خەۋەر ئارخىپىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 26 نامرات ناھىيە ۋە چېگرا ناھىيىدە، «پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە تەقدىرلەش سىياسىتى» نى يولغا قويغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سىياسەت-قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىلى يالىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «26 نامرات ناھىيە ۋە چېگرا ناھىيىلەرگە قارىتا ‹پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە تەقدىرلەش سىياسىتى› نى يولغا قويۇشتا، كەڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى ئىچىدە ئىككى پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئاكتىپ ۋاز كېچىپ كىنىشكا ئالغان ئائىلە بىر قېتىملىق 3000 سوم مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.»
بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ھازىر ھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ۋە دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ‹ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش› قۇرۇلۇشىدا شەرتكە ئۇيغۇن مۇكاپاتلاش ئوبيېكتلىرى بىرلا ۋاقىتتا بىر تۈرلۈك ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللانغانلار مۇكاپات تارقىتىش ئۆلچىمى بويىچە بىر قېتىملىق 3000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. شەھەر ۋە ناھىيەلەر 2014-يىلدىن باشلاپ يەنە 2000 سوم قوشۇپ 5000 سوم قىلىپ مۇكاپاتلايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس، ئېكولوگىيە ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلىي تۇپس ئەپەندىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ نوپۇس يۆتكىشىنىڭ «ناتوغرا بىر سىياسەت» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ چەكلىك سۇ مەنبەسى ۋە ئىنسان ياشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تەبىئىي شارائىتىنىڭ چەكلىك بولۇشى ئارتۇق نوپۇسنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر خىتاي نوپۇس يۆتكەشنى بۇ سۈرئەتتە داۋام قىلدۇرسا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ۋە باشقا ئىنسانلار ياشاشقا موھتاج بولغان بارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەسى خورايدۇ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇۋاپىق تېجىلىپ ۋە قوغدالمىغاندا، ئۇ پەقەت 50 يىل يېتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: «خىتايدىكى ئەرلەرنىڭ بولۇپمۇ ياش توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىيىشى جەمئىيەت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىر تەھدىت چۈنكى ئۇلارنىڭ قورسىقى تويمىسا، ئۆيلىنەلمىسە، ئاساسلىق فىزىكىلىق، ۋە ھېسسىي تەلەپلىرىمۇ ئىشقا ئاشمىسا ئۇلار چوقۇم ئىش چىقىرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدۇ، جىنايەتلەر كۆپىيىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ غېمىدە ئەمما مەيلى ئۇلار قايسى جايغا بارمىسۇن بۇ قەدەر زور كۆلەملىك تەڭپۇڭسىز نوپۇس ھەر قانداق جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىغا ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلالايدۇ. چەكلىك ياشاش مۇھىتى ۋە ئىقتىسادى بىر قەدەر ئارقىدا تۇرۇۋاتقان مىللىي زىددىيەت كەسكىن بولغان ئۇيغۇر رايونىدا بولسا كۆچمەن نوپۇسى پەيدا قىلىدىغان تۇراقسىزلىق تېخىمۇ كۈچلۈك.» بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيلاردىن چېن پوكۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە تەھدىت بولۇۋاتقان تۇراقسىز ئامىل بولغان خىتاي ياش ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنى نوپۇسى شالاڭ شىنجاڭغا ئوخشاش جايلارغا كۆپلەپ يۆتكەشكە كىرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نوپۇسىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز تىلىنى ئىشلىتەلمەسلىك، ئۆز تىلىدا ئوقۇيالماسلىق، ئىش تاپالماسلىق ئارقىلىق ئۇلارنى ئاز سانلىققا ۋە چەتئەللىككە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئەلۋەتتە نارازى قىلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى نارازىلىق پەيدا قىلىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە، بۇ ناتوغرا سىياسەتلەر مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلماقتا تېخىمۇ زور قانلىق قارشىلىقلار پەيدا بولماقتا..»
«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى» دىكى ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى 23 مىليون 225 مىڭ 400 نوپۇسنىڭ ئىچىدە خىتاي مىللىتىدىكىلەرنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 595 مىڭدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 37% تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىگەن. ئۈرۈمچىدىكى 3 مىليون 530 مىڭدىن ئاشىدىغان نوپۇس ئىچىدە بولسا خىتاي نوپۇسى 75% يېقىن ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 25% نى ئىگىلىگەن. ئەمما، ستاتىستىكىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نوپۇس جەھەتتە يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ شىمالىي رايونلاردىكى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، جەنۇبى رايونلارغا مەركەزلەشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
0:00 / 0:00