خىتايدا «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» سەپسەتە بولۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.05.08
yunda-turubisi-zeherlik-may-305.jpg بىر قانۇنسىز زاۋۇتنىڭ كۆلچىكىگە يىغىۋېلىنغان مەينەت ماي. 2011-يىلى 10-ماي چۇڭچىڭ.
Imaginechina

«يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» خىتاينىڭ 2013 - يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى شۇنداقلا يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە خىتايدا ھەر يىلى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمئىيەتتە كەڭ زور غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئەمما يېقىنقى كۈنلەر ئىچىدىلا، «قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى»، «كېسەل بىلەن ئۆلگەن كالا ۋە باشقىلار»، «چاشقاندىن ياسالغان قوي گۆشى» قاتارلىقلارنىڭ ئىستىمال بازىرىدا كەڭ كۆلەمدە پاش بولۇشى، خىتاينىڭ ساختا ماللارغا قارشى قايتا - قايتا ئېلىپ بىرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كارغا كەلمەي، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى پەقەت بىر سەپسەتە بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئىنسانلار ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ساختا خەتەرلىك ماللار ئىچىدە،ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ داڭقى بار. گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ساختا ۋە زەھەرلىك يېمەكلىكلەرگە زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەپسۇسكى، خىتايدا ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى بارغانچە قەبىھلىشىپ، ئوراش ھەمدە تارقىتىش تېخنىكىلىرى بارغانچە يېڭىلىنىپ كېڭىيىپ بارماقتا. دائىرىلەرنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە زور رىقابەت ياراتماقتا.

خىتاي يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تورىنىڭ - 3ماي خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە،خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل - 1 ئايدىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئېلىپ بارغان ساختا ۋە خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا قاراتقان مەخسۇس تۈر بويىچە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى دېلودىن 2010 ى پاش بولغان، زەھەرلىك ۋە خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان يەر ئاستى زاۋۇتتىن 1721 نى تاپقان، ساختا يھېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تورىغا ئىلىنغان قارا زاۋۇت، قارا شىركەت ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. خىتايدا يېقىندىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىگە زەھەر سالغان بۇ خىل ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. ھەتتا بۇ خىل ساختا يىمەكلەردىن زەھەرلىنىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى كۆرۈلدى.

ھازىرغىچە خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىرىدىن يىغىۋېلىنغان ساختا قوي، كالا گۆشلىرى، سۇ ئۇرۇپ سەمىرىتىلگەن گۆش، كېسەلدىن ئۆلگەن ئۆي ھايۋانلىرى، خىمىيىلىك ئوغۇتتا بېقىلغان بېلىق ۋە قۇشلار، قۇش زۇكىمىدا ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق خەتەرلىك ئىستىمال گۆشلەر 20 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، بازارغا تارقالغان يەنە 40 توننا ساختا گۆشنىڭ ئىز - دېرىكى تېپىلمىغان.

نۆۋەتتە جاي - جايلاردا ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، سۈپەت ئۆلچىمىگە مەسئۇل ئورۇنلار بازاردىكى ساختا ۋە زەھەرلىك يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىمۇ مەخسۇس باقمىچىلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نىشان قىلىپ، ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرى سودىسى، ئۇنى يۆتكەش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە كېسەلدىن ئۆلگەن ئۆي ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى بازارلىرىدا سۈپەت تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك ئۆتكەن ماللار 89% تىن ئاشقان بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلەردىن كىرىۋاتقان ۋە يەر ئاستى زاۋۇتلاردا پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان يېمەكلىكلەر بۇ خىل سۈپەت تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئاچچىقسۇ، پۇرچاق ئېچىتقۇسى ۋە قاچىلانغان سۇلاردا سۈپەت مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئاساسەن يېمەكلىك سۈپىتى ۋە پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، خىتايدا غۇلغۇلا ۋە ئەندىشە قوزغىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئىستىمال ئادىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. لېكىن، خىتاينىڭ كۆپ جايلىرىدا گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بايقىلىشى، گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، شۇنداقلا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم، بازاردىكى تەييار مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە ھالال ياكى مۇسۇلمانچە دېگەن خەت يېزىپ قويۇلغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ خىتايدىن كىرگەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدە زور مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان ئامما دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى، بازاردىكى گۇمانلىق بولغان ھالال يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر مەخسۇس مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرگە قاراتمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.