خوتەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-01-22
Share
su-mesilisi.jpg ئۆيىگە سۇ توشۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئىچىملىك سۇ ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى باشلىغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، پەقەت 750 غا يېقىن ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولغان. بىراق 2 مىليون 140 نوپۇسلۇق خوتەندە بىر مىليون 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە يەنىلا دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان كۆل ۋە ئېرىق-ئۆستەڭ سۈيى ئىچىدىكەن.

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلار نازارىتى بىلەن خوتەن يەرلىك سۇ ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ بىرگە تەييارلىغان «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2014‏- يىللىق بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئەھۋالى» توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خوتەننىڭ 27 مىڭ نوپۇسلۇق نىيە ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە 22 مىڭغا يېقىن ئاھالە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدىكەن. بۇ ئومۇمىي ناھىيە نوپۇسىنىڭ 2.80% نى تەشكىل قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق يېزا -كەنتلەرگە سۇ تۇرۇبىسى تارتىلغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۇ تەركىبىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. چۈنكى، تۇرۇبا سۈيىنىڭ كېلىش مەنبەسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كۆل ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەر بولۇپ، سۇ ھېچقانداق دېزىنفېكسىيە قىلىنمايدىكەن.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچان يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئايال، ھازىرقى پەرق بۇرۇن كۆل سۈيىنى كۈپ، سوغىلارغا تولدۇرۇۋېلىپ ئىچكەن بولسا، ھازىر پەقەت تۇرۇبا ئارقىلىقلا ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئايال: بىز كېرىيەدە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىمىز. ئۇنىڭغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى. 5-6 يىل بولۇپ قالدىمىكىن تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىۋاتقانغا. سۇنىڭ مەنبەسى خېلى يىراق. كۆل قىلىپ ياساپ قويغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئەكېلىپ ئىشلىتىمىز.

مۇخبىر: سۇ دېزىنفېكسىيە قىلىنامدۇ ياكى كۆلدىن بىۋاسىتە سىلەرگە يوللاپ بېرىلەمدۇ؟

دېھقان ئايال: دېزىنفېكسىيە قىلىنمايدۇ، زاۋۇت ئۇنداق چوڭ نەرسىلەر يوق بۇ يەردە. بۇ چەت يەر، سۇ كۆلدىن بىۋاسىتە كېلىدۇ. بىخەتەرلىك، ئاغرىق-سىلاق مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ئامال يوق. تاغنىڭ ئىچىدىكى يېزا ماۋۇ ئاچان يېزىسى شۇ. شۇ يەردىمۇ تۇرۇبا بار. ئاچان يېزىسىنىڭ ئەڭ چەتتىكى ياغ ئارىسىدىكى كەنتى ماۋۇ شۇڭگۇل كەنتى. سۇنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا زاۋۇت يوق، لېكىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال تەكشۈرگۈچىلەر كېلىپ تەكشۈرۈپ، ئىشلەتسە بولىدىغان ئۆلچەمگە لايىق پاكىز سۇكەن، دەپ بېكىتىپ بېرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىچىۋاتىمىز. ھازىرغىچە زىيان قىلىدىغان بىرەر ئەھۋال بايقالمىدى. تۇرۇبا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تاغدىن كېلىدىغان دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەتتۇق.

بىز يەنە، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەققىدە ئاچان يېزىسىنىڭ بىر مەسئۇل كادىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مەسئۇل كادىر بۇ رايوندىكى ئىچىملىك تۇرۇبا سۈيىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان كۆل سۈيى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ھەقتىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاچان يېزىسىنىڭ مەسئۇل كادىرى: تۇرۇبا سۈيى ئىچىمىز، پۈتۈن يېزا تۇرۇبىلاشتۇرۇلغان. يۇقىرىدىن مەبلەغ سېلىپ پۈتۈن چەت يېزا-كەنتلەرگە قەدەر تۇرۇبىلاشتۇرۇلدى. تۇرۇبا سۈيىنىڭ مەنبەسى دەريا سۈيىنى كۆلگە باشلاپ، كۆلنى تىندۇرۇپ، 3-4 كۆلدىن ئۆتكۈزۈپ سۇنى سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن ئاندىن، تۇرۇبا ئارقىلىق يوللىنىدۇ. ئۇنىڭغا دورا قاتىدىغان ئىش يوق. ئاشۇ كۆلدە تىندۇرۇپلا يوللىنىدۇ. بىراق خاپا بولمىسىڭىز ماڭا تېلېفون نومۇرى چىقىدىغان بىر تېلېفوندا ئۇرسىڭىز بوپتىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرەي.

ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىلاشقان بولسىمۇ، بىراق دېھقانلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان كۆل سۈيى ئېچىش ئەھۋالى خوتەننىڭ باشقا ناھىيەلىرىدە مەۋجۇت ئورتاق مەسىلە.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ساقچى خادىمى، «تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىمىز، پۈتۈن يېزا تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ ئۆيدىمۇ تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدۇ. پۈتۈن ناھىيە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە، خوتەندە ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى بىخەتەر ئەمەس، بىر قىسىم ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە بۇ مەسىلە ھەل بولمىدى، دېگەن پىكىر ھەققىدە توختىتىلىپ، «بىزنىڭ ناھىيەدە قۇدۇق سۈيى ئىچىدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق ئەمدى. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەۋەلىكىگە نىسبەتەن قۇدۇق سۈيى ئىچىش تۈگىدى. يەنى بىزنىڭ لوپ بازار ئىچىگە نىسبەتەن ھەممىسى تۇرۇبىلىشىپ كەتتى. ئەمدى، باشقا يېزىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ماڭا تولۇق ئايدىڭ ئەمەس. مەن بىلىدىغان يېزىلارنىڭ ھەممىسى تۇرۇبىلىشىپ تولدى. بىزنىڭ لوپ ناھىيىسىدە 10 يېزا-بازار بار، يەنى بىر بازار 9 يېزا. ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىدە بىزنىڭ لوپ ناھىيەسىگە ئەڭ يىراق يېزا ھانگې يېزىسى. ھانگې يېزىسىنىڭ 34 كەنتى بار. ئۇ يېزىنىڭ ئاياغ تەرىپى قانداق بۇ ماڭا نامەلۇم» دېدى.

بۇ ساقچى خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سۇ تۇرۇبىسى لوپ ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزىلاردا ئاساسەن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، بىراق تۇرۇبا ئارقىلىق كېلىدىغان ئىچىملىك سۇ يەنىلا كۆل سۈيىكەن.

بۇ مەسىلە 20‏-يانۋار 12‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3‏-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «تەڭرى تاغ تورى» قاتارلىق بەزى بەزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزى خوتەنلىك ۋەكىللەر خوتەندىكى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ئىككى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ بىرى، سۇ تۇرۇبا يوللىرىنىڭ كونىراپ كېتىشى. يەنە بىرى، ئېھتىياجنى قامدىيالماسلىق مەسىلىسىدۇر. ۋەكىللەر ھازىرقى سۇ تۇرۇبىلار خوتەننىڭ 1990‏- يىللىرىدىكى نوپۇس ئەھۋالىغا قاراپ لايىھەلەنگەنلىكى، نوپۇسنىڭ ھازىرقى كۆپىيىش ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوتەندىكى ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بىلەن زىچ ئالاقىدار مەسىلە. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات شۇنداق قاراشتىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ«خىتاينىڭ خوتەندە سۇ تۇرۇبىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىراق ئاھالىلەرنى دېزىنفېكسىيەسىز كۆل سۈيى بىلەن تەمىنلىشى قىپقىزىل كۆز بويامچىلىق. بۇرۇن كۆل سۈيىنى بىكارغا ئىچىپ كەلگەن يەرلىك خەلق، ئەمدى كۆل سۈيىگە پۇل تۆلەپ تۇرۇبىدا ئىچىۋاتىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت