خوتەننىڭ يۇرۇڭقاش، قاراقاش دەريا ئېقىملىرىنىڭ ۋادىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول قاشتېشى بايلىقلىرى مەنبەسى. گەرچە خوتەن قاشتېشىنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ئەلا بولسىمۇ، ئەمما زاپاس مىقدارى چەكلىك شۇنداقلا بۇ قىممەتلىك تاشلار يىللاردىن بۇيان قالايمىقان قازغۇچى قوشۇنلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا خوتەندىكى قاشتېشى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان ئىككى دەريا بولغان يۇرۇڭقاش ھەمدە قاراقاش دەريالىرىدا قالايمىقان كان قېزىشنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ دەريا ۋادىلىرىدىن خالىغانچە قالايمىقان قاشتېشى بايلىقلىرىنى تېپىش ھەرىكەتلىرى داۋام ئەتمەكتە. بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئىككى دەريا ۋادىسى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ئەمما يەرلىك ئامما بولسا كەلكۈندىن كېيىن كېلىدىغان قاشتېشى ئىزدەيدىغان ئادەم كەلكۈنىنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىدۇ.
يەرلىك دېھقانلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريالىرىدا يېقىنقى يىللاردا كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىنسانلارنىڭ تېزدىن كۆپىيىشى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىلىپ كېتىشى، بۇنىڭ بىلەن مۇز ۋە قارلىق چوققىلارنىڭ تېز ئېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن باشقا يەنە، قانۇنسىز تاش قازغۇچىلارنىڭ قالايمىقان قېزىش ھەرىكىتى جەريانىدا، دەريانىڭ ئىككى قېنىدا نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان، چوڭقۇر ئازگاللارنىڭ پەيدا بولغانلىقى بىلەنمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خوتەن دۇنياغا داڭلىق قاشتېشى ماكانى، قاشتېشى سودىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇرۇڭقاش، قاراقاش دەرياسى ۋادىسىنى قالايمىقان قېزىپ، قاشتېشى ئىزدەش بىر دولقۇنغا ئايلانغان بولۇپ، يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋادىسى ۋە باشقا جايلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىدىمۇ دىققەت قوزغىغان تېمىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ ھەقتە 2007 يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان سىياتىل ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، قاشتېشى تېپىش ئۈچۈن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئەتراپىدا مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، 19- ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا، ئالتۇن ئىزدەش ئۈچۈن توپلانغان خەزىنە ئوۋچىلىرىنىڭ تەبىئەتكە سالغان زىيانكەشلىكىگە سېلىشتۇرۇلغان.
قاشتېشى ئىزدەش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى ۋە دەرياغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2000 ئەتراپىدىكى چوڭ يەر قېزىش ماشىنىسىنىڭ كېچە - كۈندۈز ئۈزلۈكسىز ئىشلەپ يەرنى قىزىپ، دەريانىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشى، ھەتتا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىمۇ چۈچۈتۈشكە باشلىغان. ئۇلار، ئەگەر بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، بىر قانچە يىلدىن كېيىن مۇھىم بىر تەبىئىي بايلىق ھېسابلانغان قاشتېشىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئېرىق ساقچى پونكىتىدىن نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىدا كەلكۈننىڭ تەۋەككۈل، يېڭى ئاۋات يېزىلىرىغا قەدەر تەسىرى بولغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ داۋاملىق كەلكۈن ئاپىتىنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئورگانلارنىڭ 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا قاشتېشىنى قالايمىقان قازغۇچىلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس دەريا باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، قاشتېشى قېزىشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى چىقارغان بولسىمۇ، قاشتېشى تېرىشقا ھېچقانداق چەكلىمە قويمىغانلىقى ئۈچۈن، قاشتېشى تېرىش ھەرىكەتلىرى بەرىبىر چەكلىمىلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشماقتا.
قاشتېشىنى قېزىش مەزگىلى ئادەتتە پەسىلگە قاراپ بەش ئايچە بولۇپ، يۇرۇڭقاش دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر دەل قاشتېشى قېزىش مەزگىلىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى قاراقاش، يۇرۇڭقاش دەريالىرىدىن تەركىب تاپقان ئېقىم مىقدارى دەل تومۇزدا تېخىمۇ ئۇلغىيىپ قاشتاشلىرىنى ئېقىتىپ چۈشىدىغان بولغاچقا، كەلكۈندىن كېيىنلا خەۋپ-خەتەرگە قارىماي قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەر قاشتېشى كولانغان چوڭقۇر ئازگاللارغىچە چۈشۈپ قاشتېشى كولاش جەريانىدا توپا بېسىۋېلىپ، ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن.
بۇ خادىم يەنە، ھەقىقەتەن كەلكۈندە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئېقىمىدا بىر قىسىم ئۇششاق قاشتاشلىرى دەريا ساھىللىرىغا ئېقىپ كەلسىمۇ، كەلكۈننىڭ يەنە قانداق چاغدا كېلىشىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولۇپ، بىر مەزگىللىك سۇنىڭ ئازىيىپ قېلىشى خەتەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياز پەسلى ئۆتۈپ كەتكۈچە يەنىلا قاشتېشى يىغىش ئۈچۈن دەرياغا چۈشۈشكە تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.