تۆھپىكار مۇزىكا تەھرىرى يادىكار ئابدۇسالام ئالەمدىن ئۆتتى
2015.11.17
ئۈنگە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن «ئالتۇن قۇلاق» دەپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ھەتتا پۈتۈن خىتايدا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، مۇزىكا تەھرىرى يادىكار ئابدۇسالام ئەپەندى 17-نويابىر سەھەر ئۈرۈمچىدە، قىران يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.
بۇ قايغۇلۇق خەۋەر ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىنى، ئۇنىڭ شاگىرت ۋە كەسىپداشلىرىنى قايغۇغا چۆمدۈردى. مۇسىبەت كۈنىدە ئۇيغۇرلار تۆھپىكار ئۇستاز يادىكار ئابدۇسالامنى سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ئۇنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ھەم ئىجتىھات بىلەن سۆيگەن كەسپىدە قالدۇرغان مېھنەت مېۋىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلىق ئۇن سىن بۇيۇملىرى، رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا پېشۋالىرىدىن تارتىپ ھازىرقى مودا ئېقىم ناخشا-مۇزىكا چولپانلىرىغىچە، پاشا ئىشان، ئابلىز شاكىر، ئىززەت ئېلياس، پەرىدە قاسىم، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ناخشا-مۇزىكا چولپانلىرىنىڭ مىڭلارچە نادىر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئاۋاز تەھرىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇزىكا تەھرىرى يادىكار ئابدۇسالامنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.
بۇ يىل 54 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يادىكار ئابدۇسالام، ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا كەسپىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ رادىئو تېلېۋىزىيە نازارىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن. شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كەسپىي ئۈنگە ئالغۇچىسى، ئاۋاز تەھرىرى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن سەنئەت كېچىلىكلىرى، رادىئو، تېلېۋىزىيە ناخشا، مۇزىكا ئاڭلىتىشلىرىنىڭ مۇزىكا تەھرىرلىكىنى قىلغان.
ئۇ 1990-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۈن سىن نەشرىياتىنىڭ كەسپىي مۇزىكا تەھرىرى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا يەنە داۋاملىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى، ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ كەڭ تارالغان، سۈپەتلىك ئىشلەنگەن بارلىق ناخشا، مۇزىكا ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ خاس ناخشا، مۇزىكىلىرىنىڭ، DVD، CD قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك، سۈپەتلىك ئىشلىنىشىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزى خاتىرىلىگەن، تەھرىرلىگەن بارلىق ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن ماھارەتلىك ئۇستاز سانىلىدۇ. چوڭ تىپتىكى ‹‹مەشرەپ›› سەنئەت كېچىلىكى، تېلېۋىزوردا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل بايراملىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئۇنىڭ ھېسابسىز قان-تەرى سىڭگەنلىكى مەلۇم.
داڭلىق مۇقام ئۇستازى ئابلىز شاكىر ئەپەندى يادىكار ئابدۇسالامنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەپ «يادىكارنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى سەنئەت ساھەمىزدىكى چوڭ يوقىتىش» دېدى ۋە ئۆزىنىڭمۇ 20 دىن ئارتۇق خاس ناخشا، مۇزىكا پلاستىنكىلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىدا يادىكار ئەپەندىنىڭ زور تۆھپىسى بارلىقىنى، يادىكار بىلەن ھەمكارلاشقاندا خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئابلىز شاكىر ئەپەندى يەنە يادىكارنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ «12 مۇقام ئاھاڭ كۆرسەتكۈچ جەدۋىلى» ۋە نوتا ئىزاھاتلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر گۇرۇپپىسىدا مۇقامنىڭ ئاۋازغا ئېلىنىشىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، مەشرەپ ۋە ئەل نەغمىلەرنىڭ ئاۋازغا ئېلىنىپ ئۇن ئارخىپلاشتۇرۇشتا ئىزچىل ھاردىم-تالدىم دېمەي كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا يەنە بىر ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇزىكا تەھرىرى ۋە رېژىسسورى رىدا ئابلىمىت ئەپەندى ئۇستازى يادىكارنىڭ كەسىپچانلىقى، پەزىلىتىنىڭ ئۆزىدە ۋە باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
رىدا ئەپەندى، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە مەشرەپلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈشكە سۇنۇشتا ئاۋازغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ بايانى ناملىق يۈرۈشلۈك DVD نىڭ ئۈنگە ئېلىنىشىدەك بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رىدا ئەپەندى ئۇستازى يادىكارغا «مۇزىكا تەھرىرلىك كەسپىدە ‹ئالتۇن قۇلاق› دەپ ئېتىراپ قىلىنغان يادىكار ئۇستازنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ۋە مىسكىن خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئېستېتىك زوق بېغىشلاشنى نىشان قىلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز ئىدى» دەپ باھا بېرىدۇ.
يادىكارنىڭ كەسىپداشلىرىدىن ياش مۇزىكا تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچىسى مەمتىمىن مامۇت، ئۇستازى يادىكارنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە زور تەر تۆككەنلىكى، ھەتتا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش سەۋەبىدىنمۇ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە تىلغا ئالدى.
ئۇ يەنە ئەمدى يادىكار ئۇستازنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوخشاش يادىكاردىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ روھىغا ۋاسىتىلىك قىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ يەرلىكتىكى مۇزىكا، ئەلنەغمىلەرنى ئۈنگە ئېلىش، رەتلەش خىزمەتلىرىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.