قالدۇق نېپىز يالتىراق يوپۇقلار ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەھدىت بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.05.03
Uyghur-Paxta-305 ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا «شىنجاڭ 1-مايدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە نېپىز يالتىراق يوپۇق بىلەن تەلتۆكۈس خوشلاشتى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن، ئالاھىدە نېپىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئايلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئېتىزلاردىكى ئاق بۇلغىمىنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە بېرىلىدىغان جازا ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلدى، يىغىۋېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كارخانىلارغىمۇ جەرىمانە قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش تارمىقىغا تەۋە مەسىلىلەردە مەمۇرىي، جىنايى ئىشلار ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭدىن 10 يىللار كېيىن يالتىراق يوپۇق ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەنىدى ھەم كۆممىقوناق، كېۋەز، خاسىڭ، كۆكتات، كۆك تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈشتە كەڭ قوللانغان. بۇ تېخنىكا گەرچە زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى زور نىسبەتتە ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يالتىراق يوپۇقنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان. ئېتىز يالتىراق يوپۇقى يۇقىرى مالېكۇلىلىق كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇ تەبىئىي مۇھىت شارائىتىدا ئاسان پارچىلانمىغاچقا، يالتىراق يوپۇقنىڭ قالدۇقلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، تېرىلغۇ يەردىكى قالدۇق يالتىراق يوپۇق مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى تۇپراق مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇپراقنىڭ نەملىكى تۆۋەنلەپ ئاسانلا قېتىۋالىدۇ ھەم ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەيدۇ. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئۇرۇق سالغان ئاشۇنداق قالدۇق يالتىراق يوپۇق بولسا، ئۇرۇقنىڭ سېسىپ كېتىش نىسبىتى 6.92% كە، بىخنىڭ سېسىپ كېتىش نىسبىتى 5.17% كە يېتىدىكەن، مەھسۇلات مىقدارى 12% ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىسادىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنسېن مۇنداق دېگەن : «يالتىراق يوپۇقنىڭ بەك نېپىز بولۇپ كېتىشى ئۇنى يىغىۋېلىشنىڭ تەسلىشىپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، ئۇ يىغىۋېلىشتىن بۇرۇنلا يىرتىلىپ تىتىلىپ كېتىدۇ. بۇ نىزامدا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، سېتىلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان يالتىراق يوپۇقنىڭ قېلىنلىقى 0.01 مىللىمېتىردىن ئېشىش، چىداملىق ۋاقتى 180 كۈندىن ئارتۇق بولۇش كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلىنىپ، يالتىراق يوپۇقنىڭ قېلىنلىقى ۋە چىدامچانلىقىغا چەك قويۇلغان.»

تەيۋەندىن چىقىدىغان تور گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پلاستىك ماتېرىياللاردىن بۇلغىنىش بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئەسلىدە كېۋەز تېرىشقا ئىشلىتىلىپ، «ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان بۇ خىل يوپۇقلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا «ئاق ئاپەت» كە ئايلىنىشقا باشلىغان. بۇ خىل بۇلغىنىش ئىشلەپچىقىرىشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۈيىنىمۇ بۇلغاپ، ئادەم سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن.

بۇ تەكشۈرۈشنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيىسى ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر 6 مو تېرىلغۇ يەرگە 17 كىلوگرام پلاستىك يوپۇق ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئوتتۇرىچە نورمىدىن تۆت، بەش ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خىل بۇلغىنىش ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، بەزى جايلاردا ھەر بىر 6 مو يەرگە 40 كىلوگرام پلاستىك يوپۇق ئىشلىگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان.
2014-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 38 مىليون يۈەن «يەرلەرنى پاكىزلاش» مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، 13 ناھىيە، شەھەردە «ئېتىز-ئېرىقلاردىكى كېرەكسىز، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش» تۈرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ھېچقانچە ئۈنۈم قازىنالمىغان.

بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كېۋەز تېرىشتا ئەڭ دەسلەپ يالتراق يوپۇق تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ناھىيىلەردىن مارالبېشى ۋە يوپۇرغا ناھىيىلىرىدىن، «ئاق بۇلغىما» ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

يوپۇرغىنىڭ مەلۇم كەنتنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يوپۇرغىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ پاختا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، لېكىن 1990 يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەندۇڭدىن پارنېك ۋە يالتراق يېپىق تېخنىكا ئۇستىسى نامىدا كەلگەن «ۋاڭ لېيى» دېگەن كىشىنىڭ تېخنىكا ۋە يوپۇقلارنى شەندۇڭدىن ئەكىرىشكە باشلىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىغا يالتىراق يوپۇق تېخنىكىسىنى ئەكىرىپ كېڭەيتكەنلىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىنغان ۋاڭ لېيى بولسا، شەندۇڭ ئۆلكىسى شوگۇاڭ شەھىرى سەنيۈەنجۇ كەنتىدىكى بىر دېھقان بولۇپ،ئاكىسى ۋاڭ لىچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا سېكرېتار بولغان مەزگىللەردە «ئۇيغۇر رايونىدا دېھقانچىلىقتا يالتراق يوپۇق مەخسۇس تېخنىكا تۈرىنى كېڭەيتىش سىياسىتى» تۈرتكىسىدە ئاپتونوم رايونغا كېلىپ، ئاكلىسىنىڭ سايىسىدە ئاۋۋال يوپۇرغىدا ئاندىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا يالتىراق يوپۇقنى كېڭەيتىپ ناھايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن.

بۇ كەنت كادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا دېھقانچىلىقىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ كەمچىل بولغاچقا تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشتا يالتراق يوپۇققا تايانمىسا بولمايدىغان بىر شارائىت شەكىللەنگەن، ئەمما بازاردا سېتىلىۋاتقان سۇلياۋ يوپۇقلار ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، يىغىۋېلىشقا قۇلايسىز ئىكەن شۇنداقلا كېرەكسىز، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلار يىللاردىن بۇيان تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ كەلمەكتە. بۇ كادىر شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ مەسىلىنى ۋە كېرەكسىز يوپۇقلارنىڭ بۇلغىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش چارىسىنى يولغا قويۇشى، يالتراق يوپۇقلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۇتۇشى، شۇندىلا قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش تېخنىكا ۋە ماشىنا-سايمانلىرىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغىشىنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

مارالبېشى ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان مۇنداق دېدى: «بىر ئاي ئىلگىرىلا دېھقانچىلىقىنى باشلاپ، يالتىراق يوپۇقلارنى يېپىپ بولدۇق. يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىقتا سۇ كەمچىل بولغاچقا دېھقانلار كېۋەز، قوناق ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇميۈزلۈك يالتىراق يوپۇق يېپىپ تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا مەجبۇر، بەزىدە يەرلەرنى ئايلاپ سۇغۇرالمىغاچقا، يالتىراق يوپۇقلارنى ئېلىۋېتىش ۋاقتى كەلسىمۇ زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز يالتراق يوپۇقلارنى يىغمايۋاتىمىز، ئەمما سۇلياۋ يوپۇقنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، يەرنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئازلاۋاتىدۇ، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ سۇلياۋنى يىغىۋالغان بىلەن دېھقانچىلىقتا بىزگە تەس بولىدۇ.»

بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئىلگىرى يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەردىكى قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغانمىلىرىنى ئۆز جايىدا جۇغلاش، يىغىۋېلىش نۇقتىسى، يېزا (بازار)لاردا كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش پونكىتى قۇرۇلۇپ، سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار دېھقانلار قولىدىن كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋالغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا يالتىراق يوپۇق ئىشلىتىش تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يالتىراق يوپۇقلارنىڭ مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، كۆپ مىقداردىكى سۇلياۋ يوپۇقلاردىن قايتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كەمچىل بولغان. دېھقانلار زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەتتا بەزىلىرى قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان. سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ يېزا مۇھىتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بارغانسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. بۇ سۇلياۋ يوپۇقلار ئېتىزلاردا سېسىپ، تۇپراقنىڭ سۈپىتى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت سەپىرىنىڭ باشلىنىش يىغىنى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2013-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش كۆلىمى 47 مىليون موغا يېتىپ، خىتاي بويىچە سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ قالغان. ھازىر ئاپتونوم رايون يىلىغا تەخمىنەن 159 مىڭ 400 توننا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىدىكەن، لېكىن بۇ سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىپ ئىشلىتىش نىسبىتى 10% كىمۇ يەتمەيدىكەن.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماناس ناھىيىسى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىدە كېرەكسىز، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى سىناق قىلغان بولۇپ، ماناس ناھىيىسى بۇ يىل قېلىنلىقى 0.01 مىللىمېتىردىن يۇقىرى سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەتكەن دېھقانلارغا ھەر مو يېرى ئۈچۈن 10 سوم، يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىپ، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش نىسبىتى 85 پىرسەنتتىن ئاشۇرسا، يىغىۋېلىش كارخانىسى ۋە پاختىكارلارغا ھەر مو يېرى ئۈچۈن 7 سوم تولۇقلىما بېرىدىغان بولغان.

شايار ناھىيىسىدە ھەر يىلى ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇق 500 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر دېكابىردىن بۇ يىل 19-مارتقىچە، شايار ناھىيەسىدىكى كونا، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقلارنى سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى جەمئىي 61 توننا كونا، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقنى سېتىۋالغان. دېھقانلار مۇشۇنىڭدىنلا 183 مىڭ 400 يۈەن كىرىم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.