14-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ رايونى كۇماموتو ئۆلكىسىدە كەچ سائەت 21:26 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان 6.5 بال يەر تەۋرەش تاكى بۈگۈنكى قەدەر قالدۇق يەر تەۋرەش شەكلى بىلەن 6 بالدىن تۆۋەن 3 بالدىن يۇقىرى بولغان ھالەتتە ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
16-ئاپرېل،كۇماموتو شەھىرىدە سەھەر 1:25 مىنۇت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن.تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.شۇ كۈنى كۇماموتو ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا دېيىلىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر دەرھال دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،كيۇشۇ رايونىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ ھەر قېتىملىق قالدۇق تەۋرەش 1 بالدىن 3 بالغىچە 533 قېتىم،4 بالدىن يۇقىرى 6 بالدىن تۆۋەن بولغىنى 83 قېتىم تەكرارلانغان.
ھازىرغىچە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۆلگەنلەر سانى 40 تىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار 10 دىن ئاشقان، مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئېغىر يارىلانغان.
كۇماموتو شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن سۇ كۈنى كۇماموتو شەھىرى بىلەن تۇتاش بولغان فۇكۇئوكا شەھىرى، ئوئىتا ئۆلكىسىدە 7 بالدىن تۆۋەن بولغان يەر تەۋرەش كۆرۈلگەن.
بىز ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام مەخمۇت كيۇشۇ رايوندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇماموتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلىرىدىن كاتاھىرا خانىمغا تېلېفون قىلىپ بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«قالدۇق يەر تەۋرەش ھازىرغىچە داۋا قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئاپەتتە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق»دېدى.
ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆتكۈر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە كيۇشۇ رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا دېيىلىشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 16-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى ئاپەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 16-ئاپرېل كيۇشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قاپسىلىپ قالغان 16 نەپەر خىتاي ساياھەتچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپەت رايونىدىن بىخەتەر چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى 11-مارت ياپونىيەدەنىڭ توھوكو رايونلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىمۇ بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە،ياپونىيە باش ۋەزىر شىنزو ئابې كۇماموتو شەھىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال ھۆكۈمەتنى پۈتكۈل كۈچىنى ئاپەت رايوندىكى تالاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە قارىتىشقا بۇرىغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سورىغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.