ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرغان تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىگە قامالغانلار؛ چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن ياكى پەرزەنتلىرى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلار، نەچچە يىل بۇرۇن تەبلىغ ئاڭلىغان، دىنىي مەزمۇندىكى بۇيۇملارنى ساقلىغانلار ۋە ئىسلامى يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارلىق ھېچقانداق بىر جىنايەت تۈسىنى ئالمىغان سەۋەبلەردىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەن.
دائىرىلەر ئاشكارا ھالدا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىنى «ئىدىيە جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاممىنى بالنىستا ياتقۇزۇپ داۋالاش» پۇرسىتى دەپ تەشۋىق قىلىپ، مەسىلىسى بار دەپ قارالغان ئاممىنى داۋالايمىز، يېمەك-ئىچمىكىنى بېرىمىز، ئەمگەككە سالمايمىز، دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن سىرت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن، غەيرىي رەسمىي تۈرمىگە ئوخشاش يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي يوسۇندىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ھەر بىر شەخسنىڭ قان ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى مەلۇم بىر مىللەتنى نۇقتا قىلىپ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» باھانىسىدە شەخسلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىلىرى ۋە سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان بىر ھەرىكەت، دەپ قارىماقتا.
يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغان تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلانىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈنمۇ، دائىرىلەر ئايرىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ بېكىتكەن ئىكەن.
دائىرىلەرنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغانلار ئۈستىدىن سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
ئاخىرى قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى، «يۈەن دوڭ» كەسپىي چەكلىك شىركىتى دوختۇرخانىسىغا بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى. مەزكۇر دوختۇرخانا بىر ۋېنجۇلۇق خىتاي تەرىپىدىن 2010-يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان دوختۇرخانا ئىكەن.
مەزكۇر دوختۇرخانىغا قاراتقان تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئۇيغۇر سېسترا تەربىيەلەۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىك ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئارخىپلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىندا رادىيومىزغا كېلىۋاتقان بەزى تولۇق بولمىغان ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلاردىن بۇ خىل تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىرى ھەتتا ئۆگىنىش ۋە مەسىلىنى تاپشۇرۇش باسقۇچلىرىدا جازا كېسىلىپ ئۇدۇل تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەندىن سىرت يەنە، ساق-سالامەت كىرىپ كېتىپ، ھەر خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، تەربىيەلەش مەركىزىدىن مېيىتى چىققان ئەھۋاللارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا رادىئومىزغا بىرى ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، قەشقەر قوغان يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن رامان ھاجىم دېگەن بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىنىڭ، تەربىيەلەش مەركىزىدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن تۇيۇقسىز مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز بۇ تولۇقسىز ئۇچۇرنى دەلىللەشكە تىرىشتۇق، «يۈەندوڭ دوختۇرخانىسى» دىكى بۇ سېسترا مەزكۇر دوختۇرخانىدا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ بارلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قوغان يېزىسىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بىز يەنە قەشقەر قوغان يېزىلىق ساقچى پونكىتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىنىڭ جاۋابلىرىدىن، تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ھەممىلا يەردە بارلىقى، قوغاندىمۇ بارلىقى ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەم تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ھەر قانداق كىشى ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قايتا دەلىللەندى. ئەمما بۇ ساقچى باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز قەشقەردىن باشقا جايلاردىمۇ تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئوخشاش سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە باشقا جايلارغىمۇ تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق، ئېنقلاشلىرىمىز داۋامىدا خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن مەلۇمات ئالدۇق.
لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى مەلۇم بۆلۈمىدىن تېلېفوننى ئالغان بىر ئۇيغۇر سېسترا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنى مەخسۇس تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرىدىغان دوختۇرخانا قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ سېسترانىڭ ئېيتىشىچە نورمالدا ساغلام بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدەن تەكشۈرتۈشىگە 165 سوم كېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىۋاتقانلار بۇ دوختۇرخانىدا ھەقسىز تەكشۈرۈلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قان ئەۋرىشكە ۋە سالامەتلىك ئارخپلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.
بۇ سېسترانىڭ ئېيتىشىچە يەنە تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئىچىدە تۈرلۈك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭمۇ بار بولۇپ، ئەمما داۋالاش چىقىمىنى بىمارلار ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى قوزغاپ، بىرىنچى قېتىمدا جەمئىي 17 مىليون 500 مىڭ ئاھالىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزغان.
ئىككىنچى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى بۇ يىل 2-ئايدا باشلىغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئىككىنچى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا قارىتىلغان بولۇپ، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 4 مىليون كىشى ئىچىدە جەنۇبتىن تەكشۈرۈلگەنلەر 3 مىليون 200 مىڭ كىشىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش مەسىلىسىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقىدۇر.
0:00 / 0:00