يەر ناملىرى مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي جامائەت ئۇچۇرى بولۇپلا قالماستىن، قىممەتلىك تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى 2014-يىل 7-ئايدا باشلىغان بولۇپ 2018-يىلى 7-ئايغىچە تاماملايدىكەن. بۇ دائىرىلەرنىڭ يەر ناملىرىنى 2-قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ يەر ناملىرىنى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاتالمىش يەر-جاي ناملىرىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مەدەنىيەت مەزمۇنى مول بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر تىلىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي يەر-جاي ناملىرى خىتايچىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى. ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ناملىرى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر نۇرغۇن يەر ناملىرىنىڭ بۇ يۇرتنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتى ئىكەنلىكىدەك ئەينەن ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ» دەپ قارايدۇ، ئۇ يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن يەر ناملىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ھەر بىر كونا يەر-جاي نامىنىڭ ئارقىسىدا بىردىن ھېكايە بار.» ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرى ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەنبەلىرىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدا تەخمىنەن يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق يەر-جاي ناملىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. يەر ناملىرى تەتقىقاتى ناھايىتى كەڭ، ئۇ ئېتنوگرافىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. يەر ناملىرىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاش، يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تارىخ، مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن نۇرغۇن يەر-جاي نامى بار، بۇلار قىممەتلىك تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر-جاي ناملىرىنى قوغداش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2018-يىلىغا قەدەر داۋام قىلىدىغان تۆت يىلغا سوزۇلغان يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارخىپىنى رەقەملەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر جاينىڭ كۆپ خىل نامى بولۇش، بىر نامنىڭ كۆپ جايلاردا قوللىنىشىدەك ئەھۋاللارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىخىي يەر-جاي ناملىرىغا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىماقتا.
دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرى ئادىتى ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بەزى يەر-جاي ناملىرى شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردىن ياسالغان، يەنە بەزىلىرى تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەر، مەشھۇر كىشىلەر، ئېتىقاد، ھۈنەر، شۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى دېگەندەكلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى بولۇپ، ھېلىھەم تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش نامىدىكى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بۇ ناملار قوغدالماي خالىغانچە ئۆزگەرتىلگەندە ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا ئىنتايىن چوڭ بىر بوشلۇق ۋە قولايسىزلىقلار ھاسىل بولىدۇ.
«يەر-جاي ناملىرى تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭگۈشتىرى، شۇنداقلا شەھەر ئىزناسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان قاھار ئەپەندى«يەر ناملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەجدادلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئېتنوگرافىيەلىك پاكىتتۇر» دەپ تەپسىلىي توختالدى ۋە «خىتايچە تارىخىي ماتېرىياللاردا قانداق خاتىرىلىنىشى ۋە ياكى ھازىر قانداق يېڭى ناملار بىلەن ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر يەر ناملىرى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بۇ جايلار ئەجدادلىرىمىز تارىخىنىڭ ئۆلمەس خاتىرىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پاكىتلارنى تارىختىن ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدۇ، خىتاي يېزىقى ۋە خىتاي تەلەپپۇزىدىكى ياكى ئۆزگەرتىپ ئىسىم يېزىش پەقەت ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرىدۇ ۋە زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ خالاس» دەپ خۇلاسىلىدى.
يەر-جاي ناملىرى ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئۆز سەلتەنىتى، ئۇرۇش، كېسەل، بالايىئاپەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر، مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بىرلىشىشى، تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تارىخ، جۇغراپىيە، تىل، ئىقتىساد، مىللەت، جەمئىيەت قاتارلىق مول مىللىي، ئىلمىي مەزمۇنلار مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ بىر خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى. قاھار ئەپەندى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ رايونىدىكى تارىخىي يەر-جاي ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تارىخىي يەر-جاي ناملىرىنى قوغداش تىزىملىكىنى تۈزۈشنى نۇقتا قىلىپ،تارىخىي يەر-جاي ناملىرى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشىنىڭ تەخىرسىزلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ئەمگەك ۋە ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر دەپ چاقىرىق قىلدى.
ئەمەلىيەتتە، 2007-يىلىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر-جاي ناملىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ باۋچۈەن يەر-جاي ناملىرىنى قويۇشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، يەر-جاي ناملىرى مەدەنىيىتى بايلىقىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىپ: «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەر-جاي ناملىرى، بولۇپمۇ شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلانغان كونا يەر-جاي ناملىرىنى قوغداش كېرەك. سودا تەرەققىياتىنى باھانە قىلىپ خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكۈزۈش، يەر-جاي ناملىرىنىڭ تۇرغۇنلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دېگەن ئىدى.
خىتاينىڭ-12بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسىدىمۇ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر، بازار، كەنتلەرنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداپ، مەدەنىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش باھانىسىدە، كونا ئۆيلەر چېقىلىپ، ئادەملەر كۆچۈرۈلۈپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ سانسىز ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن كونا يەر-جاي ناملىرىمۇ يوقىلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا كوچىلار، يېڭى مەھەللىلەر، ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى ۋە يوللارغا خىتايچە ۋە باشقا يېڭىياچە نام بېرىلىشكە باشلىدى. نۇرغۇن جاي ناملىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت پۇرىقى يوقىتىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي تەشۋىقات ۋە سودا پۇرىقىغا ئىگە قىلىندى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مىللىي مەدەنىيەت مەزمۇنى مول نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشى، يەر-جاي ناملىرىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچكە ئىگە بولمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.