جىڭ ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 8-ئاۋغۇست سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇ سەيگۇ دېگەن يېرىدە 7 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 9-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىدىمۇ 6. 6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خىتاي خەۋەرلىرىدە سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە ئۆلگەن ئادەمنىڭ يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما، جىڭ ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېھمانخانا خادىملىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەر ئاپەتنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئېغىرلىقىنى، ئەمما ئاپەت ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشقىلارنىڭ خەۋەر بېرىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خەلق تورى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىقلارنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بورتالا جىڭ ناھىيىسىدە 9-ئاۋغۇست شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى قالدۇق يەر تەۋرەش دەپ ئېلان قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا 10مىڭ 500 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

10-ئاۋغۇست خەلق تورىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋىرىدە، ئاپەت ئېغىر بولغان جىڭ ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 6. 6 بال دەپ بېكىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئاپەتتىن كېيىن 10 مىڭ 500 ئادەمنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، جىڭ ناھىيىسىدە 32 ئادەم يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، ئەمما شۇ كۈنى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلگەنلىكى ھەققىدە دوكلات يوقلۇقى، نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ خەۋەرلىشىش، سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلىنىشى نورمال ئىكەنلىكى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئاۋام پۇقرانىڭ كەيپىياتى مۇقىم، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جىددىي ۋە پۇختا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەندى.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 10-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا يەنە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ فېڭجۈننىڭ ئاپەت ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، جىڭ ناھىيىسىدە 10-ئاۋغۇست سائەت 16گىچە، 212 ئائىلىنىڭ 307 ئېغىز ئۆيىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 4032 ئائىلىنىڭ 5469 ئېغىز ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 213 جاينىڭ 2535 مېتىر تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 195 جاينىڭ 3600 مېتىر تاملىرى بۇزۇلغانلىقى، 153 جاي چارۋا لاپىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سانى 10 مىڭ 500 گە يەتكەنلىكى، دەسلەپكى مۆلچەردە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 150 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى قاتارلىقلار خەۋەر قىلىندى.

جىڭ ناھىيىسىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيە تەۋەسىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە دەز كەتكەن قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى جىڭ بازىرى، مانانبۇلاق بازىرى، تولى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى مەھەللىلەرگە جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مال قوتانلىرى. ناھىيە بازىرىدا تام ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ توپا ئاستىدا قالغان، يارىلانغان ھەتتا ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە كوچا خەۋەرلىرى تارقالغان. ئەمما، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ ئەھۋاللار بېرىلمىگەن. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدىكى تەسىرلىك خەۋەرلەر كۆپەيگەن. بۇ خىل تەشۋىقاتلاردىن رادىئو-تېلېۋىزورلاردا ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقىنى يەنىلا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا يالغان، ساختا خەۋەرلەرنى تارقاتماسلىق ۋە كوچا-كويلاردا ئاپەت ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق قاتارلىق خەۋەرلەر بولغان.

رادىيومىز جىڭ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى جىڭ بازىرى، مانانبۇلاق بازىرى، تولى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئاپەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونلار ئۇلانمىدى ياكى مەشغۇل چىقتى. ناھىيىگە قاراشلىق بىرقانچە مېھمانخانىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما سىگنال ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن تېلېفوندىكى ئاۋازلار ئۈزۈلۈپ چىقتى.

جىڭ ناھىيە مەركىزىدىكى مېھمانخانا خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، 9-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە يەرلىك تاراتقۇلاردا ھازىرغىچە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ھەققىدە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«بىز ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرمىدۇق. سىز جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە توردا بېرىلگەن باشقا خەۋەرلەرنى ئىزدەپ بېقىڭ. مېھمانخانىمىز جايلاشقان جىڭ ناھىيىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىدە، ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە زىيان ھەققىدە رەسمىي خەۋەر بەرمىدى. شۇڭا مەن يەر تەۋرەشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا يەر تەۋرىگەندە، ئۇلارنىڭ مېھمانخانىسىدا قاتتىق سىلكىنىش يۈز بەرگەن. ئۇلار ناھىيە تەۋەسىدە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، يارىلانغانلار ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر ئاڭلىغان. ئەمما ئاپەتنىڭ ئەمەلىي زىيىنى توغرىلىق جىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكوم قاتارلىقلار تېخى رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلمىغان. شۇڭا پۇقرالارنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھەققىدە بىلىدىغان مەلۇماتلىرىمۇ ئاز.

جىڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق ئېبنۇر كۆلى ساياھەت ئورنىدىكى مېھمانخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مېھمانخانىسى جىڭ ناھىيە بازىرىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئەمما ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدا مېھمانخانىدا سىلكىنىش خېلى ئېغىر بولغان.

بۇ خادىم مۇنداق دېدى: «مېھمانخانىمىز جىڭ ناھىيىسىگە 100 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما مېھمانخانىمىزدىمۇ تەۋرەش سېزىمى خېلى ئېغىر بولدى. تۈنۈگۈندىن بۇيان قالدۇق يەر تەۋرەشلەر كۆپ يۈز بېرىپ تۇردى. ئاڭلىشىمىزچە، كېيىنكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە قالدۇق يەر تەۋرەشلەر داۋاملىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. شۇڭا بىزگە مېھمانخانىدا ياتاق ئالماقچى بولغان ساياھەتچىلەرگە ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئويلىشىنى ئەسكەرتىشىمىز تەكىتلىنىۋاتىدۇ.»