ئۇيغۇر ئېلى زەھەرگە قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىلمۇ-خىل زەھەر چېكىدىغانلار يىلدا بەش مىڭدىن كۆپىيىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئومۇمى سانى قىرىق مىڭدىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈندە 10 ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئاتمىش مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

زەھەر چېكىدىغانلار بولسا نۇقتىلىق ئەيدىز ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ھەم ئەيدىزنى تارقاتقۇچىلار توپىدۇر.ئۇيغۇر خەلقى بىر يېنىدىن زەھەر، يەنە بىر يېنىدىن ئەيدىز تەھدىت سېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، زەھەرنى كونترول قىلىش ئەيدىزنى كونترول قىلىش بىلەن زىچ باغلانغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى زەھەر ئۇرۇشىدا، بۇ يىل تېخىمۇ زور رىقابەتكە دۇچ كەلگەن.

خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوتنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %18.09 بولغان، زەھەر كۆلىمى كىلودىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى نۇقتىلىق زەھەرلىك چېكىملىك دېلولىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن گەۋدىلىك بولغان.

ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ دۈشەنبە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يېرىم يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئۆزىدىلا زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن 277 سى پاش بولغان بولۇپ، بۇ دېلولارغا مۇناسىۋەتلىك 421 نەپەر جىنايەتچى تۇتۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك بولسا 412 كىلوگرامدىن ئاشقان. بۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە زەھەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېچىلىك بەزمىخانا، قاۋاقخانا، دېسكوخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ 26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغان 10 چوڭ زەھەر دېلوسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى كىرىپ ھازىرغا قەدەر بولغان يېرىم يىل ئىچىدە پاش بولغان زور تىپتىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلولىرىدا، خىتاينىڭ سىچۈەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى غوللۇق زەھەر ئۇۋىلىرىدىن ئۆلكە ئاتلاپ، ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن زەھەر دېلولىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ يۆتكەلگەن زەھەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ، يېڭى تىپتىكى كۆپ زەھەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بىرىكمە زەھەر مىقدارىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. يەنە بىر قىسمىنى بولسا ئافغانىستان، پاكىستانلىق زەھەر ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن «ئالتۇن ھىلال ئاي» رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان چېگرالىرىدىن ئېلىپ كىرگەن خروئىن، نەشە قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خۇلاسىسى بولسا «يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زەھەرگە ئائىت دېلولار پەۋقۇلئاددە كۆپەيدى، يىغىۋېلىنغان زەھەرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ، كېلىش مەنبەسى كەڭ، زەھەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تېز كۆپەيدى، پىششىقلاپ ئىشلەش، يۆتكەش ۋە سېتىشتىن ئىبارەت تورلاشقان زەھەر گۇرۇپپىلىرىغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، قايتا جىنايەت سادىر قىلغانلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە». پاش بولغان زەھەر دېلولىرىغا قارىغاندا،ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خروئىن ئاساسلىق بازار تاپقان زەھەر تۈرى بولۇپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان زەھەرنىڭ مەنبەسى ۋە تۈرى كۆپ خىللاشقان. جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرىمۇ بارغانچە كېڭەيگەن ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

گەرچە دائىرىلەر يىلدىن-يىلغا زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە بېرىلىدىغان قانۇنىي جازانى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ كۆپ خىللىشىش، كېلىش مەنبەلىرىنىڭ تارقاق بولۇشى ۋە زەھەر سودىسىنىڭ تېخىمۇ مەخپىي يوشۇرۇن ھالەتتە، ئەمما كەڭ دائىرىدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ زەھەرگە قارشى تۈرۈش ھەرىكىتىگە زور رىقابەت ياراتماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە 20 يىلدىن بۇيان زەھەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر ئەل ئىچى يارىپ زەھەر ۋە ئەيدىزگە قارشى مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەت قۇربان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، زەھەرگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاق ئالۋاستىدىن ئىبارەت بۇ زىيانداشنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن خەلق بىرلىشىپ ھەرىكەتلەنمەي تۇرۇپ ئاق ئالۋاستى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك شوئارى «زەھەرنى بايقۇت قىلىپ، زەھەر چەكلەشكە قاتنىشايلى.» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي سوتى زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا يەنە مۇنداق دەپ ئەسكەرتىلگەن «5600 كىلومېتىرغا سوزۇلغان شىنجاڭ چېگراسىدا ئون نەچچە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى بار، 100 خىللارچە يول شىنجاڭنى سىرت بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ يەنە ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى خەلقئارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىگە 360 تىن ئارتۇق زەھەر يۆتكەش قانال ھەم كارىدورلىرىنى ئېچىشىغا قۇلايلىق بىر شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا خەلقئارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەر يۆتكەش يوللىرىغا كۆز تىكمەكتە.»