ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا خىرىس قىلىۋاتقان يەنە بىر زەھەر-چۈمادو(Tramadol Hydrochloride)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.10.21
Tramadol-zeherlik-dora-chekimlik.jpg بۇ سۈرەتتە، (盐酸曲马多 tramadol) ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەزالار كۆرسىتىلگەن.
wikipedia.org

زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بىر ئىنسان، بىر ئائىلىگىلا ئەمەس ھەتتا پۈتۈن بىر مىللەت، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنى كېچىكىپ تونۇپ يەتكەچكە،بۇ كېچىكىش سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خروئىن ئاتلىق ئاق ئالۋاستىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ زور بەدەللەر تۆلىدى.

يېقىندىن بۇيانقى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا چۈمادو (Tramadol Hydrochloride) نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش بارغانچە ئەدەپ بېرىۋاتقان بولۇپ،مەزكۇر دورىغا ئېغىر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قالغانلار نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىغان، ھەتتا بەزىلەر بۇ دورىنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىۋالغانلىقىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، مۇتەخەسسىسلەر تېخى كېچىكمەستە ئەتراپتىكىلەرنى بۇ دورىنىڭ زىيانلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى يەنىمۇ زور زىيانكەشلىكلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا چاقىرماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىز پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئالدىنى ئېلىش،مەسلىھەت بېرىش، داۋالاش يولىدا خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان يارپ مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى،مۇتەخەسسىس ئەخمەت قۇربان يېڭى تىپتىكى خۇمار قىلغۇچى زەھەر بۇيۇملار ئىچىدە چۇمادونىڭ يامرىشىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقى ۋە ياشلارنى پۇشايمان ئۆڭكۈرىگە ئىتتىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ترامادول ئاتلىق بۇ دورا

ترامادول ھيدروچلورىدە (يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ( نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئاغرىق ئازابىنى توختىتىش، يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دورا ھېسابلىنىدۇ.

ترامادولغا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە قارىتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلمەكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. خىتاي ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رېتسېپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.

ھالبۇكى خىتايدىكى دورا بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى بۇ كۈچلۈك خۇمار قىلىش كۈچىگە ئىگە دورىنىڭ بىمالال قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىلىش ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىشىگە كەڭ قۇلايلىق ياراتماقتا.

ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بۇ دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تايىنىشچانلىق (药物依赖, drug dependent) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300-400 مىللىگرام (6-8 تال) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېغىر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تايىنىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى (كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى) باشقا زەھەرلىك بۇيۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستىراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.

(Tramadol) نىڭ ناچار تەسىرلىرى

1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تايىنىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرسىتىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن ياش ئۆسمۈرلەر بۇ زىيانداشقا خۇمار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېگەندە، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا يەنە بىر پەيدا قىلىدىغان تەسىرى روھلاندۇرۇش، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان-تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن، كېچىلىك بەزمىخانا، دىبا دېگەندەك جايلاردىن كۈن بويى چىقالمايدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت-قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدۇ دەپ قالايمىقان ئىستېمال قىلغان.

ھەتتا بەزى قىزلارمۇ قورساق ئاچقاننى بىلمىسەك، ئۇخلىمىساق، ئورۇقلايدىكەنمىز دەپ قاراپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست-ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان.

يېقىندىن بۇيان يارپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش مەركىزىگە چۇمادوغا خۇمار بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ ۋە ياكى مەسىلىنىڭ يېنىك ئەمەسلىكىنى ئىنكاس قىلىپ تېلېفون قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيگەن، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ترامادولنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بىر ۋەزىيەتتە.

زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى ئەخمەت قۇرباننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

(盐酸曲马多) نى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا توختىماي تىت-تىت بولۇش، يۈرىكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك-بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە-دۈككىدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. (盐酸曲马多 Tramadol ) نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.

يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ زوراۋان، قەبىھ خاراكتېرلىك بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئۇرۇنىدىكەن. شۇنىسى روشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر (盐酸曲马多 Tramadol) ئاللىقاچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رېتسېپسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرۇپمۇ، ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنى ئاسانلا تېپىپ ئىستېمال قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا دائىرىلەر بۇ خىل زىيانداشنى چەكلەشكە يېتەرلىك ئېتىبار بەرمىگەن، بىر قىسىم دورىخانا خوجايىنلىرى، دورا ساتقۇچىلار بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە، ياش ئەۋلادلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.