يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قازاقىستاندا تونۇلغان كومپوزىتورلارنىڭ بىرى پولات ھېزىموفنىڭ دۇنياۋى گۈزەللىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەڭ تارقالماقتا.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنياۋى گۈزەللىك بىرلەشمىسى خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، 70 تىن ئوشۇق مەملىكەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ئەزادۇر. مەزكۇر تەشكىلات گۈزەللىك، سەنئەت، ساتىراشلىق سەنئىتى ۋە باشقىلار بويىچە خەلقئارالىق بىر نەچچىلىگەن مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى. ئۇلار ھەر يىلى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردا غالىپ چىققانلارنى تەقدىرلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
قازاقىستاندىكى «تارىم» ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى، تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور پولات ھېزىموف شۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ «ئەڭ مودا» مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى كومپوزىتور» تۈرىگە ئېرىشكەن. پولات ھېزىموفقا مەزكۇر مۇكاپات ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن.

بىز پولات ھېزىموف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيادا ھەممە مەملىكەتلەردە، قازاقىستاندىمۇ ۋەكىللىرى باركەن. ئۇلار يىلىغا ھەر بىر مەملىكەتتە بۇنى ئۆتكۈزىدۇ. 2019-يىلى ئۇلار رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئۇلار تور بەتلىرىدە ھەممىنى تەكشۈرۈپ ماڭىدۇ. مېنىڭ ناخشىلىرىمنى كۆرۈپ، ئاندىن مەن بىلەن ئالاقە قىلدى. مەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ناخشىلىرىنى، ئۆمۈر بايانىمنى بەردىم. تۆت-بەش ئاي تەكشۈرۈپ، مېنى 2019-يىلى رۇمىنىيەگە تەكلىپ قىلدى. لېكىن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن توختاپ قالدى. بۇ يىل 19-ئىيۇندا رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزدى».
پولات ھېزىموف، كېسەللىك سەۋەبىدىن مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا مەزكۇر مۇكاپات ئالمۇتاغا ئېلىپ كېلىنىپ بىۋاسىتە ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر مۇكاپات پولات ھېزىموفنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.
پولات ھېزىموف شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە قازاق ئارتىسلىرى ئۈچۈن 70 تىن ئوشۇق ناخشا يازغان. ئۇ «ۋىسال دەملىرى»، «سېغىنىش»، «ئاتىلار ناخشىسى» ناملىق ئۈچ توپلامنىڭ ئاپتورى، بىر قاتار خەلقئارا سەنئەت مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى. شۇنداقلا ئۇ «دىيار»، «لەيلى»، «ئاداش»، «ئىرادە» ئانسامبىللىرىنىڭ ئاساسچىسى. پولات ھېزىموف ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى مەرھۇم مۇرات ناسىروف بىلەن بىر نەچچە يىل ئىجادىي ھەمكارلىقتا ئىشلەپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى تەرغىب قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغانىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «بىنت» بىرلەشمىسىنىڭ باشقارما رەئىسى، تونۇلغان تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېف ئەپەندى دۇنيا گۈزەللىك بىرلەشمىسىنىڭ شۇ جۈملىدىن تالانتلىق كومپوزىتور ۋە ناخشىچىلارنى تاللاپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا، ئامېرىكانىڭ چوڭ تىجارەتچىلىرىنىڭ، خوللىۋۇدنىڭ داڭلىق سەنئەتچىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ماددىي جەھەتتىن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دىلمۇرات قۇزىيېف پولات ھېزىموفنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەنلىكىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «پولاتنى مەن 15-20 يىلدىن بۇيان ياخشى بىلىمەن. پولاتنىڭ ناخشىلىرى ئاددىي تىلدا يېزىلغان، ھەممە تەرەپتىن چۈشىنىشلىك. ئاتا-ئانا، ۋەتەن، ھايات، ھەر ساھەدە پولاتنىڭ ناخشىلىرى ماھىرلىق بىلەن يېزىلغان. پولات داڭلىق كومپوزىتور بولۇپلا قالماي، ئۆزى كىچىكپېئىل، ئەخلاقى تەرەپتىن ھەر ئادەم پەخىرلىنىدىغان كومپوزىتورىمىز. بۇ مۇكاپات پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە شان-شۆھرەت ئېلىپ كەلمەكتە. پولات ھېزىموفنى قازاقىستاندىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا، تۈركىيەدە ياخشى بىلىدۇ».
دىلمۇرات قۇزىيېف پولات ھېزىموفنى پۈتكۈل تىجارەتچىلەر نامىدىن سەمىمىي تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك، ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، پولات ھېزىموفنىڭ ئىسمى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئېنسىكلوپېدىيەگە كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ 1964-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن چىش تېخنىكىسى كەسپى بويىچە تېخنىكومنى تاماملاپ، چىش دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا بولغان قىزىقىش ئۇنى بۇ ساھەگە ئېلىپ كىرگەن. پولات ھېزىموف دەسلەپ «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلى، كېيىنكى يىللاردا بولسا، «تارىم» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى سۈپىتىدە كۆپچىلىككە ياخشى تونۇلغان.