ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى «داۋىد بۇركې مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتى - «داۋىد بۇركې مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرى 13-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقىنىڭ باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «2019-يىللىق داۋىد بۇركې ئاخبارات مۇكاپاتى» نى كوللېكتىپ ھالدا سەھنىگە چىقىپ تاپشۇرۇۋالدى.

«داۋىد بۇركې ئاخبارات مۇكاپاتى» ئامېرىكا ئاخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى داۋىد بۇركې ئەپەندىمنىڭ نامىدا تەسىس قىلىنغان. مۇدىرىيەت ئۆتكەن يىلى ئۆز نامىنى «ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقى» دەپ ئۆزگەرتكەن. مەزكۇر مۇكاپات مۇدىرىيەت قارمىقىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا نامايان قىلغان جاسارىتى ۋە كەسپىي روھىنى تارتۇقلاش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئالاھىدە مۇكاپاتتۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پارام پوننۇدۇراي ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرلارغا تاشلاپ تەھدىت سېلىشىغا قارىماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا كۆرسەتكەن زور جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

«داۋىد بۇركې ئاخبارات مۇكاپاتى» 2001-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىپ كېلىمەكتە. بۇ يىل «ئامېرىكا ئاۋازى»، «ئازادلىق (ئەركىن ياۋروپا) رادىيوسى»، كۇباغا قارىتىلغان «رادىئو مارتى» «ئوتتۇرا شەرق مېدىيا تورى (ئەل ھۆر قانىلى)» شۇنداقلا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ۋە بۆلۈملەر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ «داۋىد بۇركې ئاخبارات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەزكۇر داڭلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.