«مۇلان» فىلىمى ئىشلەنگەن تۇرپاندا 4‏-لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سېمونت ۋە شېغىل زاۋۇتىدا ھەقسىز ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «مۇلان» فىلىمى ئىشلەنگەن تۇرپاندا «4‏-تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان لاگېرنىڭ تۇرپان-توقسۇن تاشيولى بويىدىكى بىر جاڭگالغا جايلاشقانلىقى، ئۇ يەرگە شېغىل ۋە سېمونت زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن تەشكىلات تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دىسنېي فىلىم شىركىتىنىڭ تۇرپاندىكى لاگېرلارغا كۆز يۇمۇشىنى «زالىمغا يان باسقانلىق ۋە ئامېرىكانىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىك» دەپ ئەيىبلىدى

ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دىسنېي فىلىم شىركىتى «مۇلەن» فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە يېقىن ئەتراپىدا 1-، 2، ۋە 3‏-تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ نومۇرلۇق ئاتىلىدىغان 8 لاگېرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ 8 لاگېردىن بىرىنىڭ، يەنى «4‏-تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ تۇرپان-توقسۇن چوڭ تاشيولى بويىدىكى بىر جاڭگاللىققا جايلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. توقسۇن ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ بولغان بۇ لاگېر تۇرپان شەھەر ئىچىدىن10 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا ئىكەن.

دىسنېي شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلەش داۋامىدا مانا مۇشۇ لاگېرغا كۆز يۇمغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن تەشكىلات تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دىسنىي شىركىتىنىڭ مەزكۇر لاگېرلارغا كۆز يۇمۇشىنى «دىسنينىڭ ۋە ئامېرىكانىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىك» دەپ تەنقىدلىدى.

تۇرپان ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر دەسلەپتە بۇ لاگېرغا ئادەم توپلىغاندا تۇتقۇنلارغا 15 كۈنلۈك «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان؛ ئارقىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان19 ‏-قۇرۇلتاي يېپىلغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن دائىرىلەر بۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لاگېرنىڭ ئىچىگە زاۋۇت-فابرىكىلارنى سېلىشقا باشلىغان. لاگېرغا توپلانغاندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىغان تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ لاگېردا قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇت-فابرىكىلارغا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئارىدا قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. مەزكۇر ساقچى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ لاگېردا بىر شېغىل زاۋۇتى ۋە بىر پايپاق زاۋۇتى مەۋجۇت ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈنكى باياناتىدا دىسنېي فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىگە خىتابەن كۆپ پۇل تېپىش ۋە كارخانىنى زورايتىشنىڭ تەس ئىش ئەمەسلىكى، تەس بولغىنى بۇنى ئەخلاق چىگراسىدىن چىقماي ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلماي تۇرۇپ بېجىرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2017‏-يىلىنىڭ ‏ئاخىرىدىن باشلاپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئاتالمىش «جىنايەت» لىرىگە قاراپ دەرىجىلەرگە ئايرىغان ۋە پەرقلىق رەڭدىكى فورما كىيىملەرنى كىيدۈرۈشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاننىڭ4 ‏-لاگېرىدا ئاتالمىش «جىنايىتى ئېغىر» بولغانلار شېغىل زاۋۇتىدا، يېنىك بولغانلار پايپاق زاۋۇتىدا ئىشقا سېلىنغان. لاگېردىكىلەردىن باشقىلارنىڭ كىرىپ-چىقىشى پۈتۈنەي چەكلەنگەن بۇ زاۋۇت-فابرىكىلاردا لاگېر تۇتقۇنلىرى ھەقسىز ئىشلىتىلگەن.

بۇ لاگېردا ئادەم سانى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «جىنايىتى ئېغىرراق» بولغانلىرى توقسۇننىڭ ئالغۇي بازىرىدىكى جوڭتەي يەنخۇا گۇرۇھىنىڭ سېمونت زاۋۇتىدا ئىشقا سېلىنغان. دېيىلىشىچە، 4 ‏-لاگېرنىڭ بىر قىسىم تۇتقۇنلىرى جوڭتەيدىكى سېمونت زاۋۇتىغا ئەتىگەن سائەت 6 دە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ. كېچە سائەت 8دە قايتۇرۇپ ئەكلىنىدىكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا لاگېرنىڭ شۇ زاۋۇتتىكى ياتاقلىرىدا يېتىپ ئىشلەيدىكەن.

مانا بۇ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان رابىيە قادىر خانىم 13-سېنتەبىردىكى باياناتىدا مەزكۇر شىركەتنى زالىمغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «مۇلەن» فىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۆمىگە ۋە تۇرپان ساقچى ئىدارىسىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلغان. رابىيە خانىم بۇ رەھمەت-مەدھىيەنى بولسا «ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتىل ھۆكۈمەت بىلەن قول تۇتۇشۇش» دەپ تەسۋىرلىدى ۋە بۇنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن «يىرگىنچلىك بىر كۆرۈنۈش» دەپ ئەيىبلىدى.