مۇنىر يېرزىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ۋە قوللاشتا بولغان

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 30-ئىيۇندا، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان تاتار، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى مۇنىر يېرزىننى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتتى. ئۇ 29-ئىيۇن كۈنى 92 يېشىدا ۋاپات بولغانىدى. دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى خەۋپى سەۋەبى بىلەن بىخەتەرلىك چارىلىرى قوللانغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمى قەتئىي چەكلەندى.

بىز ئەينى ۋاقىتلاردا مۇنىر يېرزىن بىلەن بىللە ئىشلىگەن ھەم ئارىلاشقان، ئۇنىڭ پائالىيىتىدىن ياخشى خەۋەردار كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەرھۇم ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئىگىلىدۇق.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف ئەپەندى مۇنىر يېرزىننىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىدە تۇتقان ئورنىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ بۇ ساھەدە ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا كۆپلىگەن ئىلمىي لايىھەلەرگە قاتناشقان. مانا شۇلارنىڭ بىرى-‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› كوللېكتىپلىق مونوگرافىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار دەۋرىدىكى تارىخىغا بېغىشلانغان بۆلۈمى مۇنىر ئاكا يېرزىننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. مۇنىر ئاكىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى بۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتى تارىخىغا دائىر چىقارغان ‹ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى› ۋە ‹ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى› ناملىق ئەمگەكلىرى بولۇپ، ئۇلاردا يەتتىسۇدا ۋە كېيىنرەك سوۋېت ئىتتىپاقىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى كۆرسىتىلگەن. مۇنىر يېرزىننىڭ يەنە بىر چوڭ ئەسىرى، ئۇ يازما مەنبەلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەتبەئەچىلىك سەنئىتىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئالىمنىڭ 2012-يىلى چىققان ‹ئەسىرلەر سىرى› ناملىق مونوگرافىيەسىدە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۇرپان دۆلىتىدە تەرەققىي ئەتكەن ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكى تارىخى، 2015-يىلى يورۇق كۆرگەن ‹ياۋروئاسىيا تېگىدىن› ناملىق كىتابىدا قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن. مۇشۇ يەردە ژۇرنالىست يادىكار سابىتوفنىڭ مۇنىر يېرزىننى ‹تاتار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك› دەپ ئاتىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئورۇنلۇق.»

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنىر يېرزىن يەنە ئۆز مىللىتى، يەنى تاتار خەلقىنىڭ ۋە دۇنيادىكى بارلىق تاتار جامائەتچىلىكىنىڭ تارىخىغا ناھايىتى قىزىققان ئالىمكەن. مەرھۇمنىڭ تەقدىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتارلارنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تارىخچى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇنىر يېرزىن بىلەن 1991-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تونۇشۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى پائالىيەتلىرىدە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «مۇنىر ئاكىمىز ئۇيغۇر مەتبۇئاتى، ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكى توغرىلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ مىڭيىللىق تارىخى بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلىقى ھەققىدە خۇلاسە چىقارغانىدى. ئىككىنچى تەرەپتىن، مۇنىر ئاكا 1992-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تارىخچى داۋۇت ئىسىيېف ۋە مۇنىر ئاكىلار تارىخنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا، شۇ جۈملىدىن مىللىي-ئازادلىق تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن. مەلۇمكى، مۇنىر ئاكا ئۆزى بىۋاسىتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىڭ ئىككىنچى رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋە شۇنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئالتاي ۋە چۆچەكتە ‹ئازاد شەرقىي تۈركىستان›، كېيىن ‹ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان› گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىدۇ. ئۆزى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۆرگەن، قاتناشقان، قىلغان، ئاڭلىغان پائالىيەتلەر توغرىلىق دوكلات قىلغان. مۇنىر ئاكا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ناھايىتى ئارمان قىلاتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارى بولدى ۋە بىزنى شۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى.»

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنىر يېرزىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنى، مىللىي ئارمىيە بايرىمى ۋە باشقىمۇ ساھەلەرگە، ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە ئاساسلىق پاكىتلارنى كەلتۈرگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ دوكلاتلىرى، مەزمۇنلۇق نۇتۇقلىرى بىلەن داۋاملىق قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنىر يېرزىننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلەتلىرى جەھەتتىن ئۆز زامانداشلىرىدىن، سەپداشلىرىدىن قەتئىي پەرقلىنىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مۇنىر يېرزىننىڭ ۋاپات بولۇشىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇنىر ئاكىنىڭ ئومۇمەن قازاقىستان مەملىكىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر مەتبۇئاتىغا سىڭدۈرگەن ئەمگىكى بىباھا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى مۇنىر يېرزىنسىز تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتى، باسقان يوللىرى، ئۇنىڭغا ئەمگەك سىڭدۈرگەن شەخسلەر توغرىلىق كېلەچەك ئەۋلادقا باي مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ نامىنى، نەپسىنى تاشقا تامغا باسقاندەك تارىخقا قالدۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇنىر ئاكىنىڭ روھى ئالدىدا باش ئېگىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، مۇنىر يېرزىن 1955-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، 1967-يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، 1986-1996-يىللىرى بولسا، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، قەلىمىنى تاشلىماي، ئۇيغۇرلار ۋە تاتارلار ھەققىدە يازغان تەتقىقاتلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ۋە تەرغىب قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقتا بولغان.