مۇتەخەسىسلەر: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹مۇقىملىق› نى باھانە قىلغان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا يېڭىدىن پارتكوم سېكرىتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى ساھاسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەملەدارلىرىنىڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2021-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە 2022-يىللىق پىلان ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز 2022-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەققىدە توختلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسى› نى يېتەكچىلىك قىلىش›، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىدا چىڭ تۇرۇش، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاش» قاتارلىق نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتتىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق ئىزنا يوق. ھالبۇكى، بۇلار شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئۆزى بېكىتەلەيدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان شەپقەتسىزلەرچە يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى يەنى، ‹ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى› شى جىڭپىڭ ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن.»

تېڭ بياۋ بۇ قارىشىنى شەرھىلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «بەلكىم بەزى سىياسەتلەردە بىراز يۇمشاش بولۇشى مۇمكىن. شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلىدىغان پۈتكۈل سىياسەتتىن قارىغاندا، پارتكوم سېكرىتارى، رەئىس دىگەندەك ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ئەمەلدارلاردا ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، سىياسەت بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتىگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن ئالاھىدە ۋە مۇھىم. ئۇنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ئىستراتېگىيەسى بېيجىڭ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ما شىڭرۇينىڭ چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلۇشى، قىسقا مەزگىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»

ئادۋوكات تېڭ بىياۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېرورىزىمغا زەربە بېرىش›، ‹بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش› نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭغا قاراتقان كونتروللۇقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ كەلدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ تەرەققى قىلىپ ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەرىجىسىگە يەتتى. ھالبۇكى، بۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويۇلغان سىياسەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزگىنىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇق سىياسىتى پىلانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.»

تېڭ بياۋ، شى جىڭپىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› نامىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىشقا يۈزلەنگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ سىياسەت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» شەكلىدە زورلۇق ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنماقتىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى ئاۋال 23-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا مۇۋەققەت رەئىس ئەركىن تۇنىياز ئوتتۇرىغا قويغان 2022-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمەت پىلانى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە ئەركىن تۇنىيازنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاش» قاتارلىق نۇقتىلارنى تەكىتلىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئېرقىي قىرغىنچلىق» سىياسىتى ئېتىراپ قىلىنغان. ئامېرىكىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللىنىشى بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەن. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلىگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قالغان.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2021-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەسلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۇينى تەيىنلەنگەن. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئالماشتۇرۇلغان. ئەمما بۇلار ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «مۇقىملىق» نى باھانە قىلغان باستۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.