خىتاينىڭ مۇقىملىققا مەسئۇل ئالى رەھبىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاشقۇنلىققا قارشى كۈرەشتە قانۇننىڭ «ئىلمىيلىكى» گە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.06.20
chen-wenching-chen-wenqing.jpg خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ سابىق مەسئۇلى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ(ئوڭدىن ئىككىنچى) يىغىندا. 2023-يىلى 13-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ سابىق مەسئۇلى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەرگە ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» توغرىسىدا يېڭى كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن. خىتاينىڭ مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مەزكۇر ئالى رەھبىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر رايوندىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرىنى «نورماللاشتۇرۇشى»، شۇنداقلا ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتا قانۇننىڭ «ئىلمىيلىكى» گە ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نىزاملىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن نورمال دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئېچىش بىلەن ئەيىپلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، چېن ۋېنچىڭنىڭ ئاشقۇنلىققا قارشى تۇرۇشتا قانۇنلارنىڭ «ئىلمىيلىكى» گە ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ چېن ۋېنچىڭنىڭ 2022-يىلى 10-ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىشىدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشىدۇر. ئۇ 14-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بارغان بۇ 5 كۈنلۈك تەكشۈرۈشىدە، يەرلىك دائىرىلەرگە «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش……. پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر «قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە مەسىلىلىرىنى قۇرۇلما سەۋىيەسىدە ھەل قىلىشنى ئالغا سۈرۈشى، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاستىلىرىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» ئىكەن.

چېن ۋېنچىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىي شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» رەھبەرلىك گۇررۇپىسى قايتا تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن رايوندا تەكشۈرۈشتە بولغان ئالى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىدىن 2-كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشىنىڭ رەئىسى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.

چېن ۋېنچىڭ خىتاي-ئەرەپ ئىتتىپاقى ۋە پەلەستىن رەھبىرىگە ئوخشاش تەشكىلات ھەم شەخسلەرگە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەركىتىنى «تېررورلىق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ قوبۇل قىلدۇرسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرالمايۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ رايوندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» تا قانۇننىڭ «ئىلمىيلىكى» نى تەكىتلىشى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تېرمىنلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ «سوغۇققان»، «ھېسسىياتتىن خالى» ھەم «ئېنىق» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەن.

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى 20-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئىلمىي›، ئوبيېكتىپ› ياكى ‹ئاقىلانە› دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىڭشىغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغول مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە چۈشەنچىسىنىڭ ئېنىق، ھېسسىيات ئارلاشمىغان، ھەرىكەتكە يېتەكلىگۈچى ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتىرلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

ھانو شەدلېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، چېن ۋېنچىڭنىڭ «ئىلمىيلىك» بىلەن «قانۇن چىقىرىش» نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشى بىر خىل تاكتىكا بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەركىتىنى «نۇقسانسىز» دەپ كۆرسىتىشنى نىشان قىلغانىكەن. ھانو شەدلېر: «ئىلمىيلىك بىلەن قانۇن چىقىرىشنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەنقىد قىلغىلى بولمايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھېچكىم بىر مەسىلە ياكى خىرىسنى ئىلمىي رەۋىشتە ھەل قىلىشنىڭ ياخشىلىقىغا كاشىلا چىقارمايدۇ. (ئۇنىڭ) ‹ئىلمىي قانۇن چىقىرىش› دېگىنىنىڭ پەقەت بىر خىللا يولى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇن چىقىرىش يولى بولسا كېرەك» دېدى.

چېن ۋېنچىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلارغا بەرگەن كۆرسەتمىسىدە يەنە: «پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەم نورماللاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بىلەن باشقۇرۇش تەلىپىنى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دىگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: «ئىلمىي قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللىغۇچى قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قۇرۇلما سەۋىيەسىدە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتا قانۇن قورالىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش كېرەك.»

ئامېرىكادىكى خىتاي كىشىلىك ئادۋۇكاتلىرىنىڭ قارىشىچە، چېن ۋېنچىڭنىڭ «ئىلمىي قانۇن چىقىرىش» دېگىنى ھېچقانداق يېڭى ئۇقۇم ئەمەس ئىكەن ھەمدە بۇ، خىتاينىڭ قانۇن ياكى سىياسەت جەھەتتە ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئامېرىكادا ياشايدىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى تېڭ بىياۋ 20-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى تەشەببۇسلارنى ياساپ چىقىشقا بەك قابىل. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ خىل تەشەببۇسلارنىڭ ھېچقانداق يېڭى مەزمۇنى يوق. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇنىڭ ‹ئىلمىي قانۇن چىقىرىش›دىگەن بۇ نەرسىلىرىمۇ ھېچقانداق يېڭى نەرسە ئەمەس. بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ قانۇن ياكى سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ».

تېڭ بىياۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېز ئارىدا ئۆزگەرتىشى قىيىن ئىكەن. ئۇ، بۇنى ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتى بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولدى. بلىنكېنمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغنچىلىق سىياسىتىنى تېز ئۆزگەرتىشى قىيىن. چۈنكى، بۇنى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى ھەم ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەق ماھىيىتى بەلگىلىگەن. ئۇ قانداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويسا قويسۇن، بۇ پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان رەڭۋازلىق خالاس. ئۇنىڭ ‹نورماللاشتۇرۇش› دېگىنى رايوندىكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە قارىتىلغان كونتروللۇقنى نورماللاشتۇرۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى نورمال نەرسىگە ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر».

تېڭ بىياۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى «شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى» نوقۇل لاگىردىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسى بىلەن چەكلەنمەيدىكەن. تېڭ بىياۋ: «شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى پەقەت جازا لاگىرلىرىغا قامالغان كىشىلەر مەسىلىسىلا ئەمەس. بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىشى، بۇ ئىنتايىن ۋەھىمىلىك نازارەت سېستىمىسى ئىچىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىش مەسىلىسىدۇر» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى» نى رەت قىلسىمۇ، ئەمما 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر لاگىر، تۈرمىلەگە قامالغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ياكى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە تۇتۇلغان. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمىيىتى» دىكى ھانو شەدلېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 2-باسقۇچقا كىرگەن.

ھانو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئاز دىگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى قانۇندىن ھالقىغان ۋاستىلارنى قوللىنىپ قامىدى. مانا ئەمدى بىز بۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدا نىشاندىكى كىشىلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇن سىستېمىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنماقتا.»

چېن ۋېنچىڭ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلا رمىنىستىرى بلىنكېننىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسى بىيۇروسىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دېرىكتورى ۋاڭ يى، شۇنداقلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. بلىنكېن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن 2018-يىلدىن بېرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ قالغان. بلىنكېن سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، جۈملىدىن شىنجاڭ، خوڭكوڭ، تىبەت مەسىلىلىرىنى سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆھبەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ئختىلاپنىڭ بىراقلا ھەل بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.