24-فېۋرالدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايېفنىڭ ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئالىم نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ» ماۋزۇسىدا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىلمىي لايىھە يېزىش مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا مەزكۇر مەكتەپ مەمۇرىيىتى، مۇئەللىملەر، ئالىملار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى. مۇسابىقە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى «ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش» ئانالىتىكىلىق مەركىزى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەندى.
ئالدى بىلەن مۇرات ھەمرايېفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلىندى. دوكلاتتا شۇنىڭدەك مەكتەپنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلىرىمۇ تەكىتلەندى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى ھاكىمجان ھەمرايېف مۇسابىقە شەرتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە ۋە باشقىمۇ پەنلەر بويىچە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا ئالىملاردىن تەركىب تاپقان قازىلار كومىسسىيەسى يەكۈن چىقىرىپ، غالىب چىققانلارنى ۋە بارلىق قاتناشقۇچىلارنى پەخرىي گۇۋاھنامە ۋە ماددىي سوغاتلار بىلەن تەقدىرلىدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئالىملار مۇرات ھەمرايېفنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار بۇ خىلدىكى ئىلمىي مۇسابىقىلەرنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى يالقۇن مۆمۈنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز كۆرۈنەرلىك ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىقىدىن بىز پەخىرلىنىمىز. ئۇ پەقەت قازاقىستانغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا تونۇلغان ئالىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىلمىي لايىھە يېزىش بويىچە چوڭ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇردۇق. ئۇنىڭغا كۆپلىگەن چوڭ ۋە كىچىك سىنىپلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىشىپ، بۇ كۈنى بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توققۇز ئوقۇغۇچىنى تاللاۋالدۇق. ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل پەنلەر بويىچە بىلىمىنى، تىرىشچانلىقىنى، تاپقۇرلىقىنى نامايىش قىلدى. قازىلار ئۇزاققا سوزۇلغان مۇھاكىمىدىن كېيىن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇن ئىگىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش مەكتىپىمىزدە ئەنئەنىگە ئايلاندى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە، بىلىمگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئۆز ئېلىنىڭ، خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىجابىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇرات ھەمرايېفنىڭ بولۇپمۇ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ نەزەرىيەۋىي مەسىلىلىرىنى ھەرتەرەپلىمە ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئالىم سۈپىتىدە تارىختا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نىكىتا خرۇشوف كېلىپ، ستالىننىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىنكى دەۋر مەلۇم بىر ئەركىنلىككە قەدەم باسقان دەۋر بولغانلىقتىن بۇ دەۋردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېڭى شەخسلەر مەيدانغا كەلگەن. قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدىن داڭلىق شائىر ئولجاس سۈلېيمېنوف، بىزدىن مۇرات ھەمرايېف چىقتى. بۇ تاسادىپىي ئەمەس. بۇنى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت-خىتاي دوستلۇقى بۇزۇلغان بىر دەۋردە مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى بىزنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنىمىزنىڭ ناھايىتى راۋاجلانغان، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن بىر پەيتىگە توغرا كەلدى. ئۇ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلىشى بىلەن پۈتكۈل ئىلمىي مۇھىتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زور ئۈمىد بەرگەن ئىدى».

ئىگىلىنىشىچە، مۇرات ھەمرايېف 1936-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملاپ، ئالمۇتادىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1964-يىلى 28 يېشىدا «تۈركىي شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسلىرى» ماۋزۇسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلاپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى پەن دوكتورى، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ ياش دوكتورلارنىڭ بىرى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. مۇرات ھەمرايېف كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ئاپتورى، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى. ئالىم 1977-يىلدىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى 1983-يىل 14-فېۋرالغىچە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى باشقۇرغان. ئۇ ۋاپات بولغاندا 47 ياشتا ئىدى.