يېقىندا قازاقىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشا چولپىنى مەرھۇم مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى خاتىرە ناسىروۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغانىدى. خاتىرە ناسىروۋا 8-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.
خاتىرە ئانىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى يارمۇھەممەت كىبىروف داڭلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى خاتىرە ناسىروۋا بىلەن خوشلىشىشقا مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مۇرات ناسىروف بىلەن يېقىن ئارىلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئىجادىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار ۋە يۇرت-جامائەتچىلىكىنىڭ يىغىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ خاتىرە ئانىنىڭ ئاتاقلىق بىر سەنئەتكارنى، ئۇيغۇرلارنى باشقا خەلقلەرگە تونۇتقان بىر پەرزەنتنى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. يارمۇھەممەت كىبىروف يەنە خاتىرە ئانىنىڭ چوڭ ئوغلى نىجاتنىڭمۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەربىي بولۇپ ئۆز ئېلىگە خىزمەت قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىستانلىقىنى رېمونت قىلىشقا ماددىي ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قەبرىستانلىققا ئۇنىڭ يولدىشى ئىسمائىل ناسىروف ۋە ئوغلى مۇرات ناسىروفمۇ يەرلەنگەنىكەن.
پەقەت رۇسىيەدىلا ئەمەس، بەلكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇرات ناسىروفنىڭ دادىسى ئىسمائىل ناسىروفمۇ سەنئەتكار بولغانىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قۇرئاننى يادقا بىلىدىغان قارى ۋە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياخشى چالىدىغان ھەم خەلق ناخشىلىرى ياخشى ئورۇندايدىغان كىشى ئىدى. ئىسمائىل ناسىروف 1945-1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى بولغان ۋە ھەربىي سەنئەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەنىكەن.
ئىسمائىل ناسىروف ۋە خاتىرە خانىم 1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئىسمائىل ناسىروف تاكسىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، خاتىرە خانىم ئۇزۇن يىللار پلاستماس بۇيۇملىرى زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. بۇ ئائىلىدە بەش بالا بولۇپ، ئەڭ كىچىكى مۇرات 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەنىدى.
مۇرات ناسىروفنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇراتنىڭ كىچىكىدىن سەنئەتكار بولۇپ يېتىلىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىكەن.
خاتىرە خانىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى مۇرات ناسىروفنىمۇ ئەسلەپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە سەنئەت ساھەسىدە ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇرات ناسىروف بىلەن يېقىن ئارىلاشقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كومپوزىتور، «تارىم» ئانسامبىلى» نىڭ ئارتىسى پولات ھېزىموفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ناسىروف ئالەمدىن ياش تۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ خىزمەت قىلغانىكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن 13 يىل ئۆتسىمۇ ئاۋازى خەلق ئىچىدە ھېلىغىچە ياڭرىماقتىكەن.
پولات ھېزىموف مۇنداق دېدى: «يىلدا بىز ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، جاي-جايلاردىكى ياش تالانتلىق بالىلارنىڭ مۇرات ناسىروف نامىدىكى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇلتۇر بىز 50 يىللىقىنى چوڭ سارايدا ئۆتكۈزدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. مۇرات نۇرغۇن كونسېرتلارنى بەردى. مۇرات ئۆزى بولمىسىمۇ، خۇددى سەھنىدە بولغاندەك ھېس قىلدۇق. مۇرات ناسىروف بىلەن بىزنى 2000-يىلنىڭ باشلىرىدا دىلبىرىم سامساقوۋا تونۇشتۇرغان.»
پولات ھېزىموف شۇنىڭدىن كېيىن مۇرات ناسىروف بىلەن دوستلۇقىنىڭ، ئىجادىي ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، خۇددى-ئاكا-ئىنىدەك يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مۇرات دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ئالمۇتاغا پات-پات كېلىدىغان بولدى. كونسېرتتىن كېيىن تاماشىبىنلارغا ھەر يىلى يەككە كونسېرتىمنى بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغانىدى. بىراق بۇ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇ كونسېرتنى بىز مۇراتنىڭ قىرىق نەزىرىدىن كېيىن ‹مۇراتنى ئەسلەش كېچىسى› دەپ ئۆتكۈزدۇق. مۇرات ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەن ئانىسى خاتىرەم چوڭ ئاپىمىزنى پات-پات يوقلاپ تۇراتتىم.»
ئىگىلىشىمىزچە، مۇرات ناسىروف ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىك بۇرچىنى ئاتقۇرۇپ، موسكۋادىكى گنېسىن نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىدە بىلىم ئالغان. ئۇ 1991-يىلى يالتا شەھىرىدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە باش مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ناخشا ئىجات قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تالانتى بارغانسېرى ئېشىپ، نەتىجىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان ناخشا چولپىنىغا ئايلانغان. ئۇ، رۇس تىلىدىكى ناخشىلىرىدىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ 2004-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا «قالدىم يالغۇز» ناخشىلار توپلىمىنى يورۇققا چىقارغان. مۇراتنىڭ «گۇلايىم»، «قالدىم يالغۇز» كەبى ناخشىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
مۇرات ناسىروفنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئىجادى رۇسىيەلىك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ناخشا چولپانلىرىغا، كومپوزىتورلىرىغا، سەنئەت گۇرۇپپىلىرىغا ياخشى تونۇش بولغان. ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان «l`duo» گۇرۇپپىسىنىڭ ناخشىچىسى ليۇدمىلا كىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ناسىروفنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر گۇرۇپپا 1995-يىلى موسكۋاغا بارغاندا گۇرۇپپا رەھبىرى قايرات كۇلبايېف ئۇلارنى مۇرات ناسىروف بىلەن يېقىندىن تونۇشتۇرغانكەن. مەزكۇر گۇرۇپپا ناخشىلىرىنىڭ تىزىمىدا مۇرات ناسىروفنىڭ «نا لادونى لېتا» ناملىق ناخشىسىمۇ باركەن.
ليۇدمىلا كىم مۇنداق دېدى: «›مۇرات دوستلارنى تەكلىپ قىلىدۇ‹ناملىق كونسېرتتا بىزنىڭ كوللېكتىپ ناخشا ئېيتقاندا مۇرات بىزنى دەسلەپ تونۇغانىدى. بۇنىڭغىچە بىز، ئەلۋەتتە، مۇراتنى بىلەتتۇق، سەۋەبى ئۇنى بىز ‹يالتا-91› مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا تېلېۋىزوردىن كۆرگەنىدۇق ۋە ئۇنى قوللىرىمىزنى تۇتۇپ قوللىغانىدۇق. مۇرات شۇ چاغدا ئەنە شۇ مۇسابىقىنىڭ غالىبى ئاتالغانىدى. مۇرات ئىنتايىن تالانتلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تېپىلمايدىغان ئاۋاز ئىدى، لىرىكىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۈنلۈك، نازۇك ۋە يۇمشاق. مېنى ئۇنىڭ ناخشىلارنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى تەسىرلەندۈرەتتى. ئۇنىڭ ‹يا ئېتو تى› (مەن بۇ سەن دېمەكتۇر) دېگەن ناخشىسىنى پۈتكۈل ئېلىمىز ياخشى كۆرەتتى. ئۆزىمىزمۇ ئېيتاتتۇق. ئەمدى مۇرات ئىنسان سۈپىتىدە مېھرىبان، ئوچۇق ۋە تامامەن غەرەزسىز ئادەم ئىدى. مۇنداق ئادەم بىلەن ئارىلىشىشمۇ يېقىملىقتى. ماڭا شۇنداقلا مۇراتنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياقاتتى. رەپىقىسى ناتالىيانىمۇ ئۇ ھۆرمەتلەيدىغان. بىز ناتالىيا ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى لىلىيا ۋە ھاكىم بىلەن مۇشۇ كۈنگىچە ئارىلىشىپ تۇرىمىز ھەم مۇراتنىمۇ بىرگە ئەسلەپ تۇرىمىز.»
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تاراز شەھىرىدە ياشايدىغان يەنە بىر ئەزاسى لارىسا ئىۋانوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، مۇرات رۇسىيە ئېسترادا (ئامىباپ) مۇزىكىسىنىڭ تالانتلىق كومپوزىتوىر ۋە سازەندىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ توغرىلىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە كۆپ ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئالاھىدە مۇناسىۋەت قىلاتتى. ئۇ ھەم ئوغلى، ھەم قىزى توغرىلىق ناخشىمۇ يازغان. قىزىغا بېغىشلانغان «لىليا» ناملىق ناخشىسى كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش. رەپىقىسى ناتالىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يېقىن، سەمىمىي ئىدى. ئۇلار ئىزھادىي ئىشلاردىمۇ ھەمكارلىشاتتى. مۇرات ھەم ياخشى دوست ئىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھېچ بىر غەرەزسىز ياردەم قىلاتتى. مېنىڭ يەككە ئىجادىي لايىھەم بولغاندا مۇرات ئۆزى ناخشىلارنى يېزىپ بېرىشتىن تاشقىرى يەنە ناخشا يېزىش ئىشىغا قاتناشقان، رەھبەرلىك قىلغان، ھەر خىل نەرسىلەرنى ئويلاپ تاپقان. ئۇ بارلىق ئىشنى چىن كۆڭلى بىلەن قىلاتتى.»
مۇرات ناسىروف ئونغا يېقىن ناخشا توپلاملىرىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، «مالچىك خوچېت ۋ تامبوف» (تامبوفقا بارماقچى بولغان بالا) ۋە «يا ئېتو تى» ( مەن سەن دېمەكتۇر) ناملىق ناخشىلىرى ئۈچۈن ئۇ «ئالتۇن گرامموفون» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ رەپىقىسى ناتالىيا بويكو رۇسىيەنىڭ تونۇلغان ناخشىچىسى. مەرھۇمنىڭ 24 ياشلىق قىزى لىلىيا ئىقتىساد كەسپىنى تاللاپ ئالغان بولسا، 20 ياشلىق ئوغلى ھاكىم بولسا ئاتا يولىدا مېڭىپ، مۇزىكا ساھەسىنى تاللىۋالغان.
مۇرات ناسىروف 2007-يىلى 19-يانۋار كۈنى 38 يېشىدا ئۆزىنىڭ موسكۋادىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز پاجىئەلىك ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىر سىرلىق ئۆلۈم سۈپىتىدە كۆپ تەكىتلەنگەن ۋە مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ يېزىلغانىدى. مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى خاتىرە خانىم ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئازاب ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، دېمەك ئۇ مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمىدىن 13 يىل ئۆتۈپ، ۋاپات بولدى.
0:00 / 0:00