«ئىخلاس» شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇساجان ئىمام تۈركىيە بىلەن بولغان «سىرلىق» ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتۇلغان ۋە 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.06.10
«ئىخلاس» شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇساجان ئىمام تۈركىيە بىلەن بولغان «سىرلىق» ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتۇلغان ۋە 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇر رايونىدا 50 دىن ئارتۇق توپ تارقىتىش ئورنى، 200 دىن ئارتۇق مەھسۇلات تۈرى بولغان «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ ساھىبى مۇساجان ئىمام ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.)
Oqurmen teminligen

ئۇيغۇر رايونىدا 50 دىن ئارتۇق توپ تارقىتىش ئورنى، 200 دىن ئارتۇق مەھسۇلات تۈرى بولغان «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ ساھىبى مۇساجان ئىمام، تۈركىيە بىلەن بولغان ئاتالمىش «سىرلىق» ئالاقسى سەۋەبلىك 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى بايقىلىپ، 17 يېرىم يىللىق كېسىۋېتىلگەن. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى ئىگەللىگەن بۇ ئۇچۇرمۇ مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا دەلىللەندى.

2000‏-يىللاردا تۈركىيە «ئۈلكەر» شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىشقا باشلىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىشنىڭ ئۈلگىلىرى» دەپ مەدھىيەلەنگەن مۇساجان ئىمام، 2018‏-يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا «گۇمانلىق شەخس» كە ئايىلىنىپ قالغان ۋە ئۇ شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 14‏-كۈنى «ئىخلاس» كەسپىي تەرەققىىيات شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت بىاناسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار ئەڭ دەسلەپكى سوراقتا ئۇنىڭ تۈركىيە بىلەن سودا ئالاقىسىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا تۈركىيە تەرەپتىن كۆرۈشكەن كىشىلىرىنىڭ سالاھىيەتلىرى ۋە قىلىشقان سۆزلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار سورىغان. مۇساجان سوراق داۋامىدا پۈتۈن ئالاقىنىڭ رۇخسەت بىلەن ۋە ئوچۇق بولغانلىقىنى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر مەسىلە يوقلۇقىنى بايان قىلىغان. شۇنداقتىمۇ مۇساجان ئىمام شۇ تۇتۇلغان پېتى قويۇپ بېرىلمىگەن ۋە بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ بېشىدا ئاتۇشتا ئېچىلغان سوتتا ئوغلى مۇزەپپەر مۇسا ۋە جيەنى ئەكبەر ئەلا بىلەن بىرلىكتە كېسۋىېتىلگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى مۇساجان ئىمام دېلوسىنىڭ سەزگۈر دېلولار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ مۇساجان ئىمامنىڭ ئاتۇشتىكى بىر تۈركۈم سودا سەركىلىرى قاتارىدا سوتلانغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

«ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇساجان ئىمامنىڭ سوراق خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «مەسىلە» لەر ئارسىدا، «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ ھالال يېمەكلىكلەرنى كېڭەيتىشى، خىزمەت بىنالىرىنىڭ مىللىي پوسۇندا بولۇشى، زاكات بېرىلگەن شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ كىملىكى، خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن سېلىنغان ئىككى باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىقلار بار ئىكەن. مۇساجان ئىمامنىڭ 17 يېرىم يىللىق كېسىۋېتىلىشىدە ئۇنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى بەكرەك تارازا باسقان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇساجان ئىمام ئۇيغۇر رايوندىكى داڭلىق سودا-كارخانىچىلاردىن «قىران بۈركۈت» ئۆي-مۆلۈك شىركىتىنىڭ ساھىبى مەرھۇم قۇدرەت ھاجىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرەت ھاجى ۋە روزى ھاجى ئىسىملىك ئىككى ئاكىسى تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى ئىكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، مۇساجان ئىمام تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا ئىككى ئاكىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدىمۇ سوراققا تارتىلغان.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت خادىمى مۇساجان ئىمامنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە تەپتىش ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يەنە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، مۇساجان ئىمام كۈتۈلمىگەن بىر پىشكەلچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئىككى ئاكىسى بىلەن 2005-يىلىدىن باشلاپ سودىسى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئايرىغان ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇساجان ئىمام تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىككى ئاكىسى بىلەن سودىسىنى ئايرىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە بىنا سېلىۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي تەرەپ بىلەن ئارىلىرىدا بىر كېلىشەلمەسلىك يۈز بەرگەن. مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، بىر ۋاستە قىلىپ قوللانغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەينى چاغدا بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان بۇ مەسىلىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىنكى ئالاھىدە ۋەزىيەتتە قايتىدىن ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، مۇساجان ئىمامنىڭ دېلوسى مەخپىيەتلىكى ئەڭ يۈكسەك دېلولار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان. ئۇ تۇتۇلغاندىن تارتىپ ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەسلىك بىلەن بىرلىكتە، سوتلانغاندىن كېيىن سوت ھۆكۈمىمۇ ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلمىگەن. «ئۇيغۇريار» فوندى مۇساجان ئىمامنىڭ 17 يېرىم يىللىق كېسىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي-قانۇن تارماقلىرىدىكى مەلۇم بىر ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىگىلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، مۇساجان ئىمام بىلەن بىرلىكتە شىركىتىنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىسى-ئوغلى مۇزەپپەر ئىمام بىلەن «ھايات» سودا شىركىتىنىڭ ساھىبى بولغان جيەنى ئەكبەر ئەلامۇ بىللە تۇتۇلغان ۋە ئالدىنقى ئايدىكى سوتتا كېسىۋېتىلگەن؛ ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئاتۇشتىكى بىر تەپتىش خادىمى مۇساجان ئىمامنىڭ نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىخلاس» كەسپىي تەرەققىيات شىركىتىنىڭ 500 دىن ئارتۇق توپ سېتىش ئورنى، 200 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتى ۋە 2000 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىلەشتىن باشقا يەنە سودا-كارخانىچىلىققا ئاتلىنىشقىمۇ ئىلھام بولغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.