ھىندىستان تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى، تۇتقۇنلارنى باشقا تۈرمىگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى
2023.11.01
2013-يىلى قاغىلىق ناھىيەسى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ لاداق چېگراسىغا قېچىپ ئۆتكەندە قولغا ئېلىنىپ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ھىندىستاننىڭ لاداق ۋە جامۇ-كەشمىر رايونلىرىدىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ئاكا-ئۇكىلار، بۇ يىل 6-ئايدا جامۇ-كەشمىردىكى تۈرمىدىن تۇيۇقسىز پەنجاپنىڭ شەرقى-جەنۇبىدىكى خاريانا شتاتىنىڭ كارنال تۈرمىسىگە يۆتكىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ 10 يىلدىن بېرى لاداق ۋە جامۇ-كەشمىردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى كېسىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن خاريانا شتاتىغا يۆتكىۋېتىلىپ بەش ئايدىن كېيىن، يېقىندا تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشىگە يول قويغان.
ئادۋوكات مۇھەممەت شافى لاسسۇ 31-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى خاريانا شتاتىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىلار بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇھەممەت شافى لاسسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرىدىن تۇتقۇنلارنى جامۇ-كەشمىر ياكى لاداقتىكى تۇتقۇنلار بۇرۇن ياتقان تۈرمىلەردىن بىرىگە يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما دائىرىلەردىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا تۇيۇقسىز باشقا شتاتقا يۆتكەپ كېتىلىشى، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا 10 يىلدىن بېرى سىياسىي پاناھلىق پۇرسىتى بەرمىگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئىزچىل قاماقتا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ئادۋوكات مۇھەممەت شافىي لاسسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى تۈرمە تۇتقۇنلارنىڭ باشقا مەھبۇسلار بىلەن قىسمەن بولسىمۇ ئۇچرىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە ۋالىيبول قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىشىنى، دىنىي ئىبادەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىنى چەكلىمىسىمۇ، لېكىن لاداق ياكى جامۇ-كەشمىردىكى تۈرمىلەردىن پەرقلىق رەۋىشتە ئاكا-ئۇكا تۇتقۇنلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشى ۋە ھۈنەر ئۆگىنىشىگە يول قويمايدىكەن.
مۇھەممەت لاسسۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ئۈچ بالىنى زىيارەت قىلىپ يېقىندا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. مەن ئۇلارنى 22-ئۆكتەبىر كۈنى زىيارەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۈرمە راھەت جاي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىنىڭ ئومۇمى شارائىتى بەك ناچار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلىشىغا، پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلاردەك ياغاچچىلىق، كومپيۇتېر قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشىگە يول قويۇلمايدىكەن. چۈنكى بۇ بالىلار ئايرىم كامېردا بولۇپ، ئايرىم كامېرغا سولانغانلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىشىگە يول قويۇلمايدىكەن. مەن نۇرغۇن كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ بارغان بولساممۇ، لېكىن ئېلىشقا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ھېسابىغا پۇل ياتقۇزۇپ بەردىم. ئۇلار تۈرمە ئاشخانىسىدىن خالىغان نەرسىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن. ئۇلار بۇرۇنقى تۈرمىگە يۆتكەپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن دائىرىلەرگە بىر توغرىسىدا خەت يازدىم. مەن يەنە خەت يازماقچى بولۇۋاتىمەن.»
لېكىن مۇھەممەت شافىي لاسسۇ 10 يىللىق تۈرمە ھاياتى تۇتقۇنلارنى روھىي جەھەتتىن خوراتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا چوڭ چېكىنىش بولغانلىقىنى بايقىمىغانلىقى، ئەمما كۈندىلىك تاماقنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۈرمە مەھبۇسلارغا گۆشلۈك تاماق بەرمەيدىكەن. مۇھەممەت لاسسۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ گۆشسىز تاماق بېرىلىدىغان تۈرمە. بۇ تۈرمىدە گۆش يېيىشكە يول قويۇلمايدىكەن. پەقەت گۆشسىز تاماقلا بېرىلىدىكەن. بۇ بالىلار ئۈچۈن تاماق بىر مەسىلە. بۇرۇنقى تۈرمىلەردە توخۇ، قوي گۆشى، بېلىق دېگەنلەرگە يول قويۇلاتتى. پۇلى بارلار سىرتتىن گۆشلۈك تائاملارنى كىرگۈزسە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالىلار كوللېكتىپ كامېردا تۇراتتى. باشقا مەھبۇسلارغا تاماق كىرسە ياكى مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوقلاپ تاماق ئېلىپ كەلسە، ئۇلار ھېچ بولمىغاندا ئايدا بىر قانچە قېتىم بولسىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ داخىل بولاتتى. ھەتتا ئۇلار تۈرمىدە تاماقمۇ پىشۇرالايتتى. رامىزان ئايلىرىدا تېخىمۇ ياخشى تاماقلارنى يېيەلەيتتى. ھازىر ئۇلار بۇ شارائىتلاردىن مەھرۇم قالدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەندىشە قوزغىماقتا.»
بىز ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە خەت يېزىپ، ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ دېلوسىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان ئىدۇق. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ يەر شارى ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى جۇنخا گېدىنى ۋىليامىس خانىم «مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان، ئەمما ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.
ئادۋوكات مۇھەممەت لاسسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىلار خارىيانادىكى كارنېل تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر تۈرمىگە ئىزدەپ كېلىپ، تۇتقۇنلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇلاردىن ئەگەر «ھىندىستاندا قالساڭلار نېمە ئىش قىلىسىلەر؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقان. ئادۋوكات لاسسۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئۇلارغا كۇرس ئېچىپ، ھىندىستانلىقلارغا «ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، ئۇلاردىن سوئال سورىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. لاسسونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكا-ئۇكا ئۈچەيلەن ئۇنىڭ ئۇلارنى تۈرمىگە يوقلاپ بارغانلىقىدىن «قاتتىق خۇشال بولغان».
ئادۋوكات لاسسۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار بىلەن ئىككى سائەتتەك سۆزلەشتىم. ئۇلار بىلەن تۈرمە ئىشخانىسىدا سۆزلەشتۇق. ئۇلار قاتتىق خۇشال بولدى. مەن ئۇ يەردە ئىككى خىل جەدۋەل توشتۇردۇم. بۇ جەدۋەللەر ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى جەدۋەللەر ئىدى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ يانفون نومۇرلىرىمنى بەردىم. ئۇلار يەرلىك ساقچى ئورنىغىمۇ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى تەمىنلەشنى ئېيتتى. بالىلار بەك خۇشال بولدى. ئۆز ئارا كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق. ئۇلار مېنىڭ شۇنچىلىك ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەنلىكىمگە رەھمەت ئېيتتى. ‹سىز بولمىغان بولسىڭىز، ھىندىستاندا كىممۇ بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالاتتى› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقان بولدى.»
بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ دېلوسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. ئاككاش ھاسان بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ دېلوسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ دېلو ھەققىدە ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ھىندىستاندىكى بىر مۇستەقىل ژۇرنالىست.
ئاككاش ھاسان 31-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشە يەنىلا مەۋجۇتلۇقى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بالىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەۋقەسىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاككاش ھاسان مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشە يەنىلا مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ يەنىلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىنى يوققا چىقارمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇلارغا ھېچقانداق بىر شەكىلدە ياردەم بېرىشنى ئويلاپ باققىنى يوق. ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەۋقەسىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىدى.»
ئاككاش ھاساننىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشى «ئىنتايىن غەلىتىلىك» بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكى كەڭ بىلىنگەن بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇلار «قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك» ئىكەن.
ئاككاش ھاسان بۇ ھەقتە توختىلىپ «مەن بىر ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىدە يەرلىك سوتنىڭ ئۇلارغا مەلۇم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قاماق جازاسى توشقان بولسىمۇ، ئۇلارنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرغىنىنى ئىنتايىن غەلىتىلىك، دەپ قارايمەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۈرمىگە قامىشىنى بىلمىدىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكى كەڭ بىلىنمىگەن بىر ۋەزىيەتتە، ئۇلار چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى، باشقا دۆلەتلەر ئۇلارغا مۇۋاپىق پاناھلىق شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە بارلىق تەشكىلار ئۇلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە يول قويۇشى كېرەك ئىدى» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار 2013-يىلى قاغىلىق ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ لاداق چېگرىسىغا كىرگەندە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كېيىنرەك ئۇلار لاداقتىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ جازا مۇددىتى 2014-يىلى توشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يېڭى دېھلىنىڭ كەشمىردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا چىقارغان «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» غا ئاساسەن قايتا تۇتقۇن قىلىپ، ھازىرغا قەدەر قاماقتا تۇتۇپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن 2013-يىلى لاداق چېگراسىدىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئادىل تۇرسۇن 20 ياشتا، ئوتتۇرانچى ئاكىسى 18 ياشتا، كەنجى ئىنىسى 16 ياشتا ئىكەن.