كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن ICORN يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مۇھاكىمە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.03
norvigiye-edebiyat-02 «مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» (The International Cities of Refuge Network/ICORN) نىڭ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ماي، كوپېنھاگېن
Eziz Eysa Elkun

ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ICORN نىڭ خەلقئارالىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر يازغۇچى-سەنئەتچىلەر بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلاتتىكى ئەھۋاللار يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىغان.

 «مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» (The International Cities of Refuge Network/ICORN) نىڭ ئومۇمىي يىغىنى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن يازغۇچى، دىراماتورگ، ژۇرنالىست، مۇزىكانت، شائىر، سەنئەتكار، كارتونچى، ناخشىچى، تەرجىمان، سېنارىست ۋە نەشرىياتچىلار كوپېنھاگېندا جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، ھاياتى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە قانداق قىلىپ دۇنيادا پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەرمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بولۇپ، ئۇزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى، بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

«مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» (The International Cities of Refuge Network/ICORN) نىڭ يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 30-ماي، كوپېنھاگېن
«مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» (The International Cities of Refuge Network/ICORN) نىڭ يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 30-ماي، كوپېنھاگېن
Eziz Eysa Elkun

بۇ يىغىنغا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، 3 كۈنلۈك يىغىن جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.

ICORN نىڭ ياردىمى بىلەن نورۋېگىيەگە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى مەريەم سۇلتان، ICORN نىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ بىزگە ICORN مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانى ۋە ICORN نىڭ ياردىمى بىلەن نورۋېگىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا بۇ يىغىن توغرۇلۇق ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ICORN نىڭ ياردەم مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ICORN نىڭ خاراكتېرى، مەزمۇنى ۋە بۇ يىغىن توغرىلىق مەلۇمات بەردى: «ICORN خەتەرگە دۇچ كەلگەن يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى ۋاقىتلىق پۇرسەت ھەم ئىمكانلار تەمىن ئەتمەكتە. ICORN نىڭ ياردىمى بىلەن ياۋروپا كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر پەقەتلا 4 كىشى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ICORN نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئېھتىمالى بار. ئەمما كۆپ ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ».

«مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» نىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر. 2024-يىلى 30-ماي، كوپېنھاگېن
«مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق شەھەرلەر تورى» نىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر. 2024-يىلى 30-ماي، كوپېنھاگېن
Eziz Eysa Elkun

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى تۆھپىكار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جۈملىدىن يازغۇچى، شائىر، تارىخچى، تىلشۇناس ۋە فولكلورشۇناسلارنىڭ كۆپلەپ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلانغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئۆتكۈر زىيالىيلاردىن باشقا يەنە تارىخچى ئابلىز ئورخۇن، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، تارىخىي رومانلىرى بىلەن داڭق چىقارغان ياسىنجان سادىق چوغلان، جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆز باش قاتارلىق كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلار ھېلىھەم خىتاينىڭ لاگېر ياكى تۈرمىلىرىدە ئازاب چەكمەكتە.

2006-يىلدىن باشلاپ، دۇنيادىكى 70 تىن ئارتۇق شەھەر ICORN غا ئەزا بولغان ۋە ئۇنى قوللىغان. بۇ تەشكىلات ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق يازغۇچى، سەنئەتكار ۋە ژۇرنالىستقا ياردەم قىلغان. بۇ خەلقئارالىق شەھەرلەر تورىنىڭ ۋەدىسى ئىنتايىن كونكرېت ھەم چوڭقۇر سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، مەيلى يازغۇچى، سەنئەتكار ياكى ژۇرنالىست بولسۇن، ئۇلارنى دۇچ كەلگەن تەھدىت ۋە زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، ICORN نىڭ تۈپ ۋەزىپىسى بولماقتىكەن. شۇڭىمۇ ICORN غا ئەزا شەھەرلەر خەتەر ئاستىدىكى يازغۇچى، سەنئەتكار ۋە ژۇرنالىستلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياردەم قىلماقتا. ئۇلار بۇ ئارقىلىق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.