ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، يازغۇچى مۇستافا چالىق ئالەمدىن ئۆتتى
2023.12.07

تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە گۈنلۈكۈ»، يەنى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ قۇرغۇچىسى پېشقەدەم يازغۇچى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى مۇستافا چالىق ئەپەندى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتلاردا: «ھۆرمەتلىك مۇستافا چالىق ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن، ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمىز!» دېيىلگەن.
-1989يىلىدىن تارتىپ يىلدا 3 سان چىقىرىلىۋاتقان «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ ساھىبى، يازغۇچى مۇستافا چالىق ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ كەلگەن ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتناشقان يىغىنلاردا، ئۆزى چىقارغان ژۇرنالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
«تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق بۇ ژۇرنال 2009-يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدا، 2019-يىلى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سان نەشر قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر يازغان كۆپلىگەن ماقالىلەرگە ئورۇن بەرگەن. 2020-يىلى يازدا نەشر قىلىنغان 143-سانىنىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىغان. «شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەدۇر» دېگەن تېما بىلەن يورۇق كۆرگەن بۇ مەخسۇس سان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىگە ئورۇن بەرگەن. ژۇرنالدا ئامېرىكالىق تارىخچىلاردىن مايكل درومپ يازغان «ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يىقىلىشى ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر»، رايان سام يازغان «شىنجاڭدا مازارلارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە قارشى ھەرىكەت»، مايكل ك. بروس يازغان «موڭغۇل ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى»، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكۇر داۋىد توبىن يازغان «بىر ھايات-مامات كۈرىشى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى—شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى» قاتارلىق ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
بۇ ژۇرنالدا يەنە ئابلەت كامالوف، ساندرىنە كاترىس، لائۇرەن رەسترەپو، ئەلىس ئاندېرسون، ئاينۇر قادىر، راھىلە داۋۇت، ئىشىك قۇشچۇ بوننەنفانت قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان.
ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، رەھمەتلىك مۇستافا چالىق ئەپەندىنىڭ 34 يىلدىن بۇيان «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، ‹تۈركىيە خاتىرىسى› ناملىق ژۇرنالنىڭ قۇرغۇچىسى، پېشقەدەم يازغۇچى، بىلىم ئادىمى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى مۇستافا چالىق ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق 3 قېتىم مەخسۇس سان چىقاردى ھەمدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى زوردۇر».
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، مەرھۇم مۇستافا چالىق ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇ1989-يىلىدىن تارتىپ يىلدا ئۈچ سان چىقىرىۋاتقان ژۇرنالنىڭ تۈركىيەدە ناھايىتى كۆپ كىشى تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇستافا چالىق ئەپەندى 1956-يىلى تۈركىيەنىڭ گۈمۈشخانە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى دەنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدا ئىشلىگەن، 1986-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يازغۇچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.