ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئالەمدىن ئۆتتى
2019.08.30
29-ئاۋغۇست كۈنى د ئۇ ق تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەبرە تىلىدى.
تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كىتاب ۋە كۆپ ساندا ماقالە يېزىپ قالدۇرغان تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئەپەندى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 85 ياشتا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان پروفېسسورى مۇستافا كافالى ئەپەندى «چاغاتاي خانلىقى تارىخى» (1227-1345) ناملىق كىتاب بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى، چاغاتاي خانلىقى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە يېزىپ قالدۇرغاندىن سىرت ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپ كۆپ ساندىكى ئىلمىي ۋە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلاتلار بەرگەن.
ئۇنىڭ 1984-يىلى يازغان «چاغاتاي خانلىقى تارىخى» ناملىق كىتابى چاغاتاي خانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك كىتاب ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ، كۆپ ساندا تارىخچى يېتىشتۈرگەن ئۇستاز بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇنىڭ كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىسى پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ، تۈركىيەدە «مۇئەللىملەرنىڭ مۇئەللىمى» ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ئوقۇتقۇچى ئىكەن.
مەرھۇم پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىرىنى بېرىۋاتقان، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى» ۋە «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرى بار. بۇنىڭدىن سىرت ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم توغرىسىدا كۆپ قېتىم دوكلات بەرگەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇشىمىزغا يول كۆرسەتكەن ئۇستاز. مۇستافا مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن تۈركىيەدە كۆپ ساندا كىشى ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازدى، ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ماقالە ۋە كىتابلار يازدى. شۇڭا مۇستافا كافالى مۇئەللىمنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتىدا رولى ئىنتايىن زور».
تۈركىيەدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان مۇستافا كافالى ئەپەندىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەنقەرە قوجاتەپە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە تۈركىيەنىڭ بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى، بەزى پارتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. ئۇنىڭ جىنازىسىنىڭ ئۈستىگە تۈرك بايرىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بايرىقى قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈن ئەنقەرە گۆلباشى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
بىز مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئەپەندى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە ئىگە بىر كىشى بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەرھۇم مۇستافا كافالى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، 1960-يىللاردىن تارتىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن كۆڭلىنىڭ بەكلا يېرىم بولغانلىقىنى، د ئۇ ق نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم مۇستافا كافالى ئەپەندى «چاغاتاي خانلىقى» ناملىق كىتابتىن سىرت ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپ يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكتور مۇستافا كافالى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئەپەندى 1960-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇنى 1984-يىلىدىن تارتىپ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. تونۇلغان تارىخچى زېكى ۋەلىدى دوغاننىڭ دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى بولغان. ئۇ 85 يىللىق ئۆمرىدە 6 كىتاب ۋە كۆپ ساندا ماقالە يازغان.