بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىيەسەتلىرىنى ماختىغان
2021.05.03
«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى» تورى يېقىندا پاكىستان، پەلەستىن ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى پىروگرامما چۈشەندۈرۈشىدە كۆپلىگەن غەرب سىياسىيونلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان بۇ ئۈچ دىپلوماتنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ‹يېڭى چۈشەنچە› شەكىللەندۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، كۆزەتكۈچىلەر «بۇ پىروگرامما ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ قايسى مەقسەتتە ۋە قايسى خىل شەكىلدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىدى،» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان پاكىستان ئەلچىسى مۇئىن ئۇلھەق، پەلەستىن ئەلچىسى فەرز مەھداۋى، سۈرىيە ئەلچىسى ئىماد مۇستافا قاتارلىقلار پىروگرامما جەريانىدا باشتىن-ئاخىر «ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىن زوقلانغانلىقى، خىتاينىڭ دۇنياۋى تەرەققىياتىنىڭ بۇ رايوندا تولۇق ئەكس-ئەتكەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ نورماللىقى، مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاۋاتقانلىقى، ئۆزلىرى كۆرگەن ئەھۋالنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرى دېگەندەك ئەمەسلىكى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى تەرەققىياتنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقى…» دەك خىتاينى ئاقلايدىغان بىر قاتار بايانلارنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان، پەلەستىن، سۈرىيە دېگەندەك دۆلەتلەر خىتايغا بېقىنىپ قالغان ۋە ئىزچىل خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرىنىڭمۇ تامامەن خىتاينىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە لاپ ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلدى.
تۈركىيە «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قورشاۋغا ئالماقتا» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ پاكىستان، تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك نوپۇز ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، مەزكۇر ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنىڭ سىياسىي بېقىندىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى سىياسەتنىڭ ناھايىتى رەزىل بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە پەلەستىنگە ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتايدەك زالىم بىر دۆلەتنى قوللاۋاتقانلىقىنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەلەستىننىڭ باش ئەلچىسى فارىز مەھداۋى پىروگرامما جەريانىدا، ئۆزىنىڭ 2020-يىلى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغانلىقى، يول ئېغىزلىرىدا مەسچىتلەرنىڭ بارلىقى، مەخسۇس دىنىي ئۆگىنىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلىگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى چېقىش دولقۇنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن مىڭلىغان مەسچىتلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار رادىيومىز ۋە غەربتىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى.
بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى چوڭ ھەجىملىك دوكلات 2019-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولسا، 2020-يىلى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ ھەقتە يەنە بىر چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى دوكلاتتا يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا چېقىلغان ۋە بۇزۇلغان مەسچىت ھەم مازارلىقلار سانىنىڭ 15 مىڭغىچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپلۈكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
لاگېر شاھىتلىرى 2016-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «رادىكاللىقنى تازىلاش» دېگەندەك ناملار بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇلغان ئىماملار توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى ئىيۇنغىچە 613 نەپەر ئىمامنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا مۇشۇنداق مەسچىتلەرنى چىقىپ، قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان خىتاينى قوللاۋاتقان ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئاجىز، كىچىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئاشۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.
ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، مۇسۇلمان لىدېرلارنىڭ ئىماملارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ مۇسۇلمان خەلقنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى، بەزى سىيەسەتلىرىدە ھەتتا خىتاينىڭ ئەندىزىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن مۇستەقىل مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، چوشقا گۆشى ۋە ھاراق ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئىسلامنى داۋالاپ ساقايتىشقا تېگىشلىك «ۋىرۇس» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسلامغا قارشى كەيپىياتنى ئوچۇق-ئاشكارا نامايان قىلىۋاتقان پەيتتە، مۇسۇلمان دۇنياسىدىن بۇنىڭغا قارشى بىر سادا كۆتۈرۈلمىگەنلىكىگە قارىتا ئەيىبلەشلەر كۈچەيمەكتە ئىدى.