شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېڭى شېئىرلار توپلىمى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-08-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىمنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق يېڭى شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىمنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق يېڭى شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Azigh

يېقىندا شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىمنىڭ يېڭى شېئىرلار توپلىمى «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» داھىي نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئىككى تىلدا تۈركىيەدە نەشر قىلىندى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان مۇتەللىپ سەيدۇللا 1972-يىلى 8-ئۆكتەبىر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لايسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1993-يىلى شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ نېفىت ئىلىش ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، قاراماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىدە كەسپى تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن.

مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى»، «تارىم ژۇرنىلى»، «تۇرپان ژۇرنىلى» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن كۆپ شېئىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە 200 پارچىغا يېقىن تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھازىرغىچە خىتاي، تۈرك ۋە نورۋېگ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. مۇتەللىپ سەيدۇللا شېئىر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شېئىر مەن ئۈچۈن ھاياتلىقتا ئۆزۈمنى ئىزدەش، مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىزدەپ تاپىمەن.»

«ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ياش شائىر ئىمران ئابدۇغېنى سادائى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرىش سۆزى يازغان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرى توغرىلىق توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەمىشە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنىدۇق. ئەدەبىياتىمىزدىكى ‹يېڭى شېئىر› دەپ ئاتالغان يېڭىچە شېئىرلارنى كۆپ تونۇشتۇرالمىىغان ئىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق. يېڭى شائىرلىرىمىزدىن مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ‹ئىككى كۆز، ئىككى يۈز› ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇشۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يېڭىچە شېئىرلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىنى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭى شېئىرلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىمۋوللۇق ۋە ئابستراكت شەكىلدە دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىگە تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم‌. شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ دەپ قارايمەن.»

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ شېئىرلىرى تۈرك ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇچرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ھەجە»، «گۈنجەل سەنئەت» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن شائىرنىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ چەتئەل تىللىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان تۈركچىگە ۋە باشقا تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەن بىلەن ئۇچراشتۇرسا، بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «مۇھاجىرەتتە نەشر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ. بۇ نوقۇل ھالدا ئەدەبىياتنى، شېئىرىيەتنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ئاۋاز. بىزگە قېرىنداش بولغان تۈرك تىلىغا ئەسەرلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئەدەبىياتتىكى بەزى ئورتاقلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممىتى بار دەپ قارايمەن. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ چەتئەلدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاز بولۇشىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىپ ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى 90 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە سەھنىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.»

خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى تۈپەيلى ھالسىرىغان ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇميۈزلۈك مائارىپتىن چەكلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبلىك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكمىتى تەرىپىدىن ئېغىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە يازغۇچىلاردا ئىجادىيەت ئىزچىللىقى يوق. بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. بىرىنچىسى، ئاپتورلار ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىقتا ئىككىنچى مۇھىتقا كۆچكەندىن كىيىن، تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىشقا ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ. يەنە بىرى، يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇلارغا ئىلھام بولىدىغان مەنىۋى بوشلۇق يوقايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلمايدۇ، نۇرغۇن قەلەمكەشلەر ئىجادىيەتتىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا چەتئەلدە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنى ئوقۇش، قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ھېچ بولمىغاندا ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت سۈپىتىدە بولسىمۇ ئىلىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئېغىر زەربە بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت