ئۆتكەن ئايدا سانجى تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن ناۋاي مۇختەر نەسىردىننىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا مۇختەر بىلەن كۈيئوغلى ئاببىساخۇن )ئابباس ئاخۇن(نىڭمۇ سانجى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە ئابدۇللا ئاتالمىش قانۇنسىز تەبلىغگە قېتىلغانلىقى، ئاببىساخۇن بولسا ئۆسمۈر ۋاقتىدا بىر ئائىلە قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە كېسىۋېتىلگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئائىلە بويىچە جازالىنىش ئۇيغۇر ئېلىدا 2017 -يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلگەن بىر ئەھۋالدۇر. شۇڭا بىز سانجى تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن قەشقەر يېڭىشەھەرلىك ناۋاي مۇختەر نەسىردىن ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق. مۇختەر نەسىردىننىڭ پەرزەنتلىرى نوپۇسلۇق قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى كەنت ساقچىلىرى، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق، مۇختەر نەسىردىننىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ تۇتقۇنلار بارلىقىدىن شەپە بەردى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، مۇختەر نەسىردىننىڭ 32 ياشلىق ئوغلى ئابدۇللا مۇختەر بىلەن 40 ياشلار چامىسىدىكى كۈيئوغلى ئاببىساخۇنىڭمۇ مۇختەر نەسىردىننىڭ جېنىغا زامىن بولغان سانجى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، سانجى تۈرمىسىدىكى بىر خادىم، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئورۇننىڭ ئاياللار تۈرمە رايونى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
سانجى تۈرمىسىدىكى يەنە بىر خادىم، ئابدۇللا مۇختەرنىڭ 15 يىللىق، ئاببىساخۇننىڭ بولسا 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئالدىنقى كۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مۇختەر نەسىردىننىڭ تەقۋادارلىقى ۋە يۇرت ئاتلاپ تىجارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشاكارىلانغانىدى. ھاراپتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت كادىرى، ئابدۇللا مۇختەرنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەبلىغگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كەنت ئاھالىلىرىدىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇللا مۇختەر، خېلى ئەتراپلىق دىنىي تەربىيە كۆرگەن بىرى بولۇپ، مەلۇماتى جامائەت سورۇنلىرىدا تەبلىغ قىلغۇدەك سەۋىيەدە ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان تەبلىغ سورۇنىدا، ئۇنىڭ تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ياكى سۆزلىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇتقۇن سەۋەبلىرىدىن بىرى «قانۇنسىز» دىنىي تەلىم ئېلىش بولۇپ، ھەتتا ئۆسمۈر ۋاقتىدا بوۋا-مومىسىدىن بىرقانچە كۈن قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىشمۇ تۇتقۇن سەۋەبلىرى قاتارىدا خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن مەزكۇر ئارخىپتا خاتىرىلىنىشىچە، تۇتقۇن ئېزىز ياسىن، ئاكىسىدىن 3 كۇن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىككى ئۈچۈن، تۇتقۇن ئەيساجان بولسا ئۆيىدە 6 كۈن ھەپتىيەك ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.
مەزكۇر ئاھالىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، مۇختەر نەسىردىننىڭ كۈيئوغلى ئاببىساخۇن ئۆسمۈر ۋاقتىدا بوۋىسىدىن بىر ھەپتە قۇرئان ساۋاتىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «دىنىي كەيپىياتى قويۇق» دەپ قارىلىپ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا، تۈرمىدە جان ئۈزگەن مۇختەر نەسىردىننىڭ ئوغلى ۋە كۈيئوغلىنىڭمۇ سانجى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.