2017-يىلى، 3-ئايدا ئاتۇشتا تۇنجى تۈركۈمدە لاگېرغا قامالغان، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مۇيەسسەر مۇھەممەت قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، يەنى ھازىرقى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق قىز. ئۇ، 2006-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقىپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەدىردىن بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغاندىن كېيىن 2007-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان ياشاۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان گىراژدانلىق ئىلتىماسى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەن. 2016-يىلى، 9-ئايدا ئۇ ئانىسىنىڭ «سىز قايتىپ كەلمىسىڭىز بولمايدىكەن، دادىڭىزنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى» دېگەن سۆزىدىن كېيىن ئىككى ئوغۇل، بىر قىزىنى ئېرىگە قويۇپ يۇرتى ئاتۇشقا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى ئۇ چېگرادىن كىرگەن ھامان پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان، 2017-يىلى، 3-ئايغا ئايغا كەلگەندە دائىرىلەر ئۇنى مىسىردا ئوقۇغانلىقىنى باھانە قىلىپ لاگېرغا قامىغان. بۇ ئۇنىڭ ئېرى سەدىردىننىڭ ئىلگىرى رادىيومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرى ئىدى. ئەمما سەدىردىننىڭ تەلىپى بويىچە بۇ خەۋەر تارقىتىلمىغان ئىدى. سەدىردىن بۇ نۆۋەت قايتا رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ رەھىم قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق
سەدىردىننىڭ 7-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تېپىشىچە، ئايالى مۇيەسسەر زاۋۇتتىن يەنە جازا لاگېرىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن. ئۇ لاگېرغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا بىر تونۇشى ئارقىلىق سەدىردىنگە «بۇلار مېنى يەنە لاگېرغا ئېلىپ كېتىدىكەن، قانداقلا قىلىپ مېنى قۇتقۇزمىسىڭىز، بۇ قېتىم ئەمدى مەن تۈگەشتىم» دەپ ئۇچۇر بەرگەن.
سەدىردىن ئايالىنىڭ ئاتۇشتىكى لاگېردىن زاۋۇتقا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ لاگېردىن قۇتۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇڭا ئۇ رادىيومىزدا خەۋەر بېرىشتىن يالتايغان ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنلىكىنى، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىدىنمۇ ئۈمىدى يوقلىغىنى، گەرچە ئىنتايىن كېچىككەن بولسىمۇ يەنىلا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ياردەم ئىزدەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا لاگېرلاردا «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ كەسىپكە چىقىرىلغانلىقى، كەسىپكە چىققانلارنىڭ يەنىلا شۇ لاگېر ئىچىدە ھەقسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مايكېل كەستېر 21-يانۋار «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، داۋۇستا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك تازىلاش قىلمىشى تەنقىد قىلىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك «زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بىر خىل شەكلى» دەپ قارىلىپ، خەلقئارا قانۇنلاردا چەكلەنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتايدا ئۇزۇن تارىخى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دەرۋەقە، سەدىردىن ئايالى مۇيەسسەرنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئاتۇشتىكى لاگېردىن زاۋۇتقا ئىشلەشكە يۆتكەلگەنلىكىدىن ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى بەزى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. مۇيەسسەر تۇغقانلىرى ئارقىلىق سەدىردىنگە ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدىن زاۋۇتقا يۆتكەلگەنلىكى، بىر قانچە ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى يەتكۈزگەن ئىكەن. ئەپسۇس بۇنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغان.
ئېغىر ئاياغ ئاتۇشقا قايتقان مۇيەسسەرنىڭ ھامىلىسى لاگېردا «يوق» بولغان
سەدىردىن ئايالىنىڭ سالامەتلىكىدىن بەكمۇ ئەنسىرىمەكتىكەن. چۈنكى ئۇ خىتاي پاسپورتى بىلەن 2016-يىلى، 9-ئايدا ئاتۇشقا قايتقىنىدا 4-پەرزەنتىگە يېڭىلا ئېغىر ئاياغ ئىكەن. مۇيەسسەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن سەدىردىن ئايالى مۇيەسسەر بىلەن تەڭ ھامىلىسىنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمىغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ لاگېرنىڭ دوختۇرخانىسىدىن مۇيەسسەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، بالىنى سورىغاندا مۇيەسسەر «بالا يوق بولدى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
لاگېرىدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىدىغانلىقى، قىز-ئاياللارغا مەجبۇرىي دورا بېرىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. سەدىردىن گەرچە ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنى دائىرىلەر مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتتى دەپ گۇمان قىلسىمۇ ئەمما ئۇ مۇيەسسەردىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بالىنىڭ قانداق بولۇپ چۈشۈپ كەتكىنىنى سورىغاندا ھەممىسى ئوخشاشلا ئېغىز ئاچمىغانىكەن.
پۈتۈن ئائىلە لاگېر ۋە قاماقتا
سەدىردىننىڭ خەۋەر تېپىشىچە، مۇيەسسەرلا ئەمەس ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن لاگېر ۋە قاماقلارغا سولانغان بولۇپ، مۇيەسسەرنىڭ 57 ياشلاردىكى ئانىسى توختىگۈل ھەجگە بارغانلىقى، تەبلىغلەرنى تېلېفونىدا ساقلىغانلىقى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئۈچۈن «تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ 19 يىللىق كېسىلگەن. بىر ئاكىسى، ئىنىسى ۋە ھەتتا 14 ياشتىكى سىڭلىسىمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، بىراق كېيىنچە 14 ياشلىق سىڭلىسى يېشى كىچىك دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئوقۇۋاتقانىكەن.
لاگېرلار ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن لاگېرلارغا قامالغانلارغا ئاساسلىقى ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن ۋە «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. سەدىردىننىڭ ئېيتىشىچە، مۇيەسسەر خىتاي تىلى پېداگوگىكا كەسپىنى ئەلا پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق قىز، خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى يوق.
ئىلگىرى رادىيومىزدا خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، بىر ساقچى خادىمىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاتۇشتىكى يېڭى سانائەت رايونىغا تەسىس قىلىنغان لاگېرلارنىڭ ئىچىدە تۇتقۇنلارنى كەسىپكە چىقىرىش ئۈچۈن ياتاق بىنالىرىنىڭ يېنىغا زاۋۇت-فابرىكا قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلانغانىدى. ئالاقىدار كەنت كادىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتۇشتىكى لاگېرلاردا «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغانلارنىڭ كەسىپكە چىقىرىلغىنىغا بىرقانچە ئاي بولغانىكەن.
ئايالىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان سەدىردىن، ئاتۇشتىكى لاگېردا ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرغان ئايالى مۇيەسسەرنىڭ لاگېردىن زاۋۇتقا يۆتكەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىككى ئاي ئۆتمەي لاگېرغا قايتۇرۇلۇشى، «خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز، كەسىپ ئۆگىتىۋاتىمىز، ئىپادىلىرى ياخشى بولغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىدۇ دېگەندەك تاشقى دۇنيانى ئالداۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇيەسسەرگە ئوخشاش لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ يەنىلا تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا يورۇتۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
0:00 / 0:00