16-فېۋرال كۈنى 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «باۋارىيە سارىيى» دا باشلانغان. يىغىنغا 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى، باش مىنىستىرلىرى، 60 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، 25 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلار، سىياسىيونلار، بانكىرلار، كارخانىچىلار، مۇخبىرلار بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىش، جىددىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى دىققەتكە سازاۋەر بىر نۇقتا بولغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىغىندا ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ دۇنيا تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي بىر مەسىلە بولغانلىقى ھەققىدە سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تارتىشقا تېرىشقان. ئۇ يىغىن جەريانىدا خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان. ئۇ مەزكۇر يىغىندا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.
بۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 2-قېتىم ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەگەر دولقۇن ئەيسا 60-نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتناشتۇرۇلسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ سەۋەبتىن بۇ يىل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 17-فېۋرال نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىغا ئىجازەت بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر سوئاللارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ۋە شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئۇچۇم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئويۇنى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2 مىليون ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ 12 مىليونغا يەتتى. نەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسۇن!» دېگەندەك سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان.

17-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىغا پاراللېل ھالدا د ئۇ ق بىلەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە «مەشرەپ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن تېمىدا بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن سىرت، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، ئاخبارات ساھەسىنىڭ خادىملىرى، تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، پائالىيەتتە ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇتۇلغان ھەمدە بەزى شاھىتلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا تارتقان.
گوللاندىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلدۈرۈش، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ پائالىيەت، ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان. د ئۇ ق خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.