ئانالىزچىلار خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەشۋىقاتىغا ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان «ئۇيغۇر رايونىدا نامراتلىقنى تۈگىتىش» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يەنە كۆپەيتىشكە باشلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «تەڭرىتاغ» تورى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20- ۋە 21-ئاپرېلدىكى سانلىرىنىڭ باش سەھىپىسىدە «قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» سەرلەۋھەلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، خىتاي دۆلەت كابىنېتى «نامراتلارنى يۆلەش -روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇانىڭ 18-ئاپرېلدىن 20-ئاپرېلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە ئۇنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

خەۋەردە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بىر ئايدىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى شىركەت-زاۋۇتلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى يېزىلاردا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى كالا-قوي باقمىچىلىقىدىن باشقا يەنە ئېشەك باقمىچىلىقىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئېشەك سۈتى ۋە ئېشەك تېرىسى تىجارىتى، يېمەك-ئىچمەك ھەمدە يېزا-بازار ساياھىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ناھىيە-يېزىلاردا قۇرۇلغان تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «قالاق تۇرمۇش ئادىتىنى تاشلاپ زامانىۋى يېڭىچە مەھەللىلەرگە كۆچكەنلىكى» دەك بىر قاتار تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

2017-يىلدىن بۇيان «ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلەپ، 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى «دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ لاگېرلارغا قاماپ، زەربە نىشانى قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر رايونىدا نامراتلىقنى تۈگىتىش» تېما قىلىنغان بۇ خىل تەشۋىقاتىنى تەكرار كۈچەيتىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى .

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما كوئوردىناتورى، تەتقىقاتچى مۇستافا ئاكسۇ ئەپەندى زىيارائىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش» تەشۋىقاتىنى قايتا كۈچەيتىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مۇستافا ئاكسۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بۇيان يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى مول بولغان بۇ زېمىندا ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش» شوئارىنى يىللار بويى تەكرارلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن 3 يىلدا ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى يېزا-ئىگىلىك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاچقا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋەيران بولۇپ، تېخىمۇ كەمبەغەللىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن پۈتكۈل خىتاي ئىقتىسادى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە دائىرىلەرنىڭ بۇ شوئارنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە رايوندا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى زاۋۇت-شىركەتلەرگە مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەھەللە ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان تەتقىقات پروگراممىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى.

مۇستافا ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش» سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ ئۇيغۇرلار «مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى» قىلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.