نەنسىي پېلۇسى خانىم ئەنگلىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان. نەنسىي پېلۇسى خانىمنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان باياناتتىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەسىلىلەر ھەققىدە پارلامېنتلار ئارا دىئالوگنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىم ئەنگلىيەدىكى بۇ بىر كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىمۇ مۇھىم تېما قىلغان. نەنسىي پېلۇسى خانىم 21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىم، خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى نېيتىن لاۋ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان شىۋېتسىيە پۇقرالىقىدىكى ئۆكتىچى يازغۇچى، كىتابپۇرۇش گۈي مىنخەينىڭ قىزى ئانگىلا گۈيلەرنى ئامېرىكانىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىدا قوبۇل قىلىپ سەمىمىي سۆھبەتتە بولغان.

رەھىمە خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىم ئۇچرىشىشتا ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاپ چىققان.

رەھىمە خانىم سۆھبىتىدە نۇقتىلىق ھالدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە ئويغانمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى تېخىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

رەھىمە خانىم بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيەگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەنگلىيەنىڭمۇ بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى، ئامېرىكا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش» قانۇنىغا ئوخشاش قانۇنلارنىڭ ئەنگلىيەدىمۇ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە «خەتەر ئاستىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكادەك بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەش مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ تەقەززا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى» دېگەن.

ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىم تىۋىتتېردىكى ھېسابىدىمۇ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق ۋەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ تىۋىتتېردا مۇنداق دېگەن:

«ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلغان بىر رەھبەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نېتىن لاۋ، رەھىمە مەھمۇت ۋە ئانگىلا گۈيگە ئوخشاش ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ھوقۇقى كۈرەشچىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىمدىن خۇرسەن بولدۇم. دۆلەت مەجلىسىمىزنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى ھەر ئىككى پارتىيەگە، ھەر ئىككى پالاتاغا ئورتاق بولۇش بىلەن بىرگە ئۇزۇن مۇددەتلىكتۇر»

مەلۇم بولۇشىچە نەنسىي پېلۇسى خانىم ئۇچرىشىش جەريانىدىمۇ رەھىمە خانىمغا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىمنىڭ ئىشخانىسى 22-فېۋرال كۈنى نەنسىي پېلۇسى خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ لوندوندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا رەھىمە خانىم قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن:

«ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز خىتايدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان باتۇر جەڭچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى. . . رەھىمە مەھمۇت ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا سۆز قىلدى، ئانگېلا گۈي دادىسى گۈي مىنخەي ۋە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە سۆز قىلدى، نېيتىن لاۋ خوڭكوڭدا دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.»

باياناتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى رەھىمسىزلەرچە كۈچەيتتى ۋە تېزلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خوڭكوڭ خەلقىگە قىلغان بىر دۆلەت، ئىككى سىستېما ۋەدىسىنى بۇزدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا قائىدىلەرگە ۋە دېموكراتىك قىممەتلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. دۆلەت مەجلىسىمىزدە، دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوخشاشلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بۇ خورلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز شۇنداقلا سودا دۇنياسى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىمىزنىمۇ بىز بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.»

نەنسىي پېلۇسى خانىم ئامېرىكا سىياسەت سەھنىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتىدىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەخس بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى جازالاش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئالدىدا رەھىمە خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى يۈكسەك دەپ قارالماقتا. رەھىمە خانىم بۇنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كەلگۈسىدە ئالىدىغان قارارلىرى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.