نەنسى پېلوسى خانىم: «ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق بىزنىڭ دىققىتىمىزدە!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاجىئەلەرنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا, ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس بولغان نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مەمنۇن قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملاردىن بولغان ئاۋام پالاتاسى يېقىنقى مەزگىللەردە ئاۋازغا قويۇلۇپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئۆزىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 1-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق پائالىيەت بولدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل جۇلىي مىلساپ خانىم بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، مۇشۇ قېتىملىق مۇھاكىمە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشكە مۇمكىن بولغانلىقىنى خوشاللىق ئىچىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

«‹ئۇيغۇر ھەركىتى› تەشكىلاتى نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكى ئۈچۈن بىجانىدىللىق بىلەن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن بىر قېتىملىق سۆھبەت قىلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق. چۈنكى نەنسىي خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قېتىملىق قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىدا ئىزچىل بۇ ئىشلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوللاپ كەلدى. شۇڭا بۇ قېتىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خالىس كۆڭۈل سوۋغىسىنى نەنسى خانىمغا يوللىغاچ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، جۈملىدىن قىشلىق ئولىمپك مۇسابىقىىسنى بايقۇت قىلىش خىزمىتىدە داۋاملىق ھەقىقەت ئۈچۈن سۆز قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. بىز يىغىندا ناھايىتى ئازادە ۋە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشتۇق. بولۇپمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رېئاللىققا نىسبەتەن تەۋرەنمەس مەۋقەدە بولۇشىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى نەنسىي پېلوسى خانىمغا ئالاھىدە چۈشەندۈردۇق. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلار سادىر قىلىۋاتقان ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق سۆھبەتتە ئىككىلەمچى مەسىلە ئەمەس، ئەكسىچە مەركىزىي تېمىلاردىن بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە سۈپىتىدە سۇندۇق.»

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئىدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنى يۈزتۇرانە ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا بايان قىلىپ بېرەلىگەنلىكىدىن بەكمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالاھىدە سۆز قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىرى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومسسارى نۇرىي تۈركەل ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئىزچىل ھەققانىيەتنى ھېمايە قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىلىرىنىڭ ماقۇللىنىشى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەندە بۇنىڭغا داغدام يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىشتەك شىجائىتىگە ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەتكە قاتنىشىشى ھەمدە ئ‍ۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قىسمەن شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ۋە سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش رېئاللىققا ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، دېگەندەك پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «ئ‍ۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھۆكۈمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قېلىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەتتە نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بەكمۇ قىممەتلىك ھېساپلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇنىڭ ھازىرقى پەيتتە بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كومىسسار نۇرىي تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنى ئېلىشى ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلىشى، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر تولىمۇ سالماقلىق تېمىلار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ مۇساپىسى ۋە سۈرئىتى ئۇنچە تېز بولۇپ كەتمەيدىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭدا بىرەر تۈپلۈك ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئۇنداق ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلار ئەمەسكەن.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن نەنسى پېلوسى خانىم ئ‍ۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە يوللىغان ئۇچۇرىدا «سودا جەھەتتىكى مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ خىتايدىكى كىشىلىك ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن باش تارتساق، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك ھېچقانداق ئەخلاقىي نوپۇزىمىز قالمايدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.