نەنسىي پېلوسى: «ئادالەت-ھەممە پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق نىشانى!»

0:00 / 0:00

يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مالىيە خىراجىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنلىرى داۋام قىلىۋاتقان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان باشقا نازۇك مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى پات-پاراقچىلىققا سېلىۋاتقان بىر جىددىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق شارائىتتا ئامېرىكادىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن ئۆركەش دۆلەت ۋە نۇرىي تۈركەل بىلەن مەخسۇس يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولدى.

ئامېرىكادىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇر داۋاسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن ئۆركەش دۆلەت ۋە نۇرىي تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن مەخسۇس يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولدى. 2021-يىلى 30-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنىڭمۇ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى يىللاردىن بۇيان كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن سىياسىي پائالىيەتچى ئۆركەش دۆلەت بولۇپ، تەيۋەندىكى «مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى» بۇ ھەقتە ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىدىن مەلۇمات بەردى. يېقىندا تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان ئۆركەشمۇ ئۆزىنىڭ فېيسبوك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە يازما ئېلان ئېلان قىلىپ، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ مۇشۇنداق بىر قاتىلاڭچىلىق مەزگىلىدە ئۆزلىرىنى مەخسۇس يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بىر ئىش شۇ بولغانكى، نەنسىي پېلوسى خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا سۈيلەپ يازما ئەسكەرتمىلەرنى ئېلىپ كىرگەن كاتىپنىڭ «ۋاقىت توشۇپ قالدى» دېگەن تەكلىپىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇلار بىلەن بىر سائەتكە يېقىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش تەلىپىنى دەسلەپ بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل بۇنىڭ نەنسىي پېلوسى خانىم بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق خىزمەت مۇناسىۋىتىدە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ئۇچرىشىشتىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ قېتىمقى يۈزتۇرانە سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ نۆۋەتتە ھەممىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ھەمدە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نۇرىي تۈركەل بۇنى ھەقىقەتەنمۇ «نەتىجىلىك بىر قېتىملىق سۆھبەت بولدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى كۈتۈلمىگەن جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەت تەرتىپىنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ سالمىقى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا، بىرئاز تۆۋەنلەش بارلىققا كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نۇرى تۈركەل بۇنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت مېخانىزمى ئۈچۈن نورمال بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، شەخسلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي گەۋدىنىڭ ئورتاق پىكرى بويىچە ئىش كۆرۈلىدىغان بۇنداق سىستېمىدا مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىلگىرىلىشىدە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىشى بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.