24-نويابىر ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىغا يېقىن جايدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك زور پاجىئە يۈز بەردى. ۋەقەدىن كېيىن، پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا، ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى كەڭ كۆلەمدە قوزغالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 25- نويابىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، شاڭخەي بېيجىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق 10 نەچچە شەھەردە زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن. بۇ نامايىشلارنىڭ تەپسىلاتى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئاشكارىلىنىپ جىددىي دىققەت قوزغىدى.
سىن فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار ئۈرۈمچىدە كۆيۈپ ئۆلگەنلەرگە ھىسداشلىق قىلىش، يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلىش، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداش، ھەتتا خىتاي كومپارىيەسى ۋە شى جىڭپىڭنى ئۆرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلىغان.

نۆۋەتتە خەلقئارادىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ۋە چەت ئەللەردىكى ئەركىن مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ۋە بۇ سەۋەبلىك پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا قوزغالغان نارازىلىق نامايىشلىرى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
ئانالىزلاردا بۇ قېتىم خىتايدىكى چېكىدىن ئاشقان يۇقۇم قامالىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، نامايىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي تەلەپلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا پوزىتسىيەسى، بۇ نارازىلىق ھەركەتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى بولغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى بىلەن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يوقۇرىقى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەدىن كېيىن، پۈتكۈل خىتايدا نارازىلىق نامايىشىنىڭ قوزغىلىشىغا، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئىنسانلىق تۇيغۇسىدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىدا نورمال پائالىيەت ئەركىنلىكىدىن، تىرىكچىلىك يوللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇنچە كۆپ خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىدە، ئالدى بىلەن ئۇلاردىكى بۇ پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى سەۋەپ بولغان. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ قېتىم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ياكى خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان. ئۇلارغا تەسىر قىلغىنى، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ <يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش> قامالى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن قاراشتۇر. چۈنكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن <يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش> قامالى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ زور پاجىئەلەرنى كەلتۈرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوخشاش خەتەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان. دەل مۇشۇ خىل تۇيغۇ ئۇلاردىكى قارشىلىقنى قوزغاتقان.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە نارازىلىق نامايىشلىرىدا ئىنتايىن روشەن سىياسىي سىگنال ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشلىرىدا نۇرغۇن جايلاردىكى نامايىشچىلار ئىنتايىن ئېنىق سىياسىي تەلەپلەر ئەكس ئەتكەن شوئارلارنى توۋلىدى. ئۇلار ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى. ئۇلار <شى جىنپىڭ تەخىتىن چۈشسۇن>، <كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۇن!> دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. مېنىڭچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر سىگنال. يەنى بۇ خىتايدا ئىنسانلىقنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى، خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئىنتىلىشىنى يوقاتمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مۇستەبىت تۈزۈمدىن نارازى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئىنتايىن ئېنىق بىر سىياسىي سىگنال!»
تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەركىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىغا بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلەش بولسىمۇ، ئەمما نامايىش تەرەققىياتىدا ھەر خىل سىياسىي ئىستەكلەر ئوتتۇرىغا چىققان، دېيىشكە بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق تەلىپى يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت جەريانىدا ھەر خىل شوئارلار توۋلاندى. بۇ خىل شارائىتتا قارشىلىق ھەركىتى تەبىئىي ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭ سىياسى تەھدىت دەپ قارالغان. ئەگەر <كومپارتىيە تەخىتىن چۈشسۇن>، <شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن> دېگەن شوئارلار توۋلانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى يەنىلا شۇنداق ئېنىق.»
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، 25- نويابىر ساڭخەينىڭ «ئۈرۈمچى كوچىسى»دا، 26-نويابىر كۈنى بېيجىڭ، چېڭدۇ، چوڭچىڭ، شىئەن قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.

ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك خىتايدا قوزغالغان بۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەركەتلىرى، بېيجىڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت يېزىلمىغان ئاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشى نەتىجىسىدە «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» دەپمۇ ئاتالغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە «قامال سىياسىتى»نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇنى «دۆلەت سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن» دەپ تەشۋىق قىلغان. ساڭخەي، بېيجىڭ شەھەرلىرىدەساقچىلار ئادەم تۇتۇش، تەرتىپ ساقلاش باھانىسىدا نامايىشنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنغان. شاڭخەيدىكى تۇتقۇندا مەيداندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ نارازىلىق ھەركىتى قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە پۈتكۈل خىتاي مىقياسى ھەتتا چەت ئەللەرگىچە كېڭەيگەن.
ئاقساراي 28-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك خىتايدا قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بايانات بەرگەن. باياناتتا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 29-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ توربېتىدە ئېلان بېرىپ، خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىككى ھەپتىلىك سۇ، زاپاس يېمەكلىك ۋە دورىلارنى تەييارلىۋېلىشىنى ئۇقتۇرغان.
ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا قوزغالغان نامايىشنىڭ 29-نويابىر ۋە 30-نويابىر كۈنلىرىدىكى تەرەققىياتى، گۇاڭجۇ شەھىرى بىلەن شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان. نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەت خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئەندىشە قوزغىغان.
ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەندى نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراش ئېھتىماللىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش. ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ خەتەرگە دۇچ كەلگىنىنى ھېس قىلغىنىدا، ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىنىپ قارشىلىق ھەركىتىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.»
تېڭ بياۋ ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەركىتىنىڭ 1989-يىلدىكى بېيجىڭ تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە ئوخشاش باستۇرۇشقا ئۇچرىغان تەقدىردە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈش مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى: «1989-يىلدىكى قانلىق باستۇرۇش خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىغا دەز كەتكۈزگەن ئىدى. ئەگەر بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەركىتىنى خىتاي يەنە تانكا ۋە زامانىۋىي قۇراللار ئارقىلىق باستۇرسا، ئۇ ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ 89-يىلدىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ئىنىق. ھازىر ئىنتېرنېت دەۋرى، نۇرغۇن كىشىلەر ئويغاندى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان دىققىتىمۇ كۈچەيدى. كومپارتىيە 4-ئىيۇن قىزغىنچىلىقىنى يەنە تەكرارلىسا، ئۇ ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋپتىن ئەينى يىللىرىدىكىدەك ئاسان قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر كومپارتىيە بۇ قېتىممۇ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا، ئۆزىنىڭ ئورىسىنى ئۆزى كولىغان بولىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەنە كۆپلىگەن كۈرەش ۋە ھەمكارلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تاملىنىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا كۆپچىلىك خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز دەيدىكەن، بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىلا، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ ئۆزگىرىش بولغان بولىدۇ. كەلگۈسىدە خىتايدا ئەركىن سىياسىي مۇھىت يارىتىلغىنىدا، ئاندىن ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرىغا ۋە تەلەپلەرگە ئىمكان بولىدۇ.»
تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە «خىتايدا كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلسا، خىتايدا پارچىلىنىش كېلىپ چىقامدۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى.
«مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ جايلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار. بۇنى ھەر جايدىكى خەلق ئۆزلىرى بېكىتىشى كېرەك. يەنى ئۇلار مۇستەقىللىقنى خالامدۇ ياكى باشقا بىر ئۇسۇلدا خىتاي ئىچىدە قالامدۇ، بۇنى ھەرقايسىي خەلقلەرنىڭ ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك. ھازىر بىر قىسىم خىتايلارمۇ بۇ خىل قاراشتا. ئەمما يەنە كۆپ قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدا تېخى بۇ قاراش يېتىلمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوللايدۇ، ئۇلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى. ئەمما ئۇلار بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىۋاتىدۇ. مەيلى نېمە بولمىسۇن، ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقنى بارغانچە تونۇپ يەتمەكتە.»