NATO يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتايغا قارشى تەدبىرلەر قاتارىدا تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك بازىرى» دەپ ئاتاۋاتقان خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مۇشۇ ئارتۇقچىلىقتىن پايدىلىنىپ 21-ئەسىردىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى بولۇۋاتقانلىقى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك مۇھاكىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىدى. 1-ئىيۇن كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO ياكى ش ئا ئە ت) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن تور ئارقىلىق ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يېپىق يىغىندا ھەرقايسى مىنىستىرلار ناتونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىش پىلانى ھەمدە ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ناتونىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى «ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر جەزمەن ئ‍ۆزئارا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن مەزمۇندا ئەكس ئەتكەن. ناتونىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ دېگەنلىك ھەربىي جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى تېز ۋە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك تەييارلىقىمىزنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە مۇداپىئەگە مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى. . ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ يېڭى ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى قاتارىدا باش كۆتۈرۈشى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن بەزى يېڭى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلسىمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كۆپلىگەن خىرىسلارنىمۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاينىڭ ھازىر ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنى غايەت زور مىقداردا ھەربىي ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك دېڭىز ئارمىيە قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى يۈكسەلدۈرۈۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي تەرەققىياتقا ئ‍ىنتىلسە بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەمما ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى بىزدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. ئۇلار دېموكراتىيەگە، سۆز ئەركىنلىكىگە ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىغا قوللانغان قوپال چارىلىرى ماھىيەتتە ناتونىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. .

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر نۇقتا نۆۋەتتە ناتو دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ خىتاي ۋە روسىيەدىن كېلىۋاتقانلىقى، بۇ خىرىسلارغا قايسى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ تەنھا تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قالىدىغانلىقى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى مىنىستىرلار بىردەك مۇشۇ مەسىلىگە بېغىشلانغان «ناتو 2030 تەشەببۇسنامىسى» نى چۆرىدىگەن ھالدا دۇنيا يېڭى رىقابەت خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقاندا ناتونىڭ جەزمەن بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەتكە ھازىر بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان مىنىستىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بىلىنكېن ئەپەندى مەخسۇس سۆز قىلغان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ۋە رۇسىيە تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئ‍ۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلەر قاتارىدا ئىجرا قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ «ناتو 2030 تەشەببۇسنامىسى» ئارقىلىق ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم ئىتتىپاقداشلىق ئ‍ورنىتىش تەشەببۇسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانتونىي بىلىنكېن ئەپەندى ئالاھىدە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى ھەققىدىمۇ سۆز قىلغان. شۇنىڭدەك ناتونىڭ خىتاي تەھدىتىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىۋاتقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، گېنېرال لويد ئاستىن ئەپەندىمۇ باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ «ناتو 2030 تەشەببۇسنامىسى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ۋە روسىيەدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى چەكلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 14-ئىيۇن كۈنى رەسمىي باشلىقلار يىغىنى چاقىرىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ئەنە شۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا پېرېزىدېنتى جوۋ بايدېىنمۇ بىۋاسىتە ياۋروپاغا بېرىپ ئاشۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە «2030 تەشەببۇسنامىسى» ھەققىدە دەسلەپكى قارار ئېلىنىدىكەن.

يىغىندىن كېيىن ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «بۇ قېتىمقى يىغىن ھەرقايسى مىنىستىرلار ئۈچۈن تولىمۇ ئۇتۇقلۇق بىر قېتىملىق سۆھبەت بولدى. باش كاتىب ستولتېنبېرگ ئەپەندىنىڭ ‹ناتو 2030 تەشەببۇسنامىسى› ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز. شۇنىڭدەك ئىيۇن ئېيىدىكى يىغىندا بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىنى داۋام قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.