ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تۇنجى قېتىم خىتاي تەھدىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن

0:00 / 0:00

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى 28-ئىيۇن كۈنى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد شەھىرىدە باشلانغان. مەزكۇر يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كەلگۈسى ئون يىللىق ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيەدە خىتاي تەھدىتى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرېتارى جىنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىنى ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق بىر يىغىن بولىدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇ 27-ماي كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:

«مادرىدتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى نۇرغۇن مۇھىم قارارلىرى بىلەن بىرگە ئىنتايىن پەرقلىق بىر يىغىن بولىدۇ. ئۇ يېڭى خەۋپسىزلىك رېئاللىقىنى نەزەردە تۇتقان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قەتئىيلىكى (deterrence) ۋە مۇداپىئەسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. . . .»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ يېڭى ئۇقۇمىمىز ھازىرقى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت دەۋرىدە بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەن بۇ يىغىندا ئىتتىپاقداشلارنىڭ رۇسىيەنى بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە بىۋاسىتە تەھدىت دېگەننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن. يىغىندا بىز يەنە تۇنجى قېتىم خىتاينى مۇزاكىرە قىلىمىز، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز، مەنپەئەتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزغا پەيدا قىلىۋاتقان رىقابىتىنى تۇنجى قېتىم مۇزاكىرىگە قويىمىز».

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ تەرەققىياتنى قارشى ئېلىپ «غەرب ئاخىرى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىۋاتىدۇ»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«غەرب ئاخىرى خىتايغا رېئال مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرغىچە قوللانمىغان توندا گەپ قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە بۇ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك ئالاقە ئورنىتىش تەرەپدارى بولۇپ كەلگەن، گەرچە ناتونىڭ پوزىتسىيەسى ھېلىھەم شۇنداق بولسىمۇ ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزى ئۇلارنىڭ رۇسىيەگە بولغاندەك خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنىمۇ ئۆزگەرتتى».

ناتودىكى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ «ئەل-جەزىرە» قانىلىغا ئېيتىشىچى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينى كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن تىلغا ئېلىش ھەققىدە كۆپرەك بېسىم قىلىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا خىتاينى «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ ئاتاش ياكى ئۇنىڭ ھەققىدە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىبارە قوللىنىش ھەققىدە تالاش-تارتىشلار بولىدىكەن.

ئەمما ئاق ساراي بۇ يىغىندا ناتو دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىبارە قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ كامىللىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ھۆججىتىدە خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.» دېگەن. ئۇ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدىكى ئاساسلىق تېمىنىڭ خىتاي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە، تۇنجى قېتىم خىتاي تەھدىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ناتو دۆلەتلىرى بولمىغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە كورېيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىشى خىتاي جەھەتتىن ئالغاندا ئالاھىدە مەنىلىك ئىكەن.

گوردون چاڭ ئەپەندى سۆزىدە مەيلى ناتو خىتاينى «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ ئاتىسىمۇ ئەمما خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ناتو دۆلەتلىرى بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلىشىش نەتىجىسىدە خىتاينى سىستېمىلىق رىقابەتچى، دەپ ئاتىشى مۇمكىن. چۈنكى گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە يەنىلا خىتايغا ئىجابىيراق كۆز قاراشتا. شۇڭا ئۇلار كۈچلۈكرەك بىر تون بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەمما خىتاينىڭ داۋاملىق ھالدا زىيانلىق ھەرىكەتلەردە بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇ ئاخىرى بېرىپ ناتو دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە كۈچلۈك تىل قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»

ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن گېرمانىيەدە G7 دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندىمۇ ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سودا ساھەسىگە پەيدا قىلىۋاتقان زىيىنىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.

28-ئىيۇن كۈنى، ئاق ساراي G7 دۆلەتلىرى يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا «ئامېرىكا G7 دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ» دېگەن.

باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«بۈگۈن پرېزىدېنت بايدېن G7 رەھبەرلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، تور بوشلۇقى ۋە كىۋانت قاتارلىق 21-ئەسىردىكى خىرىسلار، جۈملىدىن خىتاينىڭ بىزنىڭ ئەمگەكچىلىرىمىز، شىركەتلىرىمىز ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتلىرىمىزگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان G7 دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورگانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.»

باياناتتا G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىمۇ مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«G7 دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ناتوغرا ئىقتىسادىي ئەمەللىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى. G7 دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قارشى كوللېكتىپ ۋە ھازىرغىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىبارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ۋە بازارنى بۇرمىلاش ھەرىكەتلىرىنى تونۇيدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ. . . G7 دۆلەتلىرى مەسئۇلىيەتچان، سىجىل ۋە ئوچۇق تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى بەرپا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. G7 دۆلەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ. G7 دۆلەتلىرى دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەيدۇ، بۇلار روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشى، بىرمىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. G7 دۆلەتلىرى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشنى تېزلىتىشكە ۋەدە بېرىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت شىنجاڭغا ئوخشاش دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت.»

گوردون چاڭ ئەپەندى سۆزىدە بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ يۈزلىنىشلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ تولىمۇ چوڭ ئىش. ئامېرىكا ۋە G7 دۆلەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي قىلسا، بۇ خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشتەك ئورنىغا خاتىمە بېرىدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن زور قىيىنچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋەقە.»

ئەل-جەزىرەنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ناتو ۋە G7 دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنلىرىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا «غەربنىڭ خىتاي تەھدىتى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ۋە باستۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنى قوغداش» دەپ كۆرسەتكەن.

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 يىغىنىنى ئاياغلاشتۇرۇپ 28-ئىيۇن كۈنى ئىسپانىيەگە يېتىپ كەلگەن رەھبەرلەر 29-ۋە 30-ئىيۇن كۈنلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم مۇزاكىرىلەردە بولىدىكەن. مەزكۇر يىغىننىڭ تولۇق مەزمۇنلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.