جوش روگېن: «NATO نىڭ شەرقتىن خىتاينى قىسماققا ئېلىشىغا خىتاينىڭ ئۆزى سەۋەبچى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.07.17
ناتونىڭ يېڭى پىلانى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە رەزىل قىلمىشلىرىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2021-يىلى 12-ئىيۇن، بىريۇسسېل.
AFP

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغاندا، ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى بارراك ئوباما ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ رايوننى خىتايغا تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. جوۋ بايدېن دەۋرىدە ئامېرىكا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىشىپ «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە NATO ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتىمۇ تىغ ئۇچىنى خىتايغا قاراتقان بولۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىكىنىڭ غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. NATO نى «ئامېرىكانىڭ ئايپالتىسى» دەپ تەرىپلەيدىغان خىتاي، NATO نىڭ ئاسىياغا كېڭىيىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەل-جەزىرە» تورىنىڭ 12-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، NATO نىڭ يېتەكچىلىكىدە لىتۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە كورېيە رەھبەرلىرى NATO نىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي تەھدىتىگە قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، مەقسەت-نىشانى ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشى مۇتلەق مەخپىي. ئۇلار يەنە يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغاپ، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇپ، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالماقتا».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور NATO نىڭ لىتۋادىكى بۇ يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «NATO ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ھەم رۇسىيەدىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىياغا كېڭىيىشكە تىرىشتى. بىز خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ مۇداپىئە كېلىشىمى، تەشكىلات ۋە يىغىنلارغا قاتناشتۇرۇۋاتىمىز، بۇ ئىشلار دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىندەك غالجىرلاشقان مۇستەبىتلەرگە قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشى ھەم ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە».

NATO نىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە تىنچلىقنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەۋالغان ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ NATO ئۈچۈن مۇھىم رايون ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشنىڭ ياۋروپا ۋە ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاندېرىس كور، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەرگىز خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قايسى دۆلەت ئۆزىنى خىتايدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، مۇستەبىت بىر دۆلەتنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدۇ؟ ئاسىيا ھەرگىز خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى ئەمەس، ئەمما كوممۇنىست خىتاي شۇنداق دېيىشكە ئامراق. خىتاي ئۆزىنى بۇ رايوندا چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنى تالىشىدۇ. ئەلۋەتتە بىز بۇنداق قاراشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز».

خىتاي NATO نىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى NATO نىڭ ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن؛ خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، «NATO دېگەن بۇ تەشكىلات ئامېرىكانىڭ قورال-نەيزىسى، دۇنيادىكى بارچە ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى» دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ «شەرقىي ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق شتابى» نى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خىتاي ئارمىيەسىنى «مۇقىمسىز ئامىللارغا تەييارلىق قىلىش» قا چاقىرغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى 3 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىغانىدى. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى خىتاي ئارمىيەسى 3 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن؛ خىتاي ئارمىيىسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ ئۇلارنى چارلىغان.

بۇ يىل 6-ئايدا، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، ئامېرىكانىڭ NATO دەك بىر تەشكىلاتنى ئاسىياغا سۆرەپ كىرىپ، «بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، قەستەن توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون تەھدىتىدىن ئەنسىرەپ NATO بىلەن ھەمكارلىشىش قەدىمىنى باسقان بولۇپ، NATO نىڭ بۇ قېتىم ئاچقان يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتى بۇنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم NATO نىڭ بۇ يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي پەيدا قىلغان تەھدىتكە قارشى NATO غا قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

داڭلىق ئوبزورچى جوش روگىن (Josh Rogin) 13-ئىيۇل كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي NATO بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولغانلىقىنى، يەنى خىتاي تەھدىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنى NATO نىڭ قوينىغا ئىتتىرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

لىتۋادا ئېچىلغان يىغىندا، كورېيە پرېزىدېنتى يون سۇكيول (Youn Suk Yeol) NATO باش كاتىپى، گېنېرال جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) بىلەن سۆھبەتلىشىپ، NATO بىلەن ھەربىي ئالاقە، تور بىخەتەرلىكى، مۇداپىئە سېپىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 11 ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتقان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينى چەكلەش جەھەتتە NATO بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەن. ھالبۇكى، فىرانسىيە بۇ جەھەتتە ياپونىيە بىلەن كېرىيەگە يېتەلمىگەن. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون NATO نىڭ توكيودا ئىشخانا قۇرۇشىغا قارشى چىققان بولۇپ، ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈگىمەي تۇرۇپ خىتاي بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ، دېگەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدىن بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، «NATO نىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئۇكرائىنانىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى؛ بىز ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى قوغداش، ئورتاق نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، NATO خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بىرەر جەڭ قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يېنىغا تارتقان، بۇنداق بولغاندا خىتاي بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلگىنى ئۈچۈن، NATO نىڭ ئاسىياغا كېڭىيىشىنى ھەزىم قىلالمىغان.

جوش راگېن بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىنى NATO غا يېقىنلىشىشتىن توسۇشى ئەكسىچە ئۈنۈم بەرمەكتە. بۇ ھەرگىز ئامېرىكا باشچىلىق قىلىۋاتقان خىتاينى چەكلەش ھەرىكىتى ئەمەس. بەلكى ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.