غەرب دۇنياسىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى خەلقئارا ھەربىي ئىتتىپاقى بولغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) 1949-يىلى 4-ئاپرېلدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىكى 29 ئەزا دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن كېلىدىغان ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى تەھلىكىلىرىنى توسۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەنلىكى مەلۇم. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا قارشى قۇرۇپ چىققان «ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى» سوۋېت دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ «ش ئا ئە ت» بالقان رايونى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە پائال ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ش ئا ئە ت» نىڭ پات يېقىندا ياپونىيەدە ۋاكالەتخانا ئاچىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ بۇ ئەھۋالنى «NATO نىڭ ئاسىيادىكى كېڭىيىش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي بىر بالداق يۈكسىلىشى» دەپ خۇلاسىلىدى.
NATO نىڭ ئاسىيادىكى كېڭىيىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەمەلىيەتتە 2022-يىلى ئىيۇلدىكى مادرىد يىغىنى مەزگىلىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا NATO غا ئەزا بولمىغان ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) نىڭ «شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەنكى، ئۇكرائىنانىڭ بۈگۈنى شەرقىي ئاسىيانىڭ ئەتىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىشى بىلەن بۇ ھادىسە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. 2023-يىلى فېۋرالدا «ش ئا ئە ت» نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە تۆت كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن بۇ ھال ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ كەڭ يەر ئالغان. شۇ ۋاقىتتىلا «ش ئا ئە ت» نىڭ ئاسىيا رايونىدا يېڭىدىن ئەزا كۆپەيتىشى، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ مەسىلىگە بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققۇچى تەبىئىي رەۋىشتە خىتاي ھۆكۈمىتى بولدى ھەمدە بۇنى «خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشى» دەپ يەكۈنلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ توغرىسىدا تېزدىن ئوبزور ئېلان قىلىپ: «NATO نىڭ ئاسىياغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇشى شۈبھىسىزكى ئاسىيا رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مالىمانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «دۆلىتىمىز ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقى، ھەمكارلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. NATO نىڭ ئاسىيانى مالىمان قىلىشىغا بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.
ھالبۇكى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتتېنجىر (Matt Pottinger) 4-ماي كۈنى «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىزچىل رەۋىشتە «خىتاي باي بولسا دېموكراتىيەگە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىدۇ» دېگەن تەسەۋۋۇرنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي باي بولغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە «كاپىتالىزم ھالاك بولىدۇ، سوتسىيالىزم غەلىبە قازىنىدۇ» دېگەن ئەقىدە بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاقىۋەتتە بولسا باي بولغان خىتاينىڭ دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتورا سىستېمىسىنى دۇنياغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوبرازلىق قىلىپ «غەرب دۇنياسى ئۆتمۈشتە لەھەڭ بالىسىنى بېقىپ ئۇنىڭ دېلفىنغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. بىز بېقىپ سەمرىتكەن بۇ لەھەڭ بالىسى ھازىر بارغانسېرى يوغىناپ دېلفىنگە ئەمەس، بەلكى زور بىر ئاق لەھەڭگە ئايلاندى» دېگەن. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشى ۋە تەيۋەننىڭ تىنچلىقتا مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى خىتاي زومىگەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىش يۈزلىنىشى تەبىئىي ھالدا غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق خەۋپكە ئايلىنىۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا بەزى ئورتاق چارىلارنى ئىشقا سېلىشتا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق ئەھۋالدا «ش ئا ئە ت» نىڭ ياپونىيەدە ۋاكالەتخانا ئېچىشىنى بۇ خىل يۈزلىنىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم دېيىش مۇمكىن. ئەمما «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل گرېن (Michael Green) نىڭ قارىشىچە، NATO نى بىۋاستە ھالدا ئاسىياغا كېڭەيتىشتىن كۆرە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» (QUAD) نى «ش ئا ئە ت» گە ئوخشاش بىر ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مۇھىم پىكىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزىلەر ھازىر ‹تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى› نى NATO غا ئوخشاش بىر تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزئارا كېلىشىملەر ۋە شەرتنامىلەر ئاساسىدا بۇ تۆت دۆلەتنىڭ قايسى بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا قالغانلار بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ھالبۇكى كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاسىيا تەۋەسىدە ھېچقاچان NATO غا ئوخشاش كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ باقمىغان. چۈنكى ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئىشەنچ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. قارايدىغان بولساق ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە بىردەك ئامېرىكا ئۈچۈن ئورتاق ھەمكارلىق ئوبيېكتلىرى بولسىمۇ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەنئەنىۋى ۋە ھەقىقىي دوستلۇق يوق. ئەمدى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قۇرۇلغان NATO نى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئېھتىياجى مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بولۇۋاتقان ياۋروپادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي بىلەن بەكرەك ۋە قويۇقراق ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى رېئاللىق ھازىر ئۇلارنى ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا ئۈندەۋاتىدۇ. ياپونىيە، كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە بولسا خىتايغا ئەمەس، ئامېرىكاغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەت بىلەن سودا قىلىشنى مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشاتساق، مەبلەغ سېلىشنى تويلىشىشقا ئوخشىتىش مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ‹مۇھەببەتلىشىش› ھەرقاچان تۇراقسىز ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىشچان بولىدۇ؛ ‹نىكاھ› بولسا ئۇنداق ئەمەس. ھالبۇكى، خىتاي بىلەن بۇنچە قويۇق سودا ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىدە بولۇپ تۇرۇقلۇق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيادا NATO غا ئوخشاش كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ چىقىشى ھەمدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى رېئاللىقتىن بىرئاز يىراق. بۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغان تەقدىردىمۇ NATO غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن يامانلىشىپ قېلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن.»
بۇ خىل رېئاللىققا قارىتا «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى دوكتۇر ياڭ جيەنلى (Yang Jianli) NATO غا ئوخشاش سىياسىي ياكى ھەربىي ئىتتىپاقتىن كۆرە ئىقتىسادىي ئىتتىپاق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر «ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىش، بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئامېرىكاغا تايىنىش» ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىككى دۆلەتكە ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى قىسمەن ھالدا «ئامانەت» كە قويۇپ كەلگەن. ئەمما كېيىنكى رېئاللىق خىتايغا بولغان «ئامانەت» نىڭ تولىمۇ ئىشەنچسىز بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېدۇق:
«قارايدىغان بولساق ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى، بولۇپمۇ دېموكراتىيە دۇنياسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى، يەنە كېلىپ ياۋروپانىڭ نېفىت، گاز ۋە ئاشلىقتا رۇسىيەگە ئېغىر دەرىجىدە باغلىنىپ قالغانلىقى پۇتىننىڭ خورىكىنى بەكلا ئۆستۈرۈۋەتتى. ئەمدى شۇنى كۆرمەكتىمىزكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىمۇ شى جىنپىڭنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغىمۇ ئاسىيادىكى كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭمۇ سەۋەبى يەنە شۇ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. نەتىجىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ‹ئامېرىكا بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقساق مۇتلەق بىخەتەر بولىمىز› دەيدىغان قاراشنىڭ ئەخمىقانە پىكىر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرنى قوغداشقا تىرىشسىمۇ خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ھازىر ئامېرىكا يېتىشەلەيدىغان دائىرىدىن ئېشىپ كەتمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئاسىيا قىتئەسىدە ‹ئىقتىسادىي NATO› قۇرۇپ چىقىشقا زېھىن قويۇشى لازىم. چۈنكى ھازىر تەيۋەن بوغۇزى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلى دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا NATO ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىگە چىقالىغان بىلەن ئاسىيادىكى بۇ جىددىي ۋەزىيەتكە قول تىققۇدەك NATO مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئامېرىكا بۇ رايوندا بىر يېڭى ئىقتىسادىي NATO قۇرۇپ چىقسا بۇ ھازىرقى رېئاللىققا ئەڭ مۇۋاپىق.»
ئاسىيا قىتئەسىدىكى بۇ خىل يېڭى ھەمكارلىق بىرلىكى مەسىلىسىدە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ قانداق نامدا ياكى شەكىلدە بارلىققا كېلىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ قاچان ۋە قانداق سۈرئەتتە ۋۇجۇدقا كېلىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ رايون زومىگەرلىكىگە قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشتۇر.
مايكىل گرېن (Michael Green) نىڭ قارىشىچە، NATO شەكلىدىكى بىر كوللېكتىپنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ھازىر خىتاينىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان زومىگەرلىك ۋە ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرى تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ماھىيەتتە خىتاي مۇشۇنداق بىر كوللېكتىپنى پەيدا بولۇشقا قىستاش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ناۋادا بۇ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشسا ئۇ ھالدا خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولۇپ چىقىدۇ.
«ئەمما يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق ‹تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى› يەنە كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە. ئەگەر خىتاي داۋاملىق ھالدا بىزنى قىستاۋەرسە بۇ ئىتتىپاق تەبىئىي رەۋىشتە بىر يېڭى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزمى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ يېڭى ئىتتىپاق ئەڭ ياخشى تەمىن ئېتەلەيدىغان ئامىل دەل ئۇلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان تاۋار مەنبەسىنى ئېچىشتۇر. گەرچە ھازىر خىتاي بار كۈچى بىلەن ئۆز ھەربىي قۇۋۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان ئېنېرگىيەگە زور دەرىجىدە بېقىنىپ قالغان. ھازىر ئاز دېگەندىمۇ خىتايغا لازىملىق ئېنېرگىيەنىڭ يېرىمى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇلار بىر ئىتتىپاق بولۇپ شۇنداقلا قىسماققا ئالسا خىتاي ئۈچۈن ئېنېرگىيە يولى بىراقلا كېسىلىدۇ. ناۋادا خىتاي ھازىرقى پەيلىدىن يانماي بىزنى قىستايمەن دېسە، شۇنىڭدەك ھەربىي ئىغۋاگەرلىكتىن ئۆزىنى تارتمىسا بۇ ئاقىۋەتنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چۈنكى دېڭىز كونتروللۇقىدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە راۋۇرۇس قۇدرەتكە ئىگە.»
دوكتۇر ياڭ جيەنلىمۇ مۇشۇ خىلدىكى خىتاينى چەكلەش پىكرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېڭىدىن دۇنياغا كېلىشى زۆۈر بولغان «ئىقتىسادىي NATO» ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق رولى ئارقىلىق خىتاينى چەكلەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىرىنچىدىن، بۇ ئىتتىپاق NATO نىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قوغدىنىش مېخانىزمىغا دائىر پرىنسىپلارنى ئىجرا قىلالايدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق بىرەر ئاسىيا دۆلىتىنى بوزەك قىلماقچى بولسا بۇ ئىتتىپاق ئۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئىككىنچىدىن، ‹ئىقتىسادىي NATO› تەبىئىي رەۋىشتە ‹تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى›نىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەمما بۇنىڭدا بىر قاتار مەسىلىلەر بولۇپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بازار جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر يېڭى ئىتتىپاق قىلالايدىغان ئىش بۇ توسالغۇلارنى تۈگىتەلەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاسىيا قىتئەسى ۋە دۇنيا ئۈچۈن يېڭى ئىقتىسادىي قۇدرەت مەركىزى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ بولسا ئۇنىڭ ئۈچىنچى رولى بولۇپ قالىدۇ. تۆتىنچىدىن، بۇ قەدەملەر ئەمەلگە ئاشقاندا ‹ئىقتىسادىي NATO› تەبىئىيلا زالىملىق دەۋران سۈرگەن مۇھىتقا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ نۇرىنى چاچىدۇ ھەمدە ئۇ جايدىكى خەلقلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. خۇددى ھازىر ئامېرىكا دۇنيادىكى ھەممىلا كىشى تەلپۈنىدىغان بىر جاي بولۇپ قالغاندەك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم شەكىللىنىدۇ.»
ياۋروپانى مەركەز قىلغان NATO نىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە كېڭىيىش مەسىلىسى گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولمىسىمۇ ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ قانداقلا بولسۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىكتىن بېشارەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ دۈشمىنى» بولغان غەرب دۇنياسى قولغا كەلتۈرگەن خىتايغا قارشى ئۇتۇقلار قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋاسىتىلىك بولسىمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
نۆۋەتتە ئاسىيا رايونىدا مۇشۇنداق بىر يېڭى ئىتتىپاقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئاقسارايمۇ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپتىكى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.