NATO باش كاتىپى ۋە 266 پارلامېنت ئەزاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى» نى تاپشۇرۇۋالدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىرقىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەيىبلىشى تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، NATO يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناجى جىنىسلى ئەپەندى پارتىيەسى تەرىپىدىن 4 تىلدا تەييارلانغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ماۋزۇلۇق دوكلاتنى NATO يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەپەندى ۋە 30 دۆلەتتىن كەلگەن 266 پارلامېنت ئەزاسىغا تارقىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.

پارلامېنت ئەزاسى ناجى جىنىسلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلات ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات تەييارلىغان ئىدۇق. 53 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ھەتتا بەزى لاگېر شاھىتلىرىنى سۆزلىتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە 4 تىلدا دوكلات تەييارلىغان ئىدۇق. بۇنى تۈركىيەدە ئەتراپلىق تەييارلانغان تۇنجى دوكلات دېيىشكە بولىدۇ».

ناجى جىنىسلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر دوكلاتنى تەشكىلات باش كاتىپى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 30 دۆلەتتىن 266 پارلامېنت ئەزاسى بار. مەن پارتىيەمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى دوكلاتىنى باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ئەپەندى بىلەن 266 پارلامېنت ئەزاسىغا تارقىتىپ بەردىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكالىق باشلىقىغىمۇ بەردىم. بۇلاردىن سىرت مەن بىلىدىغان كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغىمۇ ئەۋەتىپ بەردىم. جەمئىي 350 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسىغا ئەۋەتىپ بەردىم».

ئۇ، پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالسا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى: «بۇرۇن چوڭلىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بىلىدىغان شەخسلەر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشتا دەۋاگەرلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدى. ھەتتا بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەك ئىدى. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىمىز بولىدۇ».

ئۇ، 3 يىلدىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى مەركىزىدىكى يىغىنلىرىدا ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. ھەتتا ئۆتكەن يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتاي توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى. ئەسلىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدۇق. لېكىن كورونا ۋاباسى تۈپەيلى خىتايغىمۇ بارالمىدۇق».

ناجى جىنىسلى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى يازما ھۆججەت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. شۇڭا بىز سۆزلىگەندە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 72 يىلدىن بۇيان ئىسكەنجە، تەك جازاسى، بېسىم ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر».

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى 1949-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 12 دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا 18 دۆلەت قوشۇلۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 30 غا يەتكەن. ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ياخشى» پارتىيەسىگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا شۇنداقلا خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.