NATO پارلامېنت ئەزالىرى مەسئۇلى سېئۇلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، NATO، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناجى جىنىسلى ئەپەندى 21-ئۆكتەبىر جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ناجى جىنىسلى ئەپەندى سېئۇلدىكى يىغىن مەيدانىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «سېئۇلدىكى 4 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى›ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن بۇ يىغىنغا NATO پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە قاتناشتىم. مەن بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزۈمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».

ناجى جىنىسلى ئەپەندى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان 4 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنى ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ قارىغان بولغاچقا، مەزكۇر دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىكەن. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىمۇ كۆزىتىدىكەن. يىغىندا شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەن جازاسى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كىشىلەر ئاڭلىتىلدى. مەن يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».

تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ناتو نىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناجى جىنىسلى ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2022-يىلى 21-ئۆكتەبىر، سېئۇل، جەنۇبىي كورېيە.

ناجى جىنىسلى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ NATO پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارادا داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم، بۇ مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا يىغىنلاردا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ئەمەس. بۇرۇن ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە چاقىرىلغان يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مەن مەنسۇپ بولغان‹ئىيى› پارتىيەسى تەرىپىدىن 4 تىلدا تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ناتو، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەپەندى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەنىدىم. تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن».

ناجى جىنىسلى ئەپەندى يىغىندىن باشقا يەنە ھازىر ناتوغا ئەزا 21 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 13 دۆلەتتىن كەلگەن 21 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يەردە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. سېئۇلدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. بەزى مۇھىم ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇتلارنى، ھەتتا بەزى مۇھىم ھەربىي رايونلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق».

ناجى جىنىسلى ئەپەندى جەنۇبىي كورېيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ‹شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› ناملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۆپ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى جەنۇبىي كورېيە دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. جەنۇبىي كورېيە ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا ئاۋازىنى چىقىرالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىز جەنۇبىي كورېيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىسى زور دەپ ئويلايمەن».

«ئىيى» پارتىيەسىگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى 4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا شۇنداقلا خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.